对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى تەكلىپ-لاھىيەلەرنىڭ بېجىرلىششنىڭ ئەمەلىشش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى
كىلىش مەنبەسى :        ۋاقتى : 08.08.27    يوقلىنىش قېتىم سانى :

   8-ئاينىڭ14-كۈنىدىن21-كۈنىگىچە، لوپنۇر ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تەشكىلدىكى بىر قىسىم سىياسى كېڭەش ھەيئەت  ئەزالىرى سىياسى كېڭەش16-قېتىملىق بىر يىغىندا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان 66ھۆججەتنىڭ ئىچىدىن 22مۇھىم، قىيىن تەكلىپنامىنىڭ ئەمەلىشش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈردى. ناھىيىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ يەنرۈي تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى.

   بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۇشتە، ئۇلار ئاساسلىقى تەكلىپ لاھىيىنى بېجىرىدىغان ئورۇنلارنىڭ خىزمەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش، ماتىرىيال كۆرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈش، سۆھبەتلىشش،  مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۇشتە ئۇلار مائارىپ ئىدارىسى، سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى، شەھەر قۇرلۇش ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، تەرەققىيات-ئىسلاھات  كومۇتېتى قاتارلىق 10ئورۇنغا باردى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى شەھەر-يېزا قۇرلۇشى، مەدەنىي مائارىپ، ئىسلاھات-تەرەققىيات ، ئېتىز-ئىرىق سۇ ئىنشائەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

 

 

  سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى سۇ قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈشتە

 

    سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى، مەدەنيەت -تەنتەربىيە ئىدرىسى ۋە تەرەققىيات ئىسلاھات كومۇتېتى بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

 

 

 

 

تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈشتە ھەر قايسى سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى ئومومى جەھەتتىن بۇ خىزمەتنى ئىشلىگەن ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ-لاھىيەلەرنى بېجىرىشكە رەھبەرلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ، تەكلىپلەرنى ئورۇنلارغىچە ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن ، تەدبىرى كۈچلۇك، مەسئولىيەت تۇيغۇسى ئېنىق، ھەرقايسى تەكلىپ لاھىيەسىنى بىجىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ تەكلىپ لاھىيەنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىجىرگەن دەپ قارىدى.

ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىر قىسىم مۇھىم تەكلىپ لاھىيەنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، سىياسەت بويىچە، مۇۋاپىق تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىغان، تەكلىپ لاھىيەلەرنى بىجىرىشكە مەسئۇل ئورۇنلار تەكلىپ-پىكىر بىجىرىشتە سۈپەت ۋە نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان.

مۇئاۋىن رەئىس ليۇ يەن رۈي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇقېتملىق تەكلىپ لاھىيەسى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر قايسى سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ناھىيىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ناھىيىلىك پارتكۇم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ئاستىدا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ مۇۋەپىققىيەتلىرىدىن بەھرىمان بولدى. ھەر قايسى ھەيئەت ئەزالىرى ئۆزىنىڭ تالاتنتىنى يەنىمۇ تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ پارتكۇم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ھەمكارلىشىپ سىياسەت تەدبىرلەرنى دېمۇكىراتىيەلەشتۈرۈش ئىلمىيلاشتۇرۇش لازىم.  

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器