چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى ئىككى چوڭ شەھەر خاڭجۇ بىلەن شاڭخەيدە ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆي – زېمىن بازىرىنى جانلاندۇرۇشقا دائىر سىياسەتلەر بىر مەھەل پەسكويغا چۈشكەن ئۆي – زېمىن بازىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. ھازىر مەملىكەت بويىچە ئون نەچچە شەھەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەت‹‹ئۆي – زېمىن بازىرىنى قۇتقۇزۇش››قا دائىر تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ئۆي – زېمىن كوئېففىتسېنتى سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو كوئېففىتسېنت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چېڭ مۇنداق قارىدى: بۇ يىل دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇرەككەپلەشتى، ئامېرىكا ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كرىزىسى دۇنيا خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە كرىزىسىغا ئايلاندى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتى پۈتۈن يەر شارىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۆي – زېمىن بازىرىنى تەڭشەش، تىزگىنلەش نوقۇل ئۆي – زېمىن كەسپىنىڭلا مەسىلىسى بولماي قالدى، شۇڭا مەۋقەنى پۈتكۈل ماكرو ئىگىلىكنى تەڭشەشكە قارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆي – زېمىن كەسپىنىڭ ھەر بىر قۇرۇلۇش مىقتارىدا 1 مىليون كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش مىقتارى كېمەيسە، 300 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، پولات ماتېرىيالىغا بولغان ئېھتىياج 20 مىڭ توننا، ئىشىك – دېرىزە ماتېرىيالىغا بولغان ئېھتىياج 80 مىڭ يۈرۈش، تازىلىق ئەسلىھەلىرىگە بولغان ئېھتىياج 20 مىڭ يۈرۈش كېمىيىدىكەن. ئۆي – زېمىن كەسپىنىڭ ئېلىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش كەسپىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆتتىن بىر قىسىمغا يەتكەن بولۇپ، 50 نەچچە كەسپ بىلەن چېتىلىدىكەن، ئېكسپورت كېمەيگەن، ئىستېمال يېتەرسىز ئەھۋالدا، ئۆي – زېمىن كەسپىدە كۈچلۈك داۋالغۇش بولسا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز چېكىنىش خەۋپى كۈچىيىدىكەن.
ئەمما كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر: ‹‹ئۆي – زېمىن بازىرىنى قۇتقۇزۇش›› ‹‹تۇرالغۇ باھاسىنى قۇتقۇزۇش›› ئەمەس، دەپ قارىدى. چېن چېڭ مۇنداق دېدى: ئۆي – زېمىن بازىرىنى قۇتقۇزۇش سودا پۈتۈم مىقتارىنى قۇتقۇزۇش دېگەنلىكتۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ تۇرالغۇ باھاسىنى، تەرەققىيات سودىگەرلىرىنى قۇتقۇزۇش دېگەنلىك ئەمەس، ھازىرقى ئۆي – زېمىن بازىرىنى تەڭشەشتە تاشقى جەھەتتىكى تەڭشەش، تېزگىنلەش ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىش سەۋەبلىرى نەزەرگە ئېلىندى، ئەمما مۇھىمى، ئىچكى قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىش ئاساسىي سەۋەب بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى يىلدا تۇرالغۇ باھاسىنىڭ تېز، زىيادە ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: 2005 – يىلىدىن بۇيان ئۆي – زېمىن بازىرىنى تەڭشەش، تېزگىنلەش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، ھايانكەشلىك خاراكتېرىدىكى ئېھتىياج بازاردىن ئاساسىي جەھەتتىن سىقىپ چىقىرىلدى، ھازىر جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش، تۈرلەرگە بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپى بويىچە مېكرولۇق تەڭشەشنى يولغا قويۇپ، زۆرۈر ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان تۇرالغۇلارنى سېلىشقا مەدەت بەردى، بۇ ھەم ئۆي – زېمىن بازىرى ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق. ئەمما ھازىرقى ئۆي – زېمىن بازىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ تۇرالغۇ باھاسىنى مۇۋاپىق چۈشۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ.