对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى غەلبىلىك يېپىلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 10.01.09    يوقلىنىش قېتىم سانى :

 

                    لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

    2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ناھىيىلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى يولداش ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يولداش ليۇ جىنجىڭ، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۈجىسى يولداش دىڭ فېڭ، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۈجىسى يولداش كاڭ يۈشىن قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى، ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىنغا ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يولداش رىشىت مىيىن رىياسەتچىلىك قىلدى. 

 

ۋەكىللەر ئاۋاز قويۇپ يىغىن قارالمىلىرىنى ماقۇللىدى

يېپىلىش مۇراسىمىدە لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى»،«لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ 2009-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2010-يىللىق پىلان(لايىھە)توغرىسىدىكى قارارى»،«لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ 2009-يىللىق مالىيە خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2010-يىللىق خامچوت(لايىھە)توغرىسىدىكى قارارى»،«ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى»،«ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى»ھەمدە«ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى» قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك يىغىن ھۆججىتى ئايرىم-ئايرىم ماقۇللاندى.

 

تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئىلغار ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى تەقدىرلەندى

ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى مەزگىلىدە، ۋەكىللەر يىغىندا ئاكتىپلىق بىلەن تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان غەمخورلىقى ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى. ئىستاتېستىكا قىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ-تەۋسىيە، تەنقىد-پىكىرلەر جەمئىي 55پارچە بولۇپ، سۇ ئىشلىرى، يەر باشقۇرۇش، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى، چارۋىچىلىق، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالدى. تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل بىرلەشتۈرۈش ۋە رەتلەش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا 46پارچە تەكلىپ-تەۋسىيە، تەنقىد-پىكىرلەرنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 1-نومۇرلۇق «شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر ۋە يېزىلارنى كۆكەرتىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»ۋە 2-نومۇرلۇق « ئىككى ئاساسەن“ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شەھەر يېزىلارنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» ناھىيىمىزنىڭ شەھەر يېزا مۇھىتىنى كۆكەرتىشنى ياخشىلاش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە، شۇڭا يىغىن بۇلارنى 2010-يىلى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىجىرىدىغان مۇھىم تەكلىپ قاتارىغا قويۇپ، قالغان 44پارچىنى تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشنى بېكىتتى. 2پارچە تەكلىپ ۋە 44پارچە تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلەرنى يىغىن يېپىلغاندىن كىيىن ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە «بىر ھۆكۈمەت ئىككى مەھكىمە»نىڭ مۇزالىرە قىلىپ بىجىرىشىگە ھەم ۋەكىللەرگە جاۋاب بېرىشىگە تاپشۇرىدۇ. 

                       يىغىن تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى بىلەن غەلبىلىك يېپىلدى

                              بارلىق يىغىن قاتناشچىلىرى سۈكۈتتە تۇرماقتا

ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى بىلەن غەلبىلىك يېپىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ناھىيىمىزنىڭ 2010-يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، «11-بەش يىللىق» پىلاننىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، «12-بەش يىللىق» پىلاننى يولغا قويۇشىدا ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشى ناھىيىدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈپ، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇشتا ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشاننى بېكىتىپ، 2010-يىلى ناھىيىمىز ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىينىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تىكلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器