对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسىدە كۆپ خىل تەدبىرلەر قوللۇنۇلۇپ، مەدەنىيەت بىلىملىرى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىندى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلدى
كىلىش مەنبەسى : ئىلغارلىق  بەرپا  قىلىش  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.05.07    يوقلىنىش قېتىم سانى :

لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى (تۆۋەندە ئىلغارلىق بەرپا قىلىش ئىشخانىسى دەپ قىسقارتىلدى) ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسىي يوللىرى ۋە دۆلەت يوللىرىنىڭ ئاساسلىق جايلىرىدا مەنىۋى مەدەنىيەت تەشۋىقات تاختىيى ۋە تەشۋىقات مۇنبىرى ئورنىتىپ، ناھىيىمىزنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش پائالىيىتى ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات ياراتتى.

مەنىۋى مەدەنىيەت تەشۋىقات تاختىيى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيىمىز ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 77 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پارتىيىنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئارقىلىق خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ناھىيىمىز خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمىشىغا ئەمەلىي ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ناھىيە خەلقىنىڭ ماددىي تۇرمۇشى يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، مەنىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بۇيىل ناھىيىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىشنى 2010-يىلدىكى 19 تۈرلۈك ئەل رايى قۇرۇلىشىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويدى.

مەنىۋى مەدەنىيەت تەشۋىقات تاختىيى

تېخىمۇ ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن، ناھىيىمىز 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسىي يوللىرى ۋە دۆلەت يوللىرىنىڭ ئاساسلىق جايلىرىدا 8 پارچە مەنىۋى مەدەنىيەت تەشۋىقات تاختىيى ۋە 12 پارچە تەشۋىقات مۇنبىرى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ناھىيىدىكى مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلاردىكى 200 دىن ئارتۇق تېلېفونغا تەشۋىقات مۇزىكىلىق قوڭغىرىقى ۋە تەشۋىقات قىسقا ئۇچۇرى (25 پارچە) بېكىتتى ھەمدە كۆچمە ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق يېڭى تىپتىكى تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق تارقىتىپ، قۇبۇل قىلغان ئامما 13 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

تەشۋىقات تاختىيى ۋە تەشۋىقات مۇنبىرىنىڭ مەيدانغا چىقىشى ناھىيىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا تەشۋىقات كەيپىياتى يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ناھىيە خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق ۋە ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان تاشقى مۇھىت ھازىرلاپ بەردى، بۇ ھەم ئومۇمىي خەلق ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتىرىلىشىگىمۇ پايدىلىق.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器