对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئوبلاستلىق تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسى ناھىيىمىزنىڭ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.05.13    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 10-، 11-كۈنى، ئوبلاستلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسى ناھىيىمىزنىڭ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قارىتا دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى گې جيەن، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلزار جىلىل، مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت مەمەت، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىن قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

ئوبلاستلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرمەكتە

تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ناھىيىمىزنىڭ ئومۇمىي مۇھىت تازلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى چاقىرىپ، ناھىيىمىزنىڭ مۇھىت تازلىقى ئەھۋالىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى ھەم سورىدى.

«ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمەت دوكلاتى بېرىش ۋە پىكىر قايتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

5-ئاينىڭ 11-كۈنى، ناھىيىمىزدە «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمەت دوكلاتى بېرىش ۋە پىكىر قايتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسى ناھىيىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ناھىيىمىزنىڭ شەھەر قىياپىتى مۇھىتى ۋە يىمەكلىك تازلىقى قاتارلىق تەرەپلەردە ساقلانغان مەسىلىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسى ناھىيىمىزدىن «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە» بەرپا قىلىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆلچەم ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنچىكە ھالقىلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشىنى كۈتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى

    ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇھىم سۆز قىلىپ، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە» بەرپا قىلىشنى ئاچقۇچ قىلىپ، رەھبەرلىكنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، مەبلەغ سېلىنمىسى، سىياسەت قوللىشى قاتارلىق تەرەپلەردە مايىللىشىپ، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىدىغانلىقىنى؛ تەكشۈرۈپ باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە قايتۇرغان پىكرى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىگە ئاساسەن، ئىنچىكە رەتلەپ ۋە ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى تۈرلەر بويىچە بېكىتىپ ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت تازلىقىنى ئاسراش قوشۇنى ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن قول تۇتۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىت تازلىقىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق لوپنۇر، ئېكولوگىيىلىك لوپنۇر، ئامان لوپنۇر ۋە ئىناق لوپنۇر قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器