对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
سىياسىي كېڭەش لوپنۇر ناھىيىلىك 13-نۆۋەتلىك كوموتېتى 3-يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى
كىلىش مەنبەسى : ناھىيىلىك  سىياسىي  مەسلىھەت  كېڭىشى  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 10.01.07    يوقلىنىش قېتىم سانى :

 

   1 -ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت سەككىزدە چوڭ يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ئىچىدە داغدۇغىلىق باشلاندى.

ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرپپىسىنىڭ شۇجىسى دىڭ فىڭ چوڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوموتېتىنىڭ مودىرى رىشىت مىيىن، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوموتېتى پارتىگورۇپپىسىنىڭ شۇجىسى كاڭ يۈشىن قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى ۋە چوڭ يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى لىيۇ جىنجىن، مۇئاۋىن رەئىسى مەخسۇت ئەيسا، مەھەمەت ئەمەت، سەمەت مەمەت رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

ئالدىنقى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پېشقەدەم رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايۇن، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى، شۇنداقلا ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى ئىدارە ئورۇنلارنىڭ مەسئوللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. چوڭ يىغىنغا كىلىشلىك ئەزالار 106نەپەر بۇلۇپ، ئەمەلىي كەلگىنى 100نەپەر، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

 لىيۇ جىنجىن سىياسىي كېڭەش لوپنۇر ناھىيىلىك 13-نۆۋەتلىك كوموتېتى دائىمىي كوموتېتىنىڭ ھاۋالىسگە ئاساسەن يىغىنغا خىزمەت دوكىلاتى بەردى. 2009-يىللىق خىزمەتلەرنى ئەسلىگەندە لىيۇ جىنجىن مۇنداق دىدى. 2009-يىلى يېڭى جۇڭگۇ قورۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قورۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى. سىياسىي كېڭەش لوپنۇر ناھىيىلىك 13-نۆۋەتلىك كوموتېتى يادىرونى قوغداش، مەركەزنى دەۋىر قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمەت پىكىر يولىغا ئاساسەن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ تۇغرا رەھبەرلىكى ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىلمىي تەرەققىيات كۆز قارىشىنى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكىراتىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تىمىنى چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ سىياسىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، دىموكىراتىك نازارەت قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فونكىسىيەسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۈستۈنلۈك رولىنى تۇلۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ئۆز قۇرلۇشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىناق، گۈزەل يېڭى لوپنۇر قورۇش يولىدا پائال ئىزدەندى. ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقۇملۇق مەسىلىسىدە سىياسي كېڭەش باشتىن-ئاخىر تەۋرەنمەي مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقۇملۇقىنى قوغداش جەھەتتىكى تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، بۈيۈك ئىتىپاقلىق، چوڭ بىرلىشىش ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇش كەيپىياتىنى ئىزىغا سېلىش، زىدىيەتلەرنى پەسەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ھەر خىل مۇقۇمسىز ئامىللارنى تۈگۈتۈپ، ناھىيىلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن تىنىچ، ئىتتىپاقلىقنى ئورتاق قوغداپ، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم تېز، ھەم ياخشى راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ياراتتى.

بىر يىلدىن بۇيان سىياسىي كېڭەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ناھىيىلىك پارتكوم ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزىي خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىپ، دائىملىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قاتنىشش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، تەكلىپ ۋە مەدەنىيەت تارىخى ماتىرياللىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

   لىيۇ جىنجىن كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دىدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فونكىسىيىسىنى ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەكلى ھەم سىياسىي كېڭەشنىڭ تەدبىر ۋە كۈچ چىقىرىش رولىنى جارىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك يولى. بىر يىلدىن بۇيان سىياسىي كېڭەش لوپنۇرنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومومىيۈزلۈك،  سىجىل، ماس ھالدا راۋاجلىنىشىدىن ئىبارەت چوڭ ئوموملۇقنى چىقىش قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت تەلىۋى ۋە ئاز ھەم ساز بۇلۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ  تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا جەمئىي 30پارچىدىن ئارتۇق پىكىر ۋە تەكلىپ يولغا قۇيۇلۇپ، ناھىيىلىك پارتكۇم ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە پائال رول ئوينىدى. سۈپەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە زور كۈچ سەرىپ قىلىنىپ، تەكلىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. كۆپ تەرەپلىمە كۈچلەرنى قوزغۇتۇپ، مەدەنىيەت تارىخى ماتىريالىرى خىزمىتىدە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2009-يىلى يىل بېشىدا بېكىتىلگەن خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، لوپنۇر مەدەنىيەت تارىخى ماتىرياللىرىنىڭ خەنزوچە 8-توپلىمى 9-ئايدا غەلبىلىك نەشىردىن چىقتى. 2009-يىلى ئەزالارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىلىك رولىنى قانداق جارىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئاكتىپ ۋە پايدىلىق ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل لوپنۇر قورۇش، ھەم ھەر مىللەت خەلقىگە باياشاتلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تىمىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيىۋىلىك كادىرلارنى تەربىيىگە ئىگە قىلىش، ئىلمىي تەرەققىياتنى يۇقۇرىي سەۋىيىگە كۆتۈرۈش، ئۇزاق مۇددەت خاتىرجەم ئۆتۈشتەك ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، خەلق ئاممىسىنى ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلىش ئومومىي تەلىۋى بۇيىچە، سىياسىي كېڭەش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشنى ئۆگۈنۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگۈنۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، ئىش بىجىرىش ئۈنىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئورگاننىڭ ئۆز قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۆز قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئورگان كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە، ئەخلاق ساپاسىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئورگان كادىرلىرىنىڭ خىزمەتتىكى مەسئولىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى ئېشىپ خىزمەت ئىستىلى ياخشىلىنىپ، مۇلازىمەت قىلىش غايىسى غايىسى كۈچەيدى. نەتىجىدە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاكتىپ، ئىناق بولغان خىزمەت مۇھىتى يارىتىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器