对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.05.15    يوقلىنىش قېتىم سانى :

14-ماي كېچىدىن 15-ماي چۈشكىچە، لوپنۇر ناھىيىسى بوران، قاتتىق يامغۇر، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىن ئىبارەت ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، شامال كۈچى 5-6 بالدىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 9 بالغا چىقتى، 15-ماي ئەتىگەن سائەت 1:30 دىن باشلاپ كىچىك، ئوتتۇراھال يامغۇر ياغدى، چۈشتىن بۇرۇن يامغۇر قاتتىق يېغىپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى 28.9 مىللىمېتىرغا يېتىپ، تېمپېراتۇرا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 10 گرادۇس تۆۋەنلىدى.

5-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بالدۇردىلا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان يېزا بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا-ئىگىلىك زىرائەتلىرى، چارۋا-مال، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە يېزا بازارلارنى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۆز ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

چۈشتىن كىيىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە يېزا بازار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى ھەمدە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتمە بەردى: بىرىنچى، ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاپەت ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكىلاپ ئۆز ۋاقتىدا ئوبلاستقا يوللىشى لازىم. ئىككىنچى، يېزا بازارلار ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغان دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۆز ۋاقتىدا بىخەتەر جايغا ئورۇنلاشتۇرىشى؛ خەلق ئىشلىرى تارمىقى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرىشىگە پائال ياردەملىشىشى لازىم. ئۈچىنچى، تارماقلار نۆۋەتتە ئىگەللىگەن ئاپەت ئەھۋالى ئاساسىدا، قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى ياخشى تۈزۈش بىلەن بىرۋاقىتتا، كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان قىراۋ ئۈششۈكى قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىغا قارىتا، تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى پائال ياخشى ئىشلىشى لازىم. تۆتىنچى، ناھىيىمىزدىكى چارۋىچىلار ئۇچرىغان زىيانغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار ئەمەلىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان قۇتقۇزۇش چارىسىنى تېپىپ چىقىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى لازىم. بەشىنچى، مېتېئورولوگىيە تارمىقى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنى ئۆلچەش ئالدىن مەلۇمات قىلىش خىزمىتىنى ئۆزلۈكسىز ياخشى ئىشلىشى، قاتناش، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق تارماقلار بىخەتەرلىك مۇداپىئەلىنىش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دىجۈرنىلىك قىلىش، ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

15-ماي چۈشتىن كىيىن سائەت 17:00 گىچە، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىدا 116400 مو كېۋەز زىيانغا ئۇچرىغان، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن 4543 تۇياق چارۋا توڭلاپ ئۆلگەن، 1444 مو نەشپۈتلۈك زىيانغا ئۇچرىغان، 78 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن، ئۇندىن باشقا 512 ئېغىز ئۆيدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە يامغۇر ئۆتكەن ياكى زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئادەم يارلىنىش ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器