12 -ئاينىڭ 25-كۈنى تارىم دەريا ۋادىسىنى تۈزەش قۇرلۇشىدىكى مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشى بولغان ئاقسۇپا يېزىسىنىڭ ئۆستىڭىنى سۇ تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرلۇشى رەسمىي ئىش باشلىدى.
ناھىيە رەھبەرلىرىدىن لىيۇ فۇلىن، ئابلىمىت ئابلەت، بورھان توختى، ياسىن ھاجى قاتارلىقلار قۇرلۇشنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ئىگەللىشىمىزچە ئاقسۇپا يېزىسىغا شەرقىي ئۆستەڭ ئارقىلىق ئەسلىدە بار بولغان كونا دەريا بىلەن سۇ ئامبىرىغا سۇ قاچىلاپ، يېزا-ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. بۇرۇن سۇنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كېتىشى ئېغىر بۇلۇپلا قالماي، پاختىنى سۇغۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنمىغان بۇلۇپ، بۇ قۇرلۇش تاماملانغاندىن كېيىن سۇنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كېتىشى ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىنىدۇ. ناھىيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى مەسئولىنىڭ ئەھۋال تۇنۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا بۇ قۇرلۇشنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 74.6كېلومىتر، 20مىليۇن 2يۈز مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ، 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇرۇن توپا قۇرلۇشى تاماملىنىپ، ئەتىيازلىق سۇغۇرۇش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ21-كۈنىدىن بۇرۇن سىمۇنت يىيىتىش قاتارلىق قۇرلۇش تۈرلىرى تاماملىنىدىكەن. سۇ تېجەش مىقتارى 9 مىليۇن 6 يۈز مىڭ كۇپ مېتىرغا يىتىدىكەن. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومومىي ئىشلىتىغان سۇ كۆرسەتكۈچىنىڭ %25 گە يىتىدىكەن.
ناھىيىلىك پارتكۇمنىڭ شۇجىسى لىيۇ فۇلىن، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى ئەسلىي پىلاندىكى قۇرلۇش ئۆلچىمى بۇيىچە قۇرلۇش ئېلىپ بېرىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا قۇرلۇشنى تېزلىتىپ، سۇ تېجەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كېلەر يىلى يېزا-ئىگىلىككە ئىشلىتىغان سۇنىڭ مىقتارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە قۇرۇلۇشنى پىلانلاشنى ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىنى بۇ قۇرلۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.