对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە سىياسىي قانۇن خىزمىتى تېلۋىزىيەلىك تېلفۇن يىغىنى ئېچىلدى
كىلىش مەنبەسى : ئونۋىرسال  تۈزەش  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 09.12.23    يوقلىنىش قېتىم سانى :

   12-ئاينىڭ18-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە سىياسىي قانۇن تېلۋىزىيەلىك تېلفۇن يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا 2009-يىللىق سىياسىي قانۇن خىزمىتى ئومومىيۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، 2010-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسۈتۈلدى. 2009-يىلى بولسا يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيانقى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن بىر يىل، شۇنداقلا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئەڭ كەسكىن بولغان بىر يىل بولدى. سىياسىي قانۇن خىزمىتىدە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرلۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇلدى.

مەركەزدە ئېچىلغان تېلۋىزىيەلىك تېلفۇن يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن مەركىزىي كوموتېت سىياسىي بىروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكۇمنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇندىكى تارماق يىغىن زالىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانون ئورگانلىرى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيىۋى تۇنۇشنى مەركەزنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىي تەدبىرلىرى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە ئاڭلىقلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىجتىمائىي مۇقۇملۇقنى قوغداش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ ھەم تېز ھەم ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەلا بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش لازىم. 

                ناھىيىمىز سىياسىي قانۇن خىزمىتى تېلۋىزىيەلىك تېلفۇن يىغىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى

   ۋاڭ لېچۈەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى. شىنجاڭنىڭ بىر يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقۇملۇق خىزمىتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. سىياسىي قانون كوموتېتىنىڭ مەسئولىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى كۆپ. يېڭى مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەت ئاستىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى سىياسىي قانون ئورگىنى ۋە كەڭ سىياسىي قانۇن ساقچىلىرى ھەر دائىم مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقۇملۇق ئوموملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا، ئىجتىمائىي مۇقۇملۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئەلا مۇھىت يارىتىپ، رايۇنىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئامان بۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ناھىيىلىك پارتكۇمنىڭ شۇجىسى لىيۇ فۇلىن، ناھىيىلىك پارتكۇمنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت قاتارلىق رەھبەرلەر ناھىيىمىزدىكى تارماق يىغىن زالىدا تېلۋىزىيەلىك تېلفۇن يىغىنىنى ئاڭلىدى ۋە كۆردى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器