对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
يانداش ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.
كىلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ  تورى       ۋاقتى : 08.11.10    يوقلىنىش قېتىم سانى :

   جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھۆججەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹2008 – يىللىق نوپۇس ۋە ئەمگەك توغرىسىدىكى يېشىل تاشلىق كىتاب››تا پاراۋانلىق مەزمۇنىنى نوپۇس سالاھىيىتىدىن ئايرىپ، يانداش ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت يېڭى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

   يېشىل تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نوقۇل ھالدا قانداق كىشىلەرنىڭ نوپۇس سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە باش قاتۇرماي، پاراۋانلىق مەزمۇنىنى نوپۇستىن ئايرىۋېتىش كېرەك، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، پاراۋانلىق – نوپۇس سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتمەيمۇ ئېرىشكىلى بولىدىغان قىلغاندىلا، نوپۇس ئىسلاھاتىدىكى ئىككى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

   بۇنىڭدىن سىرت، يانداش ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنىڭ شەھەر – يېزىلاردىكى جۇغلىنىشى ۋە ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، نوپۇسنىڭ ‹‹ساپلىق دەرىجىسى››شەھەر ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ پاراۋانلىق يەتكۈزۈش ياكى يېزا ئاھالىلىرىگە پاراۋانلىق يەتكۈزۈش، ئاممىۋى مۇلازىمەت دەرىجىسى تۆۋەن بولۇشنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى شەھەر – يېزا ئاھالىلىرىنىڭ جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش پەرقىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىيلىشىش شەكلى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى قايتا تەقسىملىنىش شەكلى ئارقىلىق جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىشنى يېزىلاردىن باشلاپ، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى شەھەر ئاھالىسى بىلەن ئوخشاش ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئاساسىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器