5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر كاڭ يۈشىن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بورھان توختى، مۇئاۋىن ھاكىم ياسىن ھاجى قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلاردىكى يولداشلارنى باشلاپ، شىڭ پىڭ يېزا كۆنچى كەنتى قاتارلىق ئاپەت ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر جايلارغا بېرىپ، كېۋەزنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە يېزا بازار ۋە يېزا-ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تارماقلاردىن پاختىكارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن شىڭ پىڭ يېزىسىدا ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى
5-ماي كېچىدىن 15-ماي چۈشكىچە، لوپنۇر ناھىيىسى بوران، قاتتىق يامغۇر، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن ئىبارەت ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شامال كۈچى 5-6 بالدىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 9 بالغا چىقتى، 15-ماي ئەتىگەن سائەت 1:30 دىن باشلاپ كىچىك، ئوتتۇراھال يامغۇر ياغدى، چۈشتىن بۇرۇن يامغۇر قاتتىق يېغىپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى 28.9 مىللىمېتىرغا يېتىپ، تېمپېراتۇرا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 10 گرادۇس تۆۋەنلىدى. بۇ قېتىمقى بوران، قاتتىق يامغۇر، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن ئىبارەت ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى ناھىيىمىز دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى، ھازىرغا قەدەر ناھىيىمىزدە 136400 مو كېۋەز زىيانغا ئۇچرىغان، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن 16479 تۇياق چارۋا توڭلاپ ئۆلگەن، 1444 مو نەشپۈتلۈك زىيانغا ئۇچرىغان، 8 كەپە قاتتىق بوران سەۋەبىدىن يىرتىلىپ كەتكەن، 78 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كىيىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت خەلق ئىشلىرى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇغۇرتا قاتارلىق تارماقلارنى باشلاپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەز ئېتىزى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە تېزلىكتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يىغىنى چاقىرىپ، پائال تەدبىر قوللۇنۇپ ئاپەت زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى.

ليۇ فۇلىن شۈجى ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەز مايسىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى
17-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ليۇ فۇلىن شۈجى يەنە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر كاڭ يۈشىن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بورھان توختى، مۇئاۋىن ھاكىم ياسىن ھاجى قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلاردىكى يولداشلارنى باشلاپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر بولغان شىڭ پىڭ يېزا كۆنچى كەنتى ۋە شاڭ ياڭ كەنتلىرىگە بېرىپ، كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئاپەتتىن كىيىنكى ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە يېزا بازار ۋە يېزا-ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تارماقلاردىن پاختىكارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەملىشىشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
نۆۋەتتە ناھىيىمىز ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقان-چارۋىچىلارغا ياردەملىشىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرماقتا. بىرىنچى، كېۋەز ئۇرۇقى كارخانىلىرىنى جىددىي ماسلاشتۇرۇپ، كېۋەز ئۇرۇقى، يوپۇق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەز ئېتىزىنى قايتىدىن تېرىش، تولۇقلاپ تېرىش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈلدى. سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا-ئىگىلىك سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، ماددىي بويۇم تۆلەم شەكلى ئارقىلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۇرۇقى ئۆز ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى، نۆۋەتتە 320 توننا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كېۋەز ئۇرۇقى يۆتكەپ كېلىنىپ، يېزا بازارلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈشكە باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، يېزا بازارلاردىكى كادىرلار ۋە يېزا-ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى تېز سۈرئەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان كېۋەز ئېتىزلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بۆلەكلەر ۋە نۇقتىلار بويىچە ھۆددىگە ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاۋا ئېچىلغاندىن كىيىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قايتىدىن تېرىپ ۋە تولۇقلاپ تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەندى ۋە سەپەرۋەر قىلىندى. ئىككىنچى، بۇ قېتىم تېمېراتۇرا تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن 16479 تۇياق چارۋا توڭلاپ ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەن چارۋىلار ئاساسلىقى دۆڭقوتان، قارچۇغا يېزىسى قاتارلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن، ھازىر چارۋىلارنىڭ يۇڭىنى قىرقىيدىغان مەزگىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە چارۋا قوتانلىرى ئاددىي، شامال توسۇش ئىسسىقلىق ساقلاش شارائىتى ناچار بولغانلىقتىن، چارۋىلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. نۆۋەتتە 400 توننا يەم-خەشەك يۆتكەپ كېلىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان چارۋىچىلارغا تارقىتىلىشقا باشلاندى. ئۈچىنچى، يېزا بازار ۋە خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۆز ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئىدىيە جەھەتتىن تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ ئاساسىي ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەمدە بولدى.

ليۇ فۇلىن شۈجى ئىشلەپچىقىرىش ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى

ئىشلەپچىقىرىش ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلماقتا