مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېلەر يىلى ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسىنى خېلى كۆپ ئۆستۈرىدىكەن ۋە سورتلۇق ئۇرۇق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ياردەم پۇلىنى خېلى كۆپەيتىدىكەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا تەرەققىياتىنى قوللاش سېلىنمىسىنى خېلى كۆپ ئاشۇرىدىكەن.
دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دۆلەت ھازىرقى يېزىلارنىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنىڭ خېلى گەۋدىلىك بولۇشى، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ بىر قەدەر تېز ئۆسۈشى، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش ئۈنۈمى ۋە دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش قىزغىنلىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ئېتىز – ئېرىق، سۇچىلىق ئۇل مۇئەسسەسىلىرىنىڭ كونىراش، رېمونتسىز قېلىشى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، يېقىندا بەزى سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. كېيىنكى قەدەمدە ئاشلىق سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھاسى خېلى كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ، سورتلۇق ئۇرۇق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ياردەم پۇلى خېلى كۆپەيتىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا تەرەققىياتىغا سالىدىغان مەبلىغى، مالىيە سېلىنمىسى خېلى كۆپ ئاشۇرۇلىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى تەدبىرلەر دېھقانلارنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دېھقانلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلاشقىمۇ پايدىلىق.