对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ناھىيىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.05.06    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، 6 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ رۈيخۇانىڭ يېتەكچىلىكىدە، ناھىيىمىزنىڭ 2010-يىللىق ئالدىنقى يېرىم يىللىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى تەكشۈردى.

پىكىر قايتۇرۇش يىغىنى

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ناھىيىمىزنىڭ شىڭ پىڭ يېزىسى، ئاقسۇپا يېزىسىدىكى3 ئۈلگىلىك كەنت نۇقتىسىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ئالاقىدار ئارخىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەپ، ناھىيىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ يېتەكچىلىك قىلدى. ھەمدە ناھىيىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت كۆرسەتكۈچكە كاپالەتلىك قىلىش، پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىق تەربىيىسى، ئىستاتېستىكا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىز تەرەپلەردىن پىكىر بېرىپ، پىلانلىق تۇغۇتتىكى ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى تەكلىپ ۋە ئۇسۇللارنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ رۈيخۇا سۆز قىلدى

ئوبلاستلىق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ رۈيخۇا نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ناھىيىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناھىيىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەملەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلتۇرقى «دۆلەت دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئەلا مۇلازىمىتى ئىلغار ناھىيىسى» بەرپا قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىدا، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە بولغان قوللاش سالمىقىنى ئۆزلۈكسىز زورايتىپ، پىلانلىق تۇغۇت مەنپەئەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، «نىكاھ تۇغۇت يېڭى شامىلىنى ئونمىڭلىغان ئائىلە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، نىكاھ تۇغۇت مەدەنىيىتىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، تەشۋىقات كەيپىياتىنى بەرپا قىلىپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدىكى يېڭى مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يارقىن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ ئوبلاست بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى

    مۇئاۋىن ھاكىم بەي پىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ناھىيىدىكى يېزا بازار رەھبەرلىرىدىن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوبلاستلىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل قۇبۇل قىلىپ، ئىلغار خىزمەت ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئىدىيىسىنى ئۆگۈنۈپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، ئالاقىدار تۈزىتىش تەدبىرى ۋە لايىھىسىنى تېزلىكتە تۈزۈپ بېكىتىپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئىدىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ناھىيىمىزنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە خىزمەت سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器