6-ئاينىڭ23-كۈنى، ناھىيىلىك ياشانغان كادىرلار ئىدارىسى ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپتە 《ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى قورۇپ، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى》 نى ئاساسى تىما قىلىغان نەزىرىيىۋى تەربىيلەش كۇرىسى ئېلىپ باردى.
ھەر قايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن يۈزگە يېقىن ياشانغان كادىرلار كۇرىسقا قاتناشتى. تەربىيلەش كۇرىسى ئۇيغۇرچە،خەنزوچە ئىككى خىل تىلدا ئېلىپ بېرىلدى.

تەربىيلەش كۇرىسى نەق مەيدانى
بۇ قېتىملىق كۇرۇسنىڭ تەشكىللىنىشى ئەتراپلىق، شەكلى ھەر خىل، مەزمونى مول بۇلۇپ پارتىيە مەكتەپتىن ئىككى ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىنىپ، ناھىيىمىزنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئاساس قىلىنىپ لىكسىيە سۆزلەندى.
بۇ قېتىملىق كۇرۇسنى ئورۇنلاشتۇرۇش بولسا ياشانغان كادىرلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش تەلىۋىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ياشانغان كادىرلار قوشۇنى قورۇش تەلىۋىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ياشانغان يولداشلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمىلىيلەشتۈرىشىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش، ناھىيىمىز ئىقتىسادي تەرەققىياتىنى ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققي قىلدۇرۇشنىڭ تەلىۋى.

تەربىيلەش كۇرىسىدا ياشانغان كادىرلار ئەستايىدىل لىكسىيە ئاڭلاپ، قېتىرقىنىپ تەپەككۇر قىلىپ، ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.