对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئوبلاسىتلىق يېزا تاشيۇلىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشنى كۆزدىن كەچۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى لوپنۇر ناھىيىسىدە ئېچىلدى.
كىلىش مەنبەسى : ھۆكۈمەت  ئىشخانىسى       ۋاقتى : 08.11.03    يوقلىنىش قېتىم سانى :

  10-ئاينىڭ29-كۈنى، ئوبلاسىتلىق يېزا تاشيۇلىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشنى كۆزدىن كەچۈرۈش نەق مەيدان يىغىنى لوپنۇر ناھىيىسىدە ئېچىلدى.  مۇئاۋىن ئوبلاسىت باشلىقى چەي فېڭلەننىڭ يېتەكچىلىكىدە  ئوبلاستنىڭ ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئول خادىملىرى كۆزدىن كەچۈرۈش نەق مەيدان يىغىنىغا قاتناشتى.

 

     ناھىيىمىز تارماقلىرىنىڭ مەسئول خادىملىرى يېزا تاشيۇلىنى ئاسراش باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرماقتا.

 

   كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپا ئەزالىرى يېزا تاشيولىنى ئاسراشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

 

لوپنۇر ناھىيىسى يېزا تاشيولىنى ئاسراش نەق مەيدانىدا، ئاسراش ئىشچىلىرىنىڭ تەرتىپكە قاتتىق بويسۇنۇپ، ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىللىق  بىلەن قارماي يىيىتىش مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىغىنى كۆرگەندە، كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپا ئەزالىرى ماختاشتى. ھەممەيلەن بىردەك كىچىك تىپتىكى ئاسراشنى ئاسان ھەم كىچىك ئىشتەك قىلغىنى بىلەن، لېكىن مەشخۇلات قائىدىسى بۇيىچە ئىش قىلماي، مەشخۇلات ئەستايىدىل بولمىغاندا،  كىچىك تىپتىكى ئاسراشنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش تەس بولۇپ، رولى ۋە ئۈنىمىنى جارى قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارىدى. 

                            يېزا تاشيۇلىنى كىچىك تىپتىكى ئاسراش نەق مەيدانى.

لوپنۇر ناھىيىلىك توڭچىكە كەنتى يېزا تاشيولى نەق مەيدانىدا، مۇئاۋىن ئوبلاسىت باشلىقى چەي فېڭلەن لوپنۇر ناھىيىسى كەنت پارتىيە ياچىيكا شۇجىسىدىن يېزا تاشيۇلىنى ئاسراش، باشقۇرۇش    ئۇسۇلىنى   ئاڭلغان ۋاقىتتا،  تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى . بىر نەچچە كىلومېتىر يولنى مېڭىپ كىلىش داۋامىدا بىرەرمۇ ياماق جاينى كۆرمىدۇق،بۇنىڭدىن  لوپنۇر ناھىيىسى يېزا تاشيۇلىنى قورۇش داۋامىدا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، يېزا تاشيۇلى قۇرلۇشىدا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تاشيول قۇرۇلىشىدا بۇ يىل ياساپ كىلەر يىلى ياماش ھادىسلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، باشقۇرۇش بىلەن ئاسراشنى تەڭ ئېلپ مىڭىش كېرەك.     

    تۇڭچىكە كەنت رەھبىرى ئوبلاسىت رەھبەرلىرىگە يېزا تاشيولىنى ئاسراش باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇردى.

 

                  ناھىيىمىز يېزا تاشيولىنى ئاسراش باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بۇلۇپ باھالاندى.

 

 

ئاپتونۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ئىمام نامەت شۇ كۈنلۈك تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا، ئوبلاسىتلىق قاتناش ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى، ناھىيىلىك پارتكۇم شۇجىسى يولداش لىيۇ فۇلىن سۆز قىلدى. لوپنۇر ناھىيىسى، كورلا شەھىرى ۋە يەنجى ناھىيىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېزا تاشيولىنى ئاسراش باشقۇرۇش خىزمىتىدە تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش سۆزى قىلدى، ھەمدە بۇ ئىككى قېرىنداش ناھىيە شەھەر يېزا تاشيۇلىنى ئاسراشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بۇلۇپ باھالاندى.ئاخىرىدا مۇئاۋىن ئوبلاسىت باشلىقى چەي فېڭلەن ۋە قاتناش نازارىتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ئىمام نامەت قانداق قىلغاندا يېزا تاشيولىنى ئاسراش باشقۇرۇش خىزمىتىنى تىخمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

 

  كۆزدىن كەچۈرۈش گۇررۇپپا ئەزالىرى  ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ لوپنۇر ناھىيىلىك گۈلباغ يېزىسى، تارىم يېزىسى، ئىتتىپاق يېزىسى، شىڭپىڭ يېزا داشى كەنتى، تۇڭچىكە كەنتىنىڭ يېزا تاشيولىنى ئاسراش باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. گۈلباغ يېزىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش داۋامىدا رەھبەرلەر مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە تۈزۈمى، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ئاسراش باشقۇرۇش تاختىيىنى، ئوخشاش كىيىنگەن، روھى كۆتىرەڭگۈ روھلۇق تاشيول ئاسراش باشقۇرغۇچى خادىملىرىنى كۆرگەندىن، مەزكۇر يېزىنىڭ يول بۆلەكلىرىنى مەسئۇللىيەتنى كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتەك ئاسراپ باشقۇرۇش مىخانىزىمىنى يولغا قويغانلىقىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن،  يىغىنغا قاتناشقان كۆزدىن كەچۈرۈش خادىملىرى لوپنۇر ناھىيىسى يېزا تاشيولىنى ئاسراش باشقۇرۇشنى ئەمەلىي چىڭ تۇتۇپ، قاتتىق باشقۇرۇپ،  ئۈنۈمى ياخشى بولۇپتۇ . بۇ ياخشى ئۇسۇل ۋە تەجىرىبىلەرنى ئۈگىنىش كېرەك دەپ تونۇدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتى، ئوبلاسىتلىق پارتكۇم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلشى ۋە قوللىشىدا، لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يېزا تاشيۇلى قۇرلۇشى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلشقا   ئېرىشتى. 2005-يىلدىن بۇيان يېڭىدىن ياسالغان، ئۆزگەرتىپ ياسالغان قۇرلۇش 430كىلومېتىر بۇلۇپ، نۆۋەتتە يېزا تاشيۇلىنىڭ ئومومىي مۇساپىسى 866كىلومىتېرغا يەتتى. مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن11-بەش يىللىق پىلاندىكى كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ قارمايلاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىدا زور ياخشىلىنىش بولدى.

  يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە” قۇرلۇش بىلەن ئاسراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، باشقۇرۇش بىلەن ئاسراشنى بىرلەشتۈرۈش“ فاڭجىنىدا باشتىن-ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، يېزا تاشيولىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش سالمىغىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزا تاشيولىنى قورۇش، باشقۇرۇش، ئاسراش، ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، بەلگىلىك مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器