对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيىمىزدە «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق ماكان قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا مەھەللىۋى يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 09.12.31    يوقلىنىش قېتىم سانى :

 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كىيىن، ناھىيىلىك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل بولۇپ تەشكىللىشىدە، ناھىيىمىزدە «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق ماكان قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا مەھەللىۋى يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۈجىسى يولداش ليۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ناھىيىنىڭ ھاكىمى يولداش ئابلىمىت ئابلەت، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى يولداش ساۋ شىنتيەن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشكىلات بۆلىمىنىڭ باشلىقى يولداش جاڭ گۈەنجۈن، ناھىيىلىك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىشخانىسى ۋە ئىتتىپاق يېزىسى، لوپنۇر بازىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە 9 مەھەللىنىڭ كادىر ھەم ئاھالىلىرى بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى بىريەرگە جەم بولۇپ، مەھەللىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، مەھەللىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە بەھۇزۇر پاراڭلاشتى.

                  ناھىيە رەھبەرلىرى مەھەللىۋى يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

                        « تەقدىم ئېتىش بىرخىل بەخىت كۈيلەنگەن ناخشا» شېئىر دېكلاماتىسىيىسى

     2009-يىلى، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۈگۈنۈپ ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئاچقۇچ قىلىپ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا، خەلق تۇرمۇشىنى نۇقتىلىق ئورۇنغا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرقاتار ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە ئىقتىسادىي مۇقىم قەدەمدە راۋاجلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزا قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ھەرمىللەت ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى. ھەرقايسى مەھەللىلەر ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئاساسى قاتلامغا يۈزلىنىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى داۋامىدا، «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىناق مەھەللە قۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش»نى ئاساسىي مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى نىشان قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر كۈندىن-كۈنگە يۈكسەلدى.

                                                  ناخشا-ئۇسۇل«سىز»

                                          «شىر ئۇسۇلى»دىن كۆرۈنۈش

    كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، مەھەللىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئېسل سەنئەت نۇمۇرلىرى ۋە ئۇيۇنلارنى كۆرسەتتى. «ياشلار كوچا ئۇسۇلى»،«تەقدىم ئېتىش بىرخىل بەخىت كۈيلەنگەن ناخشا»،ئېتوت«خەلق ئىشلىرى كادىرىنىڭ بىركۈنى»قاتارلىق ئېسىل نومۇرلار مەھەللە خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرگە خىزمەت قىلىشتەك ئېسىل پەزىلىتى ۋە ياخشى روھى-قىياپىتىنى تۇلۇق نامايەندە قىلىپ بەردى. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器