对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
كىلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ  تورى       ۋاقتى : 08.11.11    يوقلىنىش قېتىم سانى :

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5 – نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا ئىچكى ئېھتىياجنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   يىغىندا مۇنداق قارالدى: يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان، دۇنيا بويىچە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە كرىزىسى كۈنسېرى كەسكىنلەشتى، خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئېلىمىزگە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى توسۇش ئۈچۈن جانلىق، ئېھتىياتچان ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنى قوللىنىپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ھازىر ئىجابىي مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتە تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   يىغىندا ھازىر ئىچكى ئېھتىياجنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئون تۈرلۈك تەدبىرى بېكىتىلدى. بىرىنچى، قۇرۇلۇش كاپالىتىگە ئىگە تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. ئىككىنچى، يېزا ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. ئۈچىنچى، تۆمۈريول، تاشيول ۋە ئايروپورت قاتارلىق مۇھىم ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. تۆتىنچى، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش. بەشىنچى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئالتىنچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ۋە قۇرۇلما تەڭشەشنى تېزلىتىش. يەتتىنچى، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنى تېزلىتىش. سەككىزىنچى، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش. توققۇزىنچى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جايلار، بارلىق كەسىپلەردە قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ 120 مىليارد يۈەنلىك سېلىقىنى ئازايتىش. ئونىنچى، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش.

   يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: بۇ يىلنىڭ 4 – پەسلىدە ئالدى بىلەن مەركەز مالىيىسىدىن يەنە 100 مىليارد يۈەن، كېلەر يىلقى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش قوندىغا مۇددەتتىن بۇرۇن 20 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، جايلار ۋە جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىنى 400 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سېلىنمىنى ئاشۇرۇشتا، ھەرىكەت تېز، سالمىقى كۈچلۈك، تەدبىرى توغرا، خىزمەتلەر ئەمەلىي بولۇشى كېرەك. مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەستايىدىل تاللاپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پىلانلانغان تۈرلەرنى ئالدىن ئويلىشىش، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، قۇرۇلۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم يېڭى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشلاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئامما تەقەززا بولۇۋاتقان، خەلق ئىگىلىكىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشى ئاساسىدا بازارنىڭ بايلىقنى تەقسىملەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، مەركەز ۋە جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق كۆپ بولسىمۇ، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن پۇختا، كارخانىلارنىڭ بازار ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەڭشىلىشى ئېلىمىزنىڭ قۇرۇلما دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىش، چەت ئەلدىن ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىقلارغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز توغرا سىياسەت، تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا، كەسكىن قوللىنىپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرساقلا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك تەرەققىي قىلىشىنى چوقۇم داۋاملاشتۇرالايمىز

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器