10 -ئاينىڭ 25-كۈنى، ناھىيلىك سەھىيە ئىدارىسى باشلامچلىقىدا، ناھىيىلىك چارىۋىچىلىق ئىدارىسى، يېمەكلىك دورا بويۇملىرىنى باشقۇرۇش نازارەت قىلىش ئىدارىسى، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرۇل قىلىش مەركىزى، ناھىيىلىك دوختۇرخانا، ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ناھىيىلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسنىڭ ئالدىدا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش تەشۋىقاتى پائالىيتى قانات يايدۇرىلدى. نوقتىلىق ھالدا جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قانۇنى، ھايۋاناتلار يۇقۇمى، يېمەكلىك بىخەتەر ۋە سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق تەرەپلەردىكى بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «ھايۋاناتلار يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن-نىزاملىرى»، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ھادىسلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، « يىمەكلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرى ئوقۇشلىغى»، « دورىنى مۇئاپىق ئىشلىتىش قوللانمىسى»ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئومۇمىي ساۋاتلىرى قاتارلىقلاردىن ئۇيغۇرچە، خەنزوچە ئىككى خىل تىلدا تەشۋىقات ماتىرىيالىدىن 1800پارچە تارقىتىلدى، ئاممىغا 120ئادەم قېتىم مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى.

تەشۋىقاتچى خادىملار ھەر مىللەت ئاممسىغا تەشۋىقات ماتىرىيالى تارقاتماقتا

جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لوزىنكىسى

تەشۋىقات قوللانمىسى