对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
« بۈگۈنكى شىنجاڭ » ژورنىلى نەشىرياتىنىڭ مەسئوللىرى ناھىيىمىزدە تەكشۈرۈشتە بولدى.
كىلىش مەنبەسى : لوپنۇر  ناھىيىلىك  ھۆكۈمەت  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 09.12.22    يوقلىنىش قېتىم سانى :

 

   12-ئاينىڭ19-كۈنى « بۈگۈنكى شىنجاڭ » ژورنىلى نەشىرياتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، نەشريات باشلىقى ۋاڭ دېخۇا قاتارلىقلار ناھىيىمىزدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولدى. ناھىيىلىك پارتكۇمنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ساۋ شىڭتىيەن، ناھىيىلىك پارتكۇمنىڭ دائىمىي كوموتىت ئەزاسى ، تەشكىلات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ گۈەنجۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇررۇپپىسىغا ھەمراھ بولدى.

« بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژورنىلى نەشىرياتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇررۇپپىسى يىخۇا ئاھالىلەر كوموتىتې، شىڭ پىڭ يېزا داشى كەنتىگە بېرىپ ئاھالىلەر كوموتىتې ۋە داشى كەنتىنىڭ ئومومىي ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەمدە داشى كەنتى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكىسكورسىيە قىلدى.  

« بۈگۈنكى شىنجاڭ »نەشىرياتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇررۇپپىسى يىخۇا ئاھالىلەر كوموتىتېدا تەكشۈرۈشتە بولدى

« بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژورنىلى نەشىرياتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇررۇپپىسى يىخۇا ئاھالىلەر كوموتىتې، شىڭ پىڭ يېزا داشى كەنتىگە بېرىپ ئاھالىلەر كوموتىتې ۋە داشى كەنتىنىڭ ئومومىي ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەمدە داشى كەنتى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكىسكورسىيە قىلدى.

                                 شىڭ پىڭ يېزا داشى كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولدى

شىڭ پىڭ ئۆستىڭى مەنزىرە بەلبىغى ئۈچۈنچى قارارلىق قۇرۇلۇش رايۇنىدا ساۋ شىڭتىيەن، جاڭ گۈەنجۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىڭ پىڭ ئۆستىڭى مەنزىرە بەلبىغى رايۇنى قۇرۇلىشى، لوپنۇر 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار پاراۋانلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇررۇپىسىغا تۇنۇشتۇردى.

               شىڭ پىڭ ئۆستىڭى مەنزىرە بەلبىغى ئۈچۈنچى قارارلىق قۇرۇلۇش رايۇنىدا تەكشۈرۈشتە بولدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيىلىك پارتكۇم خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر قۇرۇلىشى سالمىقىنى زورايتىپ، 5 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۈچ يېڭى ئاھالىلەر كوموتىتې بازىسى ۋە 21كەنىت دەرىجىلىك بازىلىشىشنى كېڭەيتىپ قورىدى. 27تۈرلۈك ئەلرازى قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ھەر قايسى خىزمەتلەرگە بولغان سېلىنمىنى زورايتىپ، ناھىيىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات ئېچىۋىتىش تەرەققىيات مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمان قىلدى. « بۈگۈنكى شىنجاڭ » ژورنىلى نەشىرياتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇررۇپپىسى ناھىيىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شەھەر قۇرۇلشى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى.  

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器