对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن تارىم يېزىسىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.05.13    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر كاڭ يۈشىن، مۇئاۋىن ھاكىم ياسىن ھاجى قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى سۇ ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرىنى باشلاپ، تارىم يېزىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

ليۇ فۇلىن شۈجى تارىم يېزىسىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

ليۇ فۇلىن شۈجى تارىم يېزىسى چوڭكۆل كەنتىنىڭ ئەتىيازلىق سۇغىرىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالى ۋە مايسا چىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ناھىيىمىزدە 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتى باشلانغان، ھازىرغىچە ناھىيىمىزدە يېزا-ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىدىن 110 مىليون كۇب مېتىر سۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 500 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلدى. تارىم يېزىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتى ۋە قۇربانكۆل كەنتى ناھىيىمىز كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەريىلى ئەتىيازلىق سۇغىرىشتا ئىشلىتىدىغان سۈيى ئىنتايىن قىس، بۇ ئىككى كەنتنىڭ يېزا-ئىگىلىكىدە ئىشلىتىدىغان سۈيىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ناھىيىلىك سۇ ئىشلىرى تارمىقى بۇيىل 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تارىم شىمالىي غول ئۆستىڭىنى مۇستەھكەملەپ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، چوڭكۆل كەنتى ۋە قۇربانكۆل كەنتىنىڭ ئەتىيازلىق سۇغىرىشتا ئىشلىتىدىغان سۈيى شىمالىي غول ئۆستەڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى، ھازىرغا قەدەر چوڭكۆل كەنتىدە 12 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر سۇغرىلىپ، 11 مىڭ مو يەرگە كېۋەز تېرىلىپ، كۆپ قىسىم ئاساسىي دېھقان ئاھالىلىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئەتىيازلىق سۈيىنى قويالىدى.

ليۇ فۇلىن شۈجى شىمالىي غول ئۆستەڭنىڭ ئۇزارتىلغان بۆلىكىنىڭ سۇ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

ليۇ فۇلىن شۈجى تارىم يېزىسىنىڭ چوڭكۆل كەنتىنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى، تارىم يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سۇ ئىشلىرى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بۇ يىلقى ياخشى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىگەن ئاساستا، ئىلمىي مۇۋاپىق سۇغىرىش شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تاختىلاپ سۇغىرىش، ئېرىق ئېچىپ سۇغىرىش، قولاي تېمىتىپ سۇغىرىش ۋە يۇقۇرى ئۆلچەمدە سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق سۇ تېجەش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك سۇغىرىش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، قىممەتلىك سۇ بايلىقىدىن ئەڭ چوڭ چەكتە ياخشى پايدىلىنىشى لازىم. ئىككىنچى، سۇ ئىشلىرى تارمىقى سۇ پۇلىنى يىغىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، يىغىشقا تېگىشلىكىنى ئامال بار يىغىشى لازىم. ئۈچىنچى، تارىم يېزىسى يەرلەرنى رەتكە سېلىش تۈرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، تۈر قوللىشىغا تايىنىپ، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىشلىرى ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي دېھقان ئاھالىلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش سەۋەبىدىن زىددىيەت كېلىپ چىقىشتەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشى لازىم.

تارىم يېزا چوڭكۆل كەنتىنىڭ كادىرى ليۇ فۇلىن شۈجىگە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەرمەكتە

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器