بۇيىل 5-ئاي بولسا ئاپتونوم رايوننىڭ 28-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيىسى خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ يەتتە يېزا بىر بازارغا بېرىپ، دېھقان-چارۋىچى ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ باردى ھەمدە ئۇلارغا «ئىتتىپاقلىق گۈللىرى لوپنۇردا پورەكلەپ ئېچىلدى» قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇقۇشلۇقىدىن 7000 پارچىدىن ئارتۇق تارقىتىپ بەردى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئۇقۇشلۇقى ھەدىيە قىلىندى

ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىلدى
ساۋ شۈجى خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ ھەربىر يېزا بازارغا بارغاندا، ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئاممىباب تىل ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا يۈز تۇرانە پىكىرلەشتى. ساۋ شۈجى يەنە يېزا بازارلارنىڭ يېزا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، يىراق مۇساپىلىك مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئۆيى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتى جەريانىدا، ناھىيىمىز يەنە تۆۋەندىكى تېمىلار ئاساس قىلىنغان تەشۋىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ:
1. مەملىكەتلىك شىنجاڭغا سېستىمىلار بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشىنى گەۋدىلىك ياخشى ئېلىپ بېرىش.
2. ناھىيىمىزنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايەندە قىلىش تەشۋىقاتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئېلىپ بېرىش.
3. شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ» تەربىيىسى تەشۋىقاتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش.
4. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش.
5. «بەش قاراش» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش.
6. «ئەتراپىمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر» بويىچە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش.
7. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بەرپا قىلىشنى باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش.
8. «ھەممدىلا مۇقىملىقنى سۆزلەش» ئاساسىي تېما قىلىنغان ماقالە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش.
9. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مەدەنىيەت بىلىملىرى تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش.
10. ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» نىڭ تەشۋىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.
11. باشقا تەشۋىق تەربىيە پائالىيەتلىرى.