对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ئېلىمىزنىڭ ياساش كەسپى پۇل پاخاللىقىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا يامراش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى.
كىلىش مەنبەسى : تەڭرىتاغ  تورى       ۋاقتى : 08.11.10    يوقلىنىش قېتىم سانى :

    ب د ت سانائەت تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ 172 تۈرلۈك مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى، دۇنيادىكى %70 تېلېفون، ئاياغ كىيىم، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپ تېلېۋىزور، ئورۇ ساندۇق جۇڭگودا ياسالدى، جۇڭگو ياساش كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ دۇنيا ياساش كەسپى قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %11.44 بولدى.

   دوكلاتتا: ھازىر تەننەرخ ئىزچىل ئۆرلەۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى كۈچىنى يوقاتمىدى، بۇ ئەۋزەللىك خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە داۋاملىشىدۇ. جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا سىڭىپ كىرىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن پۇل پاخاللىقىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا يامراش سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى، دېيىلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىز ياساش كەسپىدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتنىڭ مىقتارى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرغان، ئەمما ئاشۇرما قىممەت سەل تۆۋەن بولۇش بىلەن بىللە، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە مەھسۇلات نىسبىتى سەل ئاز بولغان، جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى، ئاساسلىقى، تۆۋەن تەننەرخ جەھەتتە ئىپادىلەنگەن. ھالبۇكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ياساش كەسپىدىكى تۈرلۈك مۇھىم ئامىل تەننەرخنىڭ سىجىل ئېشىشى، شۇنىڭدەك خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللار جۇڭگو ياساش كەسپىنى يۇقىرى تەننەرخ دەۋرىگە تەدرىجىي باشلاپ كىرمەكتە.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى ياساش تۈرىدىكى مۇھىم ئامىل تەننەرخنىڭ سىجىل ئۆرلىشىدەك ئوبيېكتىپ رېئاللىق ئالدىدا، ئېلىمىز كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، ياساش كەسپى بىلەن ئۇچۇر كەسپى، مۇلازىمەت كەسپىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器