12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلوق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگورپىسىنىڭ شۇجىسى مو جىياڭ قاتارلىقلار ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لىيۇ جىنشى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى جاڭ رۇڭبىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيىمىزنىڭ 2009-يىللىق خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرپپىسىنىڭ شۇجىسى مو جۈەن، لىيۇ فۇلىن، ئەخمەت قادىر، مەخمۇت ساۋۇر قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ، يېڭىدىن سېلىنغان بالىلار پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىي، ناھىيىلىك ياشانغانلار پاراۋانلىق مەركىزىي قاتارلىق ئورۇنلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە قۇرلۇش ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگەللىدى. ناھىيىمىز 2008-يىلى 4 مىليۇن بىر يۈز 20مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 2717 كوۋادىرات مېتىرلىق ناھىيىلىك ياشانغانلار پاراۋانلىق مەركىزىنى سالغاندى كېيىن، بۇ يىل يەنە 7 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزىنى سالدى. بۇ قۇرلۇش بۇ يىل 11-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇ قۇرلۇشلارنىڭ ئومومىي كۈلىمى 4293 كوۋادىرات مېتىر بۇلۇپ، ئاشخانا، ياتاق، ئىشخانا، پائالىيەت ئورنى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيى، كۆرگەزمىخانا، مۇنچىخانا، تازلىق ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. 600نەپەر كىشى بىمالال تۇرالايدۇ.
ئاساسلىقى پۈتۈن ناھىيىمىزدىكى يېزا نوپوستىكى يىتىم بالىلار، قىيىنچىلىقى نار مىيىپلار، قىينچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تاماق، يېتىپ-قوپۇش، داۋالىنىش، سالامەتلىك، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق تۇرمۇشلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
نۆۋەتتە 98نەپەر يىتىم، مىيىپ بالىلار بۇ پاراۋانلىق ئورنىدا تۇرىۋاتىدۇ. مو جۈەن قاتارلىقلار يىتىم بالىلارنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ بۇ جايدا خاتىرجەم تىرىشىپ ئوقوشىغا، تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بۇلىشىغا رىغبەتلەندۈردى.
مو جۈەن ئەھۋال ئىگەللەش داۋامىدا سوپىگۈلنىڭ مىيىپ بۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۈلۈپ، ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ناھىيىلىك ياشانغانلار پاراۋانلىق مەركىزىدە ياشانغانلارنىڭ تاماقلىنىش، يېتىپ-قوپۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگەللىدى.
ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يەنە لوپنۇر ناھىيىلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مەركىزىگە 3 مىليۇەن يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، ساناتورىيەنىڭ ئاساسىي مۇئەسەسسەلىرىنىڭ تېخىمۇ مەكەممەلشىشى ئۈچۈن ياردەم قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ناھىيىمىزنىڭ 2009-يىللق خەلق ئىشلىرى خىزمىتىگە يۇقۇرى باھا بەردى. ناھىيىمىزنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تۇلۇق مۇئەيەنلەشتۈردى. ھەمدە بۇندىن كېيىن شەھەر بازارلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت تۈزۈلمىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە مۇكەممەلەشتۈرۈپ شەھەر بازارلاردا داۋالاش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئومومىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشانغاندا بېقىنىش، داۋالىنىش، ئولتۇراق ئۆيى بۇلۇش بۇلۇشنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۆمىت قىلدى.