对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسى تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللۇنۇپ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينىڭ ياخشى سېلىنىشى ۋە ياخشى باشقۇرۇلىشىنى كاپالەتلەندۈردى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  قۇرۇلۇش  ئىدارىسى       ۋاقتى : 10.05.13    يوقلىنىش قېتىم سانى :

لوپنۇر ناھىيىسى كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، شەھەر كاپالەت تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كاپالەت تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ ياخشى سېلىنىشى ۋە ياخشى باشقۇرۇلىشىنى كاپالەتلەندۈردى.

بىرىنچى، كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتتى. «شەھەر تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلىرىنى بېكىتىش چارىسى» غا ئاساسەن، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتىنى تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتتى ھەمدە كاپالەت تولۇقلىمىسىنىڭ ئۆلچىمىنى پەيدىنپەي يۇقۇرى كۆتەردى.

ئىككىنچى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى زورايتتى ۋە تېزلەتتى. 3-نومۇرلۇق مەھەللىدە 500 يۈرۈش كاپالەت تۇرالغۇ ئۆيىنى يېڭىدىن سالدى، بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 49182 كۋادرات مېتىر بولۇپ، 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، ئۆي شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، 50-85 كۋادرات مېتىرغىچە بولغان ئوخشىمىغان ئۆي شەكلى ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

ئۈچىنچى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئەرزان قولاي ئۆي قاتارلىق سىياسەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆينى ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش، ئاشكارا ئېلان قىلىش، تەمىنلەشكە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يولغا قويۇش چارىسىنى بېكىتتى ھەمدە قېلىپلاشقان ئېقىم باشقۇرىشىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

تۆتىنچى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى باشقۇرۇش ئۇچۇر سېستىمىسىنى تۇرغۇزدى. ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا يېڭىلاپ، ئىستاتېستىكا جەدىۋىلىنى ئاي ۋە پەسىل بويىچە تۈزدى ۋە يۇقۇرىغا يوللىدى؛ شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۆۋەن كىرىم ۋە تۇرالغۇ ئۆي ئەھۋالىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ ئارخىپىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ توردا ئىش بىجىرىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىلمىي، قېلىپلاشقان، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器