6-ئاينىڭ10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ناھىيىمىز قارچۇغا يېزىسى چوڭ كۆۋرىكىدە رەڭگارەڭ بايراقلار لەپىلدەپ قارچۇغا كۆۋرىكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان يولنى ئۆزگەرتىش قۇرلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلدى.
قارچۇغا چوڭ كۆۋرىكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان يولنى ئۆزگەرتىش قۇرلۇشىنىڭ ئومومى ئۇزۇنلۇقى 20.5كىلومېتىر بۇلۇپ، 9-ئاينىڭ30-كۈنى قۇرلۇش تاماملىنىپ قاتناش باشلىنىدۇ. قۇرلۇش پۈتكەندىن كېيىن قارچۇغا يېزىسىدىكى 5000 دېھقان-چارۋىچى نەپكە ئېرىشتۈرىلىدۇ.

تۆت چوڭ ئورگان رەھبەرلىرى قارچۇغا كۆۋرىكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان يولنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ فۇلىن قارچۇغا كۆۋرىكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان يول قۇرلۇشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئوقۇدى.

قارچۇغا يېزىسىدىكى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يولغا قويغان ئەلرازى قۇرلۇشنى قوللاپ قۇۋەتلىدى.
قارچۇغا كۆۋرىكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان يولنى ئۆزگەرتىش قۇرلۇشى بولسا ناھىيىلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ناھىيىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن مۇھىم ئەلرازى قۇرلۇشى ھەم ناھىيىمىز بۇيىچە ئەڭ ئاخىرقى يېزىلارغا تۇتاشقان يول قۇرلۇشى. قارچۇغا يېزىسىدىكى 5000دىن ئارتۇق ئامما كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىنتىزار بولغان بىر خوشاللىق ئىش.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيىلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ قاتناش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەررەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنت يول قۇرۇشنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كەنتلەردىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ قاتناش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، يېزا-بازارلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاخىرىدا لىيۇ فۇلىن شۇجى ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قارچوغا يېزىسىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، يول قۇرلۇشىغا ياردەم بېرىپ، قارچوغا كۆۋرىكىدىن قارچوغا يېزىسىغىچە بولغان تاشيولنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرلۇشىنى 《خاتىرجەم قۇرلۇش》، 《رازى بولغان قۇرلۇش》 قىلىپ چىقىشقا ئەڭ ياخشى بولغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.
ناھىيىلىك پارتكوم شۇجىسى لىيۇ فۇلىن، ئوبلاستىلىق قاتناش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىيۇ فاڭيۈ، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جۇرىنى رىشىت مېيىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مۇئاۋىن ھاكىم لىيۇ كېۋىن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى گېجىيەن، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى ئەخمەت قادىر، ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت ئەمەت، شىنجاڭ يول كۆۋرۈك قۇرلۇشى چەكلىك شېركىتىنىڭ دېرىكتورى گو جىسەي، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش گۇررۇپپىسىنىڭ گۇررۇپپا باشلىقى جاڭ يۈەنۋۇ ھەم قۇرلۇش ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلار، قارچۇغا يېزىسىدىكى بىر قىسىم كەنىتلەردىن كەلگەنلەر بۇلۇپ 200 ئادەم قۇرلۇشقا قاتناشتى. ناھىيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، مۇئاۋىن ھاكىم لىيۇ كېۋىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.