بۇ يىلدىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيىسى دۆلەت، ئاپتۇنۇم رايۇن، ئوبلاستنىڭ يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى تېلېۋىزىيە-تېلفۇن يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ كۆلىمىنى زورايتىپ، يېزىلارنىڭ موھىت مەسىلىسىنى ھەقىقى ھەل قىلىپ، تېز سۈرئەت بىلەن سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشتى .
بىرىنچىدىن:بىر تۇتاش پىلانلاشقا ئېتىبار بېرىپ، يېزىلارنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقانچىلىق بۇلغۇنۇشنى قاتتىق كونتىرۇل قىلدى.
ئىككىنچىدىن: دېھقانلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھىتىنى قوغداپ ۋە سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەخلەتلەرنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تۆكۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا مۇھىتىنىڭ پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار بۇلۇشتەك ئەھۋالى تۇپتىن ياخشىلاندى .
ئۈچىنچىدىن:كۈچنى زورايتىپ، موھىتنى قوغداش تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن كارخانىلارغا بولغان تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش كۆلىمىنى زورايتى.