لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلاشقاندا قىلىنغان سۆز
ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى، ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت
(2009-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى)
يولداشلار:
بۈگۈن بىز 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى چاقىردۇق، يىغىننىڭ ئاساسى مەزمۇنى ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا يوللىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (مۇھاكىمە نۇسخىسى)»، «خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىدىن دوكلات (لايىھە)» ۋە «مالىيە خامچوت دوكلاتى (لايىھە)» نى مۇزاكىرە قىلىمىز. بايا كۆپچىللىك ئۆزەڭلارنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپلىگەن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىللىكنىڭ ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىپادىلىدىڭلار. يىغىندىن كىيىن بىز كۆپچىللىك ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى رەتلەپ، قوبۇل قىلىپ، ئۈچ دوكلاتنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كىيىن، ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا يوللايمىز.
تۆۋەندە، مەن نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كىيىنكى بىر مەزگىلدىكى ھەرتۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىرقانچە تۈرلۈك پىكرىمنى سۆزلەپ ئۈتىمەن:
1. تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش لازىم
2009-يىلى، ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە قوللىشى ئاستىدا، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، «ئىقتىساتنىڭ ئېشىشغا، خەلق تۇرمۇشىغا ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» تىكى بىرقاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيىدىكى يۇقۇرى تۆۋەن بىرنىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۆپنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ۋە «5-ئىيۇل» ۋەقەسى ئېلىپ كەلگەن تەسىر ۋە زەربىنى تىرىشىپ يېڭىپ، ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىم بىرقەدەر تېز تەرەققىي قىلغان ھالەتنى ساقلىدۇق. مۈشكۈل ۋەزىيەتتە مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كۈلتۈرىشىمىز ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى. بۇ يەردە مەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغۇچى تارماقلارنىڭ بىريىلدىن بۇيان جاپالىق خىزمەت قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ناھىيىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىدا بىر قىسىم قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئۇلار: بىرىنچىدىن، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ئەمەلىي ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى يىل بېشىدىكى پىلان بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بەلگىلىك پەرق بار؛ ئىككىنچىدىن، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تۆۋەن خانىلىق ئايلىنىش ھالىتىدىن يەنىلا ئازات بولالمىدى؛ ئۈچىنچىدىن، مالىيىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا قىيىنچىلىق بولۇپ، ئادەتتىكى خامچوت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىنتايىن ئېغىر.
نۆۋەتتە، يىل ئاخىرلىشىدىغانغا بىر ئايغىمۇ يېقىن ۋاقىت قالمىغان ۋەزىيەتتە، خىزمەت ۋەزىپىمىز يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، بىز چوقۇم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ ۋە ئىلمىي ئىگىلەپ، خەۋپ-خەتەر ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، خىزمەت ئاكتىپچانلىقىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىز ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز بىلەن يىل بېشىدا بېكىتىلگەن نىشان ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بوشاشتۇرۇپ قويماي، خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ناھىيە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ نىشان ۋەزىپىلىرىنى تاماملىشىشمىز لازىم.
2. پىكىر يولىنى تەرتىپكە سېلىپ، نۆۋەتتىكى ۋە كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم
1). ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش لازىم
ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش يەنىلا نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ جىددىي سىياسىي ۋەزىپە. بولۇپمۇ «ئىككى يىغىن»، يېڭى يىل، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولۇپ، ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. يېزا بازار، تارماقلار نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى تولۇق تونۇپ، «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ» دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەپ تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا ئىتتىپاقلىق مۇقىملىقنى، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بوشاڭلىق قىلىپ بىخۇدلۇق قىلىش، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، «زەربە بېرىشتە قاتتىق بولۇش، ئاخبارات توغرا بولۇش، مەشىق ھەقىقىي بولۇش، بىرتەرەپ قىلىشتا تېز بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، خىزمەت نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۈشمەندىن ئالدىنى ئېلىش ۋە دۈشمەنگە زەربە بېرىشتە ئاسماندا تور يەردە قاپقان بولۇشنى شەكىللەندۈرىشى لازىم. جەمئىيەتنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپەتلىرىنى بىخ ھالىتىدە چىقىرىپ تاشلاپ، مۇقىمسىز مەسىلىلەرنى يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ھەل قىلىش لازىم. خىزمەتلەرنىڭ ئالدىن لايىھىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.
نۆۋەتتە قانات يايدۇرىلىۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش» باش تېما قىلىنغان دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ئاچقۇچ قىلىپ، جەمئىيەتتە ھەممە ئادەمنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسىدىن بولۇشقا تەشەببۇس قىلىپ، ناھىيىمىزدە مەيدانغا كەلگەن ئۆمەر ھەبىبۇللا قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىدىكى ئىلغار تىپلارنى تاللاپ تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيىسى پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، خەنزۇ ئامما ئۇيغۇر ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇيغۇر ئامما خەنزۇ ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھەرمىللەت ئاممىسى ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈشتەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم. پۇختا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، ھەرمىللەت ئاممىسىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇغۇزۇپ، ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە يېتەكلەش لازىم.
ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ 2010-يىلىنى «شەھەر يېزا تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يىلى» قىلىپ بېكىتكەن تۈرلۈك قارار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر يېزا تۇتاشقان ئورۇنلارنى رەتكە سېلىپ ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر باشقۇرۇشتىكى خىرە نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى يېڭى ئىقتىساتنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا، ھەرمىللەت ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز-ئارا ياردەم قىلىش ھەم دوستلۇقنى كۈچەيتىشنىڭ ئۆسۈش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەم ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەپ، ئىناقلىق ئامىلىنى ئەڭ چوڭ چەكتە كۆپەيتىپ، زىددىيەت ۋە ماجرالارنى ئاساسى قاتلامدا پەسەيتىپ، بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى كۈچلەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ۋەقە تۇغدۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. نۆۋەتتە، بولۇپمۇ ئەمگەكچىلەر بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجرالارنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، سىرتتىن ناھىيىمىزگە كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ يۇرتىغا ئوڭۇشلۇق قايتالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2). خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش لازىم.
خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈپ نىشانى، بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى. ھەردەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ رايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىپ، خەلقنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈش، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش لازىم. بۇ يەردە مەن خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە تۈرلۈك خىزمەتنى يەنە تەكىتلەپ قويماقچى:
بىرىنچىدىن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. يېزا بازارلار، تارماقلار «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، غەمخورلۇق قىلىش» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى، ئىش ئورنىدىن قالغان خادىملار، شەھەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ قىش پەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ھەل قىلىشى لازىم. بىرمۇ ئاممىنىڭ قورسىقى ئاچ ياكى توڭلاپ قېلىشىغا بولمايدۇ. قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئۆز ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش لازىم.
ئىككىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم. نۆۋەتتە، ئادەم ۋە ئەشيالارنىڭ ئايلىنىشى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن، ھاۋامۇ بىرقەدەر قۇرغاق بولغانلىقتىن، بىخەتەر يوشۇرۇن خەۋپلەرمۇ ماس ھالدا كۆپەيمەكتە. شۇڭا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تەرتىپكە سېلىپ تۈزەشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، قاتناش، ئوت ئۆچۈرۈش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، كۆمۈرسىز كان تاغ، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى، يىمەكلىك-دورا، پوجاڭزا، خەتەرلىك خېمىيىۋى بويۇملار قاتارلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش، قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق تۈزەش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ پارقازان، بېسىملىق قاچا قاتارلىق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ۋە ئادەملەر توپلاشقان مەيدانلارغا قارىتا سېستىمىلىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەرخىل يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش كېرەك. دېھقانچىلىققا چېتىلىدىغان ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇرشىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ پاختا سېتىۋىلىش بېكەتلىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك تەكشۈرىشىنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىپ، ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇپ، پەۋقۇلاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش لازىم. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىن لايىھىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاممىۋىي ھادىسىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. نۇقتىلىق تاشيول، ئاپتوموبىل بېكەتلىرى قاتارلىق مەيدانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قاتناشنىڭ راۋان، بىخەتەرلىكنىڭ تەرتىپلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. توك، سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئالاقە قاتارلىق تارماقلار ھېيىت، بايرام مەزگىلىدە توك، سۇ بىلەن نورمال تەمىنلەشكە، ئالاقىنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
ئۈچىنچىدىن، بازارنى تەمىنلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش لازىم. ئىستىمال قىزىق نۇقتىسى ۋە تەمىنلەش-تەلەپنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆزۋاقتىدا ئىگىلەپ، بازارنى تەمىنلەشنى ئىنچىكە تەشكىللەپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاۋارلارنىڭ مول سەرخىل بولىشىغا، بازارنىڭ مۇقىم تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، سەھىيە، مال باھا قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار فونكسىيىلىك رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بازارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىمەكلىك، دورا ۋە يىمەك-ئىچمەك تازلىقى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان مەخسۇس تەرتىپكە سېلىپ تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بازار تەرتىپى ۋە سودا ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشى ۋە ئازادە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
تۆتىنچىدىن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تېرىلغۇ تەييارلىقى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاش لازىم. ئۇرۇق، ئۇغۇت قاتارلىق يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ساقلاش توشۇشقا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تېرىلغۇ تەييارلىقى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. قىش پەسىللىك دەل-دەرەخلەرنى باشقۇرۇپ ئاسراش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرگە، كېلەر يىللىق ئەتىياز پەسلىدىكى كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇش؛ ھايۋاناتلاردىكى چوڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش، قوزىلىتىش ھەم پەرۋىش قىلىش، قاشالاپ بېقىش قۇرۇلۇشى، ئوت-چۆپ، يەم-خەشەكلەرنى يىغىش، ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، چارۋىلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ دېھقان-چارۋىچىلارنى ئىشىنچا مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنى ئېشىنچا مەبلىغىنى قايتا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقۇرى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى تەرتىپكە سېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، شىڭدى تېغىنىڭ كان مەھسۇلاتى ۋە شورتاڭ رايونىنىڭ ماي گاز بايلىقىدىن چىقىش قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئېچىشنىڭ تۈرلۈك ماسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەۋزەل كان مەھسۇلات بايلىقى ۋە ماي گاز ئېچىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىڭدى سانائەت رايونىنى ناھىيىمىز سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.
3). ئالدىن پىلانلاپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈر قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
يېقىندا، مەركەز يۇقۇرى قاتلام، چوڭ كۆلەمدىكى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى كەينى-كەينىدىن شىنجاڭغا ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تىنىچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ سىياسەت تەدبىرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، بولۇپمۇ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى مەركەزدىكى ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى «ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقلىقىنى ساقلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق ئازادە پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش» نى ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ بىزنىڭ تۈر قولغا كەلتۈرىشىمىزگە ياخشى پۇرسەت ياراتتى. بىراق مەركەزنىڭ مالىيە مەبلىغى پىلانلىق تۈرنى ئالدىن ئويلىشىدۇ، شۇڭا بىز چوقۇم پۇرسەتنى ئالدىن ئىگەللەپ، تۈر قولغا كەلتۈرۈشتىكى كونكرىت ھەركەتنى تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر زاپىسىنى تۈر قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويىشىمىز لازىم. يېزا بازارلار، مەيدانلار دۆلەتنىڭ سېلىنمىنى زورايتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن ناھىيىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، ئۇچۇرنى ئۆز ۋاقتىدا تۇتىشى لازىم. بولۇپمۇ ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەتنىڭ سېلىنما يۆنىلىشىنى توغرا تېپىپ، ناھىيىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى ۋە تۈر قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بولغان بىرىكمە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ توغرىلىنىش نىسپىتى ۋە ۋۇجۇتقا چىقىش نىسپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشى لازىم.
4). ناھىيىمىزدىكى «ئىككى يىغىن» نىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش لازىم.
ناھىيىمىزدىكى «ئىككى يىغىن» نىڭ ماتىرىياللىرىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش لازىم. «ئىككىن يىغىن» نى قاراپ چىقىش ۋە كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان «ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتى» قاتارلىق ئۈچ دوكلاتنى ئۆز ۋاقتىدا يوللاش لازىم. «ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتى» كېلەر يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پروگراممىسى بولۇپ، رەسمىي يوللاشتىن ئىلگىرى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى بۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە تەكلىپلەر بويىچە، يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىشى لازىم. ئۈچ دوكلاتتا چېتىلىدىغان ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ، چوڭ تۈر ۋە ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەر ئۆز-ئارا ماسلاشقان ۋە ھەمنەپەس بولىشى، ھەرتەرەپكە تەڭ ئەھمىيەت بەرگەن بولىشى، ئۆلچىمى بىردەك بولىشى لاىم.
«ئىككى يىغىن» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەت تۈزىمى ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇش لازىم. ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ «ئىككى يىغىن» نى ياخشى ئېچىشى، ھازىرتتىن باشلاپ ناھىيىمىزنىڭ «ئىككى يىغىنى» مەزگىلىگىچە يېزا بازارلار، تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا بىردەك سىرتقا چىقماسلىقى لازىم. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىشى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا جاۋاپ بېرىشى لازىم.
3. باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئورگاننىڭ ئۈنۈم ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش لازىم.
ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، يېزا بازارلار، تارماقلار ھەركىم ئۆزىنىڭ مەسئۇليىتىنى تۇلۇق ئادا قىلىپ، ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە پائال تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى، ساقلانغان مەسىلە ۋە مۈشكۈل خىزمەت ۋەزىپىسىگە قارىتا بىز چوقۇم ئۈنۈم ئىقتىدار قۇرۇلۇشىمىزنى تىرىشىپ كۈچەيتىشىمىز لازىم.
1). ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم. نۆۋەتتە، بىز نۇرغۇنلىغان يېڭى خىزمەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدۇق، يەنە كېلىپ ۋاقىت ئىنتايىن قىس. بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلەپ، ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خادىملىرى پۇختا خىزمەت قىلىش ئىستىلى ۋە ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. يەنىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجىرتىپ ئاساسىي قاتلام ۋە ئەمەلىي خىزمەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئىشىنى بىجىرىپ، خەلقنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ناھىيىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە باغلىنىشلىق مۇھىم مەسىلىلەر، ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقى پۈتۈن ئەھۋالنى تىرىشىپ ئىگەللەش لازىم. ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرغان خىزمەتلەردە كۆڭۈلدە سان بولۇپ، يىل بېشىدىكى نىشان ۋەزىپە بويىچە نۆۋەتتىكى «مۇقىملىققا، تەرەققىياتقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىدىكى ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت مەسئۇليىتىنى ئادەم بېشىغىچە تەقسىم قىلىپ، ھەربىر ھالقىلارغىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كېلەر يىللىق خىزمەت پىكىر يولى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەر بىلەن ھازىرقى خىزمەتلەرنىڭ ئۇلانمىسى ۋە داۋامىنى ياخشى ئىشلەش لازىم.
2). خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش لازىم. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى، مۈشكۈل خىزمەت ۋەزىپىسى، ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت خىزمەتچى خادىملىرى بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلار چوقۇم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، خىزمەت پىكىر يولىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى يېڭىلىق يارىتشچانلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇش: بىرىنچىدىن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېزا بازارلار، مەيدانلار ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆتكەن خىزمەت تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، خىزمەت ئۇسۇلى، باشقۇرۇش شەكلى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم. تەپەككۇر يولىنى ئۆزلۈكسىز ئېچىپ، دەۋر ۋە ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، ئۆز ساھە، ئۆز سېستىمىسىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ياخشى تۈزۈلمە ۋە مېخانىزىم ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش لازىم. ئىككىنچىدىن، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بازار ئىگىلىكى بولسا قانۇن-تۈزۈم ئىگىلىكى، قانۇن-تۈزۈم ئىگىلىكى قانۇن-تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەتنى دەۋەت قىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق خىزمەتچى خادىملىرى، بولۇپمۇ رەھبىرى كادىرلار قانۇن-تۈزۈم قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بۇرچىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى لازىم. قانۇن ئاتا قىلغان ھوقۇق چەكلىمىسى بويىچە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە باشقا مەمۇرىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنىڭ بۇلىشىغا يول قويمايلا قالماستىن، يەنە ھوقۇقىدىن ھالقىيدىغان قالايمىقان ھەركەتنىڭ بۇلىشىغىمۇ يول قويماي، قانۇن بولىدىكەن ئاساسلنىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا قاتتىق بولۇشنى ھەقىقىي ئورۇنداش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا بازارلار، تارماقلار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يىل بېشىدا تەقسىم قىلغان خىزمەت نىشان ۋەزىپىسى بويىچە، مەخسۇس خادىم بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش لايىھىسىنى بېكىتىپ، ئارقىدا قالغان خىزمەتلەرنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىشى لازىم. ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، باسقۇچقا بۆلۈپ بىجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە بىجىرىشنى دائىملىق سۈيلەش ئۆز-ئارا بىرىككەن ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تارماقلارنىڭ خىزمىتى داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، كۈچلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىزمەتلەرنىڭ ئەمىلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىشى لازىم.
3). ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەت ھەمكارلىق كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇش لازىم. ئىتتىپاقلىقتىن ياخشى كادىر بارلىققا كېلىدۇ، ياخشى ئوبراز يارىتىلىدۇ، جەڭگىۋارلىق كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا بىز ئىتتىپاقلىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان يۇقۇرى ئۈنۈملۈك، چىن دىلىدىن ئىتتىپاقلىشىدىغان، غەلبىلىك جەڭ قىلالايدىغان كادرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز لازىم. بولۇپمۇ بەنزە ئىچىدىكى پارتكوم ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆز-ئارا ئىشىنىپ، خىزمەتتىكى ئىختىلاپلارنى ئىدىيىۋى ئىختىلاپ دەپ قارىماسلىق، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىشلارغا بولغان ئورتاق تونۇشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، زىددىيەتنى پەسەيتىش بىلەن بىرگە، رەسمىي، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر ۋە يۇقۇرى تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ياخشى بىرتەرەپ قىلىش لازىم. ھەربىر رەھبىرى كادىر ئۆزىنىڭ ئورنىنى توغرا تېپىپ، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشى لازىم. چوڭ ئىشلاردا كوللىكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى ياخشى ئاڭلاپ، مەسىلە كۆرۈلگەندە مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلىدە ھەققانىي ئادىل بولۇپ، كۆكسى قارنىنى كەڭ تۇتۇپ، يىراق يېقىن ئۇرۇق تۇغقان دېمەي، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەرنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ ئىشىنىپ، ھەم قاتتىق تەلەپ قويۇش، ھەم پۈتۈنلەيمۇ ئەيىپلەپ كەتمەسلىك لازىم. ئۇندىن قالسا، ھەردەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇملۇق قارىشى ۋە ئومۇمىيلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كوللىكتىپ روھىنى جارى قىلدۇرىشى لازىم. ئومۇمەن خىزمەتلەر كۆپ تارماقلارغا چېتىلغاندا پائال قوللاش، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك. تارماق بىلەن تارماق، بەنزە ئەزالىرى ئىچىدە ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش، چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپچان، كىچىك ئىشلاردا پەزىلەتچان بولۇش لازىم.
4). خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بىرىنچىدىن، تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك. يېزا بازار، تارماقلار تەشكىلىي ئىنتىزامغا قاتتىق بويسۇنۇپ، شەخىسلەر تەشكىلگە بويسۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك يۇقۇرى دەرىجىلىككە بويسۇنۇشنى قەتئىي ئورۇنداپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت چىقارغان قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى شەرتسىز ئىجرا قىلىش، بىۋاستە قارشلىق ئورۇنلار ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىككىنچىدىن، خىزمەت ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك. رەھبەرلەر ۋە كادىرلارنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا سەۋەپسىز ھاراق ئىچىش، خىزمەت ۋاقتىدا خالىغانچە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىش ياكى شەخسىي ئىشىنى بىجىرىش، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىق ھەركەتلەرنى قاتتىق چەكلەپ، ئىنتىزامدا بوشىشىپ كېتىدىغان، خىزمەتلەردە ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان قىلىمشىلارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. ئومۇمەن ھۆكۈمەت ئاچقان ھەرخىل يىغىنلاردا، ئالاقىدار تارماقلار ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپى بويىچە يىغىنغا ۋاقتىدا قاتنىشىشى لازىم. باشقىلارنى ۋەكالىتەن قاتناشتۇرۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، سەۋەپلىك قاتنىشالمىغاندا جەزمەن رۇخسەت سورىشى لازىم.
يولداشلار، ھازىردىن باشلاپ چاغانغىچە، ناھىيە دەرىجلىكنىڭ «ئىككى يىغىنى»، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ «ئىككى يىغىنى» كەينى-كەينىدىن ئېچىلىدۇ، كۆپچىللىك يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى روھىي ھالەت بىلەن ناھىيىمىزنىڭ 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى، سىياسىي كېڭەشنىڭ 13-نۆۋەتلىك 3-يىغىنىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋالايلى!