5-ئاينىڭ 10-كۈنى، ناھىيىمىزدە ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «لوپنۇر ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى» تەييارلىق كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى ئېچىلدى، ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيىلىك تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى
يىغىن تەييارلىق كومىتېتىنىڭ تەييارلىق گۇرۇپپىسى، تەشۋىقات خەۋەر گۇرۇپپىسى، ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەت گۇرۇپپىسى، بىخەتەرلىك كاپالىتى گۇرۇپپىسى، داۋالاش قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى، يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى، كۈتىۋېلىش مۇلازىمىتى ۋە ئارقا سەپ كاپالىتى گۇرۇپپىسى، ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتى مۇسابىقە ئىشلىرى گۇرۇپپىسى، ئىقتىساد-سودا كېڭىشى ۋە خېرىدار چاقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، تەييارلىق خىزمىتىدىكى ساقلانغان مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە كىيىنكى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

تەييارلىق كومىتېتى كىيىنكى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇنداق كۆرسەتمە بەردى: بۇ بىر نۆۋەتلىك شەرققە قايتىش نادام بايرىمىنىڭ ناھىيىمىزدە ئۆتكۈزىلىشىگە پۈتۈن ئوبلاست كۆز تىكىپ، يۇقۇرى-تۆۋەن كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، بۇ ناھىيىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا مۈشكۈل سىناق، شۇنداقلا ئاسانغا كەلمەيدىغان پۇرسەت، شۇڭا بىز يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەتنىڭ داغدۇغلىق، غەلبىلىك ۋە ئىناق ئېلىپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز لازىم.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇھىم كۆرسەتمە بەردى
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پائالىيەتنىڭ ۋاقتى بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ۋاقتى قىس، ۋەزىپە مۈشكۈل، شۇڭا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى ياخشى ئىگىلەش لازىم: بىرىنچى، ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ، ئالدىن پىلانلاپ، خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ لايىھىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىككىنچى، «ھەم كاتتا داغدۇغلىق، ھەم ئەمەلىي تېجەشلىك بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، تەپسىلىي بولغان راسخوت خامچوتىنى تەييارلاپ، مەبلەغنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچى، ئىشنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، دەۋرلىكى ئۇزۇن خىزمەتلەرنى تېزلىكتە قول تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتلەردە ئالاقىدار مەسئۇلىيەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرلەش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ تەشۋىقات خەۋەر گۇرۇپپىسى خىراجەتنى تېجەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تەشۋىقات ئۈنۈمىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق تېز ئۇسۇللار ئارقىلىق ناھىيىمىزنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى ۋە ئاپتونوم رايون، ئوبلاستلىق ئاساسىي يۆنىلىشتىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تەشۋىقات خەۋەر خىزمىتىنى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىشى؛ ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەت گۇرۇپپىسى ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق مەيدان قۇرۇلۇشى ۋە ئېچىلىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئويۇن تەييارلاش ۋە ئويۇن قويۇش خىزمەتلىرىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشى؛ بىخەتەرلىك كاپالىتى گۇرۇپپىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىن لايىھىسىنى تۈزۈپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كۈچىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، پائالىيەت مەزگىلىدىكى ئېلېكتر كۈچى بىلەن تەمىنلەش ۋە يول قاتنىشى قاتارلىق بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ كۈتىۋېلىش مۇلازىمىتى ۋە ئارقا سەپ كاپالىتى گۇرۇپپىسى يىمەك-ئىچمەك ۋە ياتاق مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، كۈتىۋېلىش قابىلىيىتى ۋە سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشى؛ يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، يىمەكلىك تازلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەت مەزگىلىدىكى يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتى مۇسابىقە ئىشلىرى گۇرۇپپىسى ۋە ئىقتىساد-سودا كېڭىشى ۋە خېرىدار چاقىرىش گۇرۇپپىسى ئىككى فونكىسىيىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيىمىزنى ساياھەتچىلىكتىكى كۈچلۈك ناھىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنىڭ ئالاقىدار تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.