对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن ناھىيىمىزنىڭ مەھەللە بازا قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.05.12    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى جاڭ گۈەنجۈن، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىن شىن قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى لوپنۇر بازىرى، ئىتتىپاق يېزىسىدىكى مەھەللىلەرنىڭ بازا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

ليۇ فۇلىن شۈجى قۇدرەت مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ناھىيىمىز مەھەللىلەرنى ئەمەلىي گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇپ ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى مەركەز قىلىپ، «ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش تەرتىپلىك بولۇش، مۇلازىمەت ئەتراپلىق بولۇش، مەدەنىي ئىناق ئۆتۈش» تەك مەھەللە باشقۇرۇش مۇلازىمەت تورىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. 2008-يىلى، 2 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېڭىدىن قۇرۇش، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، ھەقسىز ئاجرىتىپ بېرىش قاتارلىق شەكىللەر قوللۇنۇلۇپ، 5 مەھەللىنىڭ ئىشخانا ئورنى مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 2009-يىلى 5 مىليون 220 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، لوپنۇر بازىرى ئازاتلىق مەھەللىسى، ئىتتىپاق مەھەللىسى ۋە ئىتتىپاق يېزىسى قۇدرەت مەھەللىسى قۇرۇلدى؛ نۆۋەتتە لوپنۇر بازىرى 1-ماي مەھەللىسى، ئىتتىپاق يېزىسى جەنۇبىي قوۋۇق مەھەللىسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش مۆلچەرلەندى. ئۇ ۋاقتىدا ناھىيىمىزدىكى 9 مەھەللىنىڭ ئىش بىجىرىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ كۆلىمى 700 كۋادرات مېتىرغا، يىنخۇا مەھەللىسى ئىش بىجىرىش مۇلازىمەت ئورنىنىڭ كۆلىمى 2100 كۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 400 كۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەمدىن يۇقۇرى بولىدۇ. مەھەللە بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، مەھەللىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىدارى كۈچىيىپ، مۇلازىمەت سەۋىيىسى يەنىمۇ ئۆسۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، «ئىش بىجىرىدىغان ئۆي بولۇش، ئىشلارنى باشقۇرىدىغان تۈزۈم بولۇش، ئىش بىجىرىدىغان پۇل بولۇش، ئىش باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش» تەك مەھەللە قۇرۇلۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ليۇ فۇلىن شۈجى 1-ماي مەھەللىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى

ليۇ فۇلىن شۈجى تەكشۈرۈش داۋامىدا، مەھەللىلەرنىڭ بازا قۇرۇلۇشى، خادىملارنىڭ سەپلىنىش ۋە خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى ھەمدە مەھەللە قۇرۇلۇشى داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئۈچ تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، تېخى پۈتمىگەن مەھەللە قۇرۇلىشىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بالدۇر ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ، رولىنى ئىمكانقەدەر تېز جارى قىلدۇرۇش؛ مەھەللە پارتىيە تەشكىلىي جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازىغا تايىنىپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، مەھەللە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئاساسىي بازىسى، ئاھالىلارنىڭ ئىشلارنى بىجىرىش ۋە كېڭىشىشىدىكى مۇھىم ئورنى، ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشتىكى مەركەز ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىشتىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىسى ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەكلى كۆپ خىل مەھەللە پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلارنىڭ مەھەللە پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاھالىلارغا مەھەللىنىڭ خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەقىقىي پۇقرالار ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىناق مەھەللە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان ئازاتلىق مەھەللىسى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器