对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى نوقتىلىق تۈرلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى
كىلىش مەنبەسى : ھۆكۈمەت  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 08.11.19    يوقلىنىش قېتىم سانى :

 

11-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپنۇر ناھىيىسى سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرىنى 2008-يىللىق موھىم قۇرۇلۇش تۈرىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدى، ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى مەخسۇت ئەيسا، مەمەت ئەمەت، لىيۇ يەنرۈي، سەمەت مەمەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن، ئوبلاست، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى بولۇپ 111ئادەم كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيتىگە قاتناشتى. مۇئاۋىن ھاكىم يى پىڭچۈەن باشتىن-ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈشتە ھەمرا بولدى.

بۇ قېتىمقى كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيتى يىرىم كۈن داۋاملاشتى، كۆزدىن كەچۈرۈش تۈرلىرى: لوپنۇر شىمالى ئىقتىسادى، ئىھاتە ئورمان بازىسى، يېزا-كەنت تاشيول قۇرۇلۇشى، يېزا-كەنت بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى، جەنۇبى كۆۋرۈك يېزا-ئىگىلىك ئەشيالىرى بازىرى،  قەلبىداشلار مەيدانى، ئەندا سودا شەھەرچىسى قۇرۇلۇشى، يېن خۇا ئولتۇراق رايۇنى، ياشانغانلار پاراۋانلىق مەركىزى ۋە شىڭ پىڭ ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى ئىككىنچى مەزگىللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

  

سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى ياشانغانلار پاراۋانلىق مەركىزىدە كۆزدىن كەچۈرۈشتە

 سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى ئەندا سودا شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە

                                     سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى قەلبىداشلار مەيدانىدا كۆزدىن كەچۈرۈشتە 

  كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ھەر قايسى سىياسى كېڭەش ئەزالىرىدا نوقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا چۈشەنچە بولدى. كۆزدىن كەچۈرۈش ئاياقلاشقاندىن كېيىن،   سياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىگىدە، سىياسى كېڭەش فونكسىيسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، لوپنۇرنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرتىپلىك تەرەققىياتىدا تىخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇدىغانلىغىنى بىلدۇردى.

 

 

                        

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器