1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى يولداش ليۇ فۇلىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى، ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش قاتارلىق تۆت چوڭ بەنزە رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن 2010-يىلدىكى 19تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرىنى مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلگەن 2010-يىلى يولغا قويىلىدىغان 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرى: ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىش، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە بازىرى بەرپا قىلىش، شەھەرلەرنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، كەنتلەرنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى، ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنى كۆچۈرۈش ۋە ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى، ناھىيە بازىرى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبوروت ئۆيى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى 6 يېزا بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوبوروت ئۆيى قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردىكى 6 يېزا بازار مەكتىپلىرىنىڭ ياتاق ئۆيى بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى، شەھەر يېزا مائارىپىنىڭ «سىنىپلارغا تۇتاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشى، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى، ئىتتىپاق يولىنىڭ قۇدرەت يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىشلىرى قۇرۇلۇشى، 3-نومۇرلۇق مەھەللىنى كۆچۈرۈش ۋە 500 يۈرۈشلۈك كاپالەت ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، كۆنچى مەركىزى يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ناھىيىلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى، مەھەللە، يېزىلارنىڭ بازا قۇرۇلۇشى، ناھىيە بازىرىنىڭ ئەخلەتلەرنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى، شەھەر كوچا مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەھەللە تاشيولى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ليۇ فۇلىن شۈجى يىغىندا بۇ يىل يولغا قويىلىدىغان 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايرىپ، مەسئۇل رەھبەرلەرنى بېكىتتى ۋە ئىجرايى ئورۇنلارغا كونكرىت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.
ليۇ فۇلىن شۈجى مەسئۇل رەھبەرلەر ۋە ئىجرايى ئورۇنلاردىن مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى بويىچە، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، خىزمەتلەردە كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، بۇيىلقى 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرۇلىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى.