对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسىدە مەدەنىيەت بىلىملىرى تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  بەرپا  قىلىش  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.05.07    يوقلىنىش قېتىم سانى :

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، لوپنۇر ناھىيىمىزدە «مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەدەنىي ھەرىكىتىنى ئەمىليەتتە كۆرسىتىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان مەدەنىيەت بىلىملىرى تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ شىنتيەن، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شىنروڭ، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت مەمەت قاتارلىق رەھبەرلەر مۇسابىقىگە قاتناشتى. ناھىيىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكومدىن كەلگەن 20 ۋەكىللەر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشتى، ناھىيىلىك ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، يېزا بازارلار ھەمدە ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ كادىرلىرى بولۇپ 200 دىن ئوشۇق ئادەم مۇسابىقە كۆردى.

مۇسابىقە مەيدانىدىن كۆرۈنۈش

تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى ساۋ شىنتيەن مۇنداق كۆرسەتمە بەردى: ناھىيىمىزنىڭ «ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە» بەرپا قىلىش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 28-قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى» پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، «مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەدەنىي ھەرىكىتىنى ئەمىليەتتە كۆرسىتىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان مەدەنىيەت بىلىملىرى تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدۇق، بۇ ناھىيىمىز قانات يايدۇرۋاتقان بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىكى «ھەر ئايدا بىر ئاساسىي تېما» مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسىي مەقسەت بولسا ناھىيە تەۋەسىدە مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەرمىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى ئەخلاق ساپاسى ۋە مەدەنىيلىك ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، مەدەنىي قائىدە-يوسۇنلارنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، ناھىيىمىزنىڭ «ئاپتونوم رايون بويىچە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە» بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

ماھىرلار سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋەكىللەر كوماندىسى

    نەچچە باسقۇچلۇق كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق، مائارىپ ئىدارىسى پارتكومى ئىككىنچى ۋەكىللەر كوماندىسى بىرىنچىلىككە، ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورگان ئىشچىلار كومىتېتى ئىككىنچى ۋەكىللەر كوماندىسى، دۆڭقوتان يېزىلىق پارتكوم ۋەكىللەر كوماندىسى، تەمىنلەش كوپىراتىپى پارتكومى ۋەكىللەر كوماندىسى ئىككىنچىلىككە، شىڭ پىڭ يېزىلىق پارتكوم ۋەكىللەر كوماندىسى، گۈلباغ يېزىلىق پارتكوم ۋەكىللەر كوماندىسى، ئىتتىپاق يېزىلىق پارتكوم ۋەكىللەر كوماندىسى ۋە سەھىيە ئىدارىسى پارتكومى ۋەكىللەر كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器