يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ناھىيىمىز يېزا يولى قۇرلۇشىنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قورۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى دەپ قارىدى.يۇقۇرنىڭ تۈرنى قوللاپ قۇۋەتلىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ ، سېلىنمىنى زورايتپ، داشى كەنت يېڭى يېزا يۇلى قۇرلۇشى قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىنى ئۆزلۈكسىز تۈردە ياخشىلاپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان داشى كەنت يولى
داشى كەنت يولى
بۇ يىل ناھىيىمىز داشى تەجىربە رايۇنىدىكى تۆت مەمۇرى كەنتتە ئۇزۇنلىقى28.1كىلومىتىر كېلىدىغان كەنت يۇلىنى تۇتاشتۇرۇش كەنت يولى قۇرۇلۇشنى تاماملاشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە: داشى كەنىت (7كىلومىتىر)، كۆنچى كەنتى(8.4كىلومىتىر)، لوپنۇر بازىرى نۇرباغ كەنتى6.7كىلومىتىر)، تۇڭچىكە كەنىت(6كىلومىتىر)كىلىدۇ. نۆۋەتتە، داشى كەنت داچا رايۇنى790كىلومىتىرغا قارماي ياتقۇزۇش، نۇرباغ كەنىت يېڭى مەھەللە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئېشىپ قالغان 500كېلومىتىرغا قارماي ياتقۇزۇش تاماملىنىپ تەجىربە رايۇنىدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ يول يۈرۈش شارائىتى ياخشىلىنىپ ، داشى تەجىرىبە رايۇندىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرلىشى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى .