ناھىيىدىكى مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك ھەرتەرەپلىمە تۈزەش مۇقىملىق توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيىلىك تېلىفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ناھىيىلىك پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، لوپنۇر تېلېگراف تارماق شىركىتى بولۇپ 8 نەپەر كىشى ناھىيىلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ پىڭنىڭ يېتەكلىشىدە، ناھىيە بازىرىدىكى 3 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 4 جايدىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، تەپسىلىي تەكشۈردى.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈردى
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مەكتەپلەرنىڭ ئادەم مۇداپىئەسى، ماددىي مۇداپىئە، تېخنىكىلىق مۇداپىئە، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، كادىر، مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ نۆۋەتچىلىكنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، نەق مەيداندا مەكتەپ مەسئۇللىرىغا پىكىر بېرىپ، دەرھال ھەل قىلىشقا بولىدىغىنىنى ئەتىگە سوزماسلىق، ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى تېزلىكتە يۇقۇرى دەرىجىلىككە مەلۇم قىلىپ، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىدىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېژورنىلىق قىلىش ۋە چارىلاشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئەترىتى» نى تولۇقلاپ يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.