5-ئاينىڭ 5-كۈنى، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ 21-قارارلىق ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىش كۇرسى غەلبىلىك ئاياقلاشتى. ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى جاڭ گۈەنجۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مۇراسىمدا ئىلغار سىنىپ كادىرلىرى ۋە ئىلغار كۇرسانتلار تەقدىرلەندى ھەم كۇرسانتلارغا ئۇقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلدى.

21-قارارلىق ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىش كۇرسى غەلبىلىك ئاياقلاشتى

ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى جاڭ گۈەنجۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

كۇرسانتلار ۋەكىلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى

ئىلغار سىنىپ كادىرلىرى ۋە ئىلغار كۇرسانتلار تەقدىرلەندى
يولداش جاڭ گۈەنجۈن كۇرسانتلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش كۇرسىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم كۇرسانتلاردىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيىنىڭ 17-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوبلاستلىق پارتكوم بېكىتكەن «شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يىلى» نىڭ نىشان تەلىپى بويىچە، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، ئۆگەنگەن يېڭى بىلىم، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىشلىتىپ، «ئۆگىنىشنى خىزمەتلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئۆگىنىشلەشتۈرۈش»؛ «قوش تىل» ۋە ئۆگەنگەن بىلىملەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، پىكىر يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ناھىيە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىيسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش؛ پارتىيىۋىلىك ئېڭى، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە ئومۇملۇق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئەمەلىي ئىش قىلىش پوزىتسىيىسى بىلەن تەدبىر بەلگىلەش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ۋە خىزمەت قىلىش؛ ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، لوپنۇرنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

خور---ئۇچرىشىش بىر ناخشا

ئۇسۇل---داۋانچىڭنىڭ قىزى

دېكلاماتسىيە---بىللە

سەھنە ئۇيۇنى---شىئېر

كۇرسانتلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى