对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى داشى كەنتىدە پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  پەن-تېخنىكا  ئىدارىسى       ۋاقتى : 10.05.05    يوقلىنىش قېتىم سانى :

باش شۈجى خۇجىنتاۋنىڭ داشى كەنتىدىكى ياشلارغا جاۋاب خەت يازغانلىقىنىڭ بەش يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان، ناھىيىلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەملەشكەن پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى ناھىيىمىزنىڭ داشى كەنتىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، باغ-ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، مۇئاۋىن ھاكىم مەخمۇت ساۋۇر ھەمدە داشى كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچى ئامما بولۇپ 150 تىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.

پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

بىر سائەت داۋام قىلغان پائالىيەت داۋامىدا، ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ئىلمىي ئۇسۇلدا باقمىچىلىق قىلىش، كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش، باغۋەنچىلىكنى يۇقۇرى ھوسۇللۇق يىتىشتۈرۈش، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش، يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش، يېزا-ئىگىلىكىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىلەردە دېھقان-چارۋىچى ئامما بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە بۇ نومۇر شىنجاڭ تەۋەسىدە بىۋاستە ئاڭلىتىلدى.

ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، سورالغان سوئاللارغا نەق مەيداندا جاۋاب بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدىكى ئەندىشىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچى ئاممىنىڭ «ئىلىم-پەننى ئۆگىنىش، ئىلىم-پەندىن پايدىلىنىش» ئاكتىپلىقى زور كۆلەمدە قوزغىتىلىپ، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتەك ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器