بۇ يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بولسا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى »نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغانلىغنىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەش كۈنى بولۇپ، ناھىيمىزدە بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلەر ئارقىلىق، قويۇق بولغان تەشۋىقات كەيپىياتى يارتىلدى.
بىرىنچىدىن، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا«تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ھادىسلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، 110دىلۇ مەلۇم قىلىش مۇلازىمىتى، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىگى، يول قاتناش بىخەتەرلىگى، جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە زەربە بىرىش قاتارلىق قانۇن-نېزام ۋە بىخەتەرلىك ئومۇمىي ساۋاتلىرى تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى. تەشۋىقات پائالىيتىدە قويۇلغان تەشۋىقات كۆرگەزمە تاختىيى 8دانە، ئاممىغا تارقىتىلغان تەشۋىقات ماتېرىيالى 2500پارچە بولۇپ، 500ئادەم قېتىم ئاممىنىڭ مەسلىھەت سورىش قوبۇل قېلىندى.

ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى سودا- سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا تەشۋىقات پائالىيتىنى قانات يايدۇردى

ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرى يەككە تىجارەتچىلەرگە تەشۋىقات ماتىرىيالى تارقىتىپ بەردى
ئىككىنچىدىن، ناھىيىلىك رادىئۇ –تېلېۋىزىيە ئىدارسى بىر ھەپتە تېلېۋىزور ۋە رادىئودىن پايدىلىنىپ كەڭ ئاممىغا تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى تەشۋىقات ماتېرىيالىنى قويدى.
ئۈچىنچدىن، بىخەتەرلىك نازارەت ئىدارىسى، قۇرۇلۇش ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى ھەمدە سوت مەھكىمىسى قاتارلىق 20 نەچچە ئورۇن خىزمەت بىناسى ئالدىدا جىددى باشقۇرۇش تەشۋىقات لوزىنكىسى ئاستى.

ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسى تەشۋىقات لوزىنكىسى ئاستى
تەشۋىقات ئارقىلىق، كەڭ خەلق ئاممىسى«تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»نىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندى، تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ھادىسلەرگە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتدارى ئۆستۈرۈلدى.
.