对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيىمىزدە لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ئېچىلدى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  ھۆكۈمەت  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.01.08    يوقلىنىش قېتىم سانى :

    1-ئاينىڭ7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك 3-يىغىنى ناھىيىلىك يىغىن مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ فۇلىن، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مودىرى رىشىت مىيىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى لىيۇ جېنجىڭ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى كاڭ يۈشىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ فىڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە 120 نەپەر ھەر مىللەت ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى.  

                                         ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك 3-يىغىنى نەق مەيدانى

                                 يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى

                               ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

                       ھەر مىللەت ۋەكىللەر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىماقتا

يىغىندا، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.دوكلاتتا 2009-يىلغا نەزەر سالساق، بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئوبلاستلىق پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كوموتېتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ نازاراتچىلىكى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ناھىيىدىكى ھەر مىللەر كادىرلىرى ۋە ئاممىنى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يىتەكلەپ، بىر قولدا ئىتىپاقلىقنى ۋە مۇقىملىقىنى، بىر قولدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ناھىيە ئقتىسادىنى مۇقىم روناق تاپقۇزۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئەل رايى قۇرۇلۇش ئارقىلىق خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومومىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.

2009-يىلى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ۋە ئۈرۈمچىدىكى«5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا، بىز قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىدا ئالدىنقى يىلدىكى يۇقۇرى تۈپ سان ۋە يۇقۇرى ئېشىشنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا يېڭى بۈسۈشنى قولغا كەلتۈردۇق. مۆلچەرىمىزچە، لوپنۇر ناھىيىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتى 2 مىلياد500مىليۇن يۈەنگە يىتىپ، %11.5 ئاشتى؛ يەرلىك مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 751 مىليۇن يۈەن بۇلۇپ، ئاپتونوم ئوبلاسىت چۈشۈرگەن ۋەزىپىدىن %32.9 ئاشۇرۇپ ئوروندىلىپ، «11-بەش يىللىق» پىلاندىكى بەش يىلدا جەمئىي 2 مىلياد 400 مىليۇن يۈەن ئورۇنداش نىشانى بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى؛ مالىيە كىرىمى 170 مىليۇن يۈەنگە يىتىپ% 2.2 ئېشىپ، «11-بەش يىللىق» پىلاندىكى 127 مىليۇن يۈەن ئورۇنداش نىشانى 2 يىل بۇرۇن تاماملاندى؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 7504 يۈەنگە يىتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن  1587 يۈەن ئېشىپ، «11-بەش يىللىق » پىلاندىكى 6500 يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانى بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器