ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
-- لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدا بېرىلگەن
ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت
ۋەكىللەر :
مەن ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن، يىغىنغا خىزمەتلىرىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭىزلارنى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىرتتىن قاتناشقان خادىملارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
2009-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر
2009-يىلى پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ كەلگەن بىر يىل، شۇنداقلا «11-بەش يىللىق» پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىلدۇر. بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ناھىيىدىكى ھەرمىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر قولدا ئىتتىپاقلىق ۋە مۇقىملىقنى، بىر قولدا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساتنىڭ ئېشىشىغا، خەلق تۇرمۇشىغا ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى مۇقىم روناق تاپقۇزۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئەل رايى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خەلقنى نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق.
1. ناھىيە ئىقتىسادىي مۇقىم تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى
2009-يىلى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ۋە ئۈرۈمچىدىكى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا، بىز قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە ئىقتىسادىدا ئالدىنقى يىلدىكى يۇقىرى تۈپ سان ۋە يۇقىرى ئېشىشنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردۇق. مۆلچەرىمىزچە، لوپنۇر ناھىيىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %11.5 ئاشتى؛ يەرلىك مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 751 مىليون يۈەن بولۇپ، ئاپتونوم ئوبلاست چۈشۈرگەن ۋەزىپىدىن %32.9 ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، «11-بەش يىللىق» پىلاندىكى بەش يىلدا جەمئىي 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئورۇنداش نىشانى بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى؛ مالىيە كىرىمى 170مىليون يۈەنگە يېتىپ %2.2 ئېشىپ، «11-بەش يىللىق» پىلاندىكى 127 مىليون يۈەن ئورۇنداش نىشانى 2 يىل بۇرۇن تاماملاندى؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 7504 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1587 يۈەن ئېشىپ، «11-بەش يىللىق» پىلاندىكى 6500 يۈەنگە يەتكۈزۈش نىشانى بىر يىل بۇرۇن تاماملاندى.
1) يېزا ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلىتىلدى
--«بىر ئاساس ئىككى قانات» لىق يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئەندىزىسى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى. «سۇغا قاراپ يەر بېكىتىش، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش» پىكىر يولى بويىچە، پاختنى باشلامچى كەسىپ قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇردۇق. 2009-يىلى، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 550 مىڭ مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30 مىڭ مو ئازايدى، پاختىنىڭ بىرلىك مەھسۇلاتى 144.6 كىلوگرام بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات 1 مىليون 600 مىڭ دەن بولدى؛ لوپنۇر شىمالى ئىقتىسادىي–ئېھاتە ئورمان بازا قۇرۇلىشىغا تايىنىپ، نەشپۈت ئاساس قىلىنغان ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىق يېتىشتۈرۈلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. 32 مىڭ مو كۆلەمدە ئورمان ئەھيا قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە: ئىقتىسادىي ئورمان 25 مىڭ 500 مو، ئېھاتە ئورمان 6500 مو بولۇپ، ناھىيىنىڭ ئورمان-باغ ئومۇمىي كۆلىمى 74 مىڭ مو بولدى؛ جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، نەسلىنى ياخشىلاش، يەم-خەشەك تېرىش ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى سان مىقدار تىپىدىن سۈپەت ئۈنۈم شەكلىگە ئۆزگەرتىلدى، مۆلچەرىمىزچە، يىل ئاخىرىدىكى تىرىك چارۋا قوتان قالدۇقى 322 مىڭ تۇياق بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.48 ئاشىدۇ.
--تاشيول، ئۆستەڭ، ئورمان ۋە تۇرالغۇ ئۆي مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 32 مىليون 560 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، 70كىلومېترلىق يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى، تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان تاشيولنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، كۆنچى دەرياسى 3-چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. نۆۋەتتە، يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 862.12 كىلومېترغا يېتىپ، كەنت يوللىرىنى قارامايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىپ، ئۇزۇندىن بېرى يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىۋاتقان «يول يۈرۈش مۈشكۈل بولۇش» مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى. 173 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 175كىلومېترلىق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ يېڭىدىن ياسالدى، 734 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆستەڭ ۋە زەيلىك رېمونت قىلىنىپ، 133 كۆز ماتورلۇق قۇدۇق يېڭىدىن كولاندى، يۇقىرى ئۆلچەمدە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمى 150 مىڭ موغا يەتكۈزۈلۈپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش، مەھسۇلات ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى؛ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 37 كىلومېتر، كۆلىمى 1350 مولۇق «كورلا-لوپنۇر يېشىل كارىدورى» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ناھىيە-يېزا تاشيوللىرىنىڭ ئېھاتە ئورمان قۇرۇلۇشى نەتجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 40 مىليون 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئىتتىپاق يېزىسىنىڭ يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن رايونى ۋە گۈلباغ يېزىسىنىڭ ئاقچېكە كەنتى قاتارلىق 5 كەنىتنىڭ 35 مىڭ مو يېرىنى رەتلەپ تەرتىپكە سېلىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. دېھقان-چارۋىچىلارغا مەدەت بېرىلىپ 1531 يۈرۈش يەر تەۋرەشكە چىداملىق تۇرالغۇ ئۆيى يېڭىدىن سېلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى پەيدىنپەي ياخشىلاندى.
سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ئۈچنى رەتلەش تۆتلەشتۈرۈش» چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، داشى تەجرىبە رايونى ۋە نۇرباغ تەجرىبە نۇقتىسى قۇرۇلۇشى داۋاملىق ياخشى تۇتۇلۇپ، داشى كەنتىنىڭ بۇلغىما سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. داشى تەجرىبە رايونىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك ۋە باغ-ئورمانچىلىقىدا دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «سىناق نۇقتا ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، تەجرىبە توپلاپ، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەش» رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، يېزا (بازار)، كەنت يوللىرىنىڭ ئىككى ياقىسى، كوچا ياقىسى ۋە دېھقانلار ھويلا-ئاراملىرىنىڭ مۇھىتى تەرتىپكە سېلىنىپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتى ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ روھى قىياپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.
2) «كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىستراتېگىيىسى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلىتىلدى
«كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تەك رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كورلا شەھىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقە كۈچەيتىلىپ، كورلا-لوپنۇر يېڭى رايونىنى پىلانلاش قۇرۇش ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. شىنىغا بازىرى ئايرىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كىيىن، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىلگىرىكى ئاساستا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ناھىيىنىڭ مالىيە-باج كىرىمى قاتارلىقلار بۇنىڭدىن بىۋاستە مەنپەئەتدار بولدى. كورلا-لوپنۇر ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ مول پاختا بايلىقى ۋە پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى كۆلىمىگە تايىنىپ، پاختا كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلدى ۋە نەپىسلەشتۈرۈلدى. شىڭدى تېغىنىڭ كان بايلىقىلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ ئېچىشتا ماھىيەتلىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشتۇق. شورتاڭ رايونىدا 16 كۆز نېفىت قۇدۇقى يېڭىدىن كۆپىيىپ، پۈتۈن يىلدىكى نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 250 مىڭ توننىغا، تەبئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 61 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلدى. ئېنېرگىيەنى تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 10 مىڭ يۈەنلىك GDP دىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى %4.4ئازايتىلدى.
3) ساياھەتچىلىك ئاساس قىلىنغان 3-كەسىپ ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇلدى
ساياھەتچىلىكنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ «ھۆكۈمەت يېتەكچى، كارخانا ئاساسىي گەۋدە، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» تەك باشقۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، سەيلىگاھنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ لوپنۇر يارداڭ چوڭ جىلغىسى سەيلىگاھى قۇرۇلۇشى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، دۆلەتلىك A2 دەرىجىلىك سەيلىگاھ بولۇپ قۇرۇلدى؛ داشى كەنتىنىڭ ساياھەت ئومۇمىي پىلانى تۈزۈلۈپ، داشى كەنتىنى «مەملىكەت بويىچە ئۆزگىچە سەيلە-ساياھەت داڭدار كەنتى» قىلىش ئۈچۈن پائال ئىلتىماس قىلىنىپ، «سەھرا شاتلىقى» ساغلام تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. مۆلچەرىمىزچە، يىللىق كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى 180 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەتچىلىكتە 11 مىليون 500 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىندى. تاۋار ئوبوروتى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېزىلارنىڭ بازارلىرى ئاۋاتلاشتى. دېھقان ئائىلىلىرى ماگزىنىدىن 43 ى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلىپ، «ئائىلە ئېلىكتر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»، «ئاپتوموبىل ( موتسىكلىت) نى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» ياردەم مەبلىغىدىن 299 مىڭ يۈەن نەقلەشتۈرۈلدى. ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىدا تۇنجى قېتم مىليون يۈەنلىك ئۆتكەل بۆسۈلۈپ، 119 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئاشۇرۇلدى.
4) مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە مۇقىم ئايلىنىپ، تۈر قولغا كەلتۈرۈشتە تارىخى يېڭى رېكورد يارىتىلدى. مەنبەئەنى ئېچىش بىلەن تېجەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردۇق. يىغىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يۇشۇرۇن كۈچلىرى چوڭقۇر قېزىلىپ، يىغىشقا تېگىشلىكى تولۇق يىغىلدى. چىقىم كونترول قىلىنىپ باشقۇرۇش چىڭىتىلىپ، ئادەتتىكى چىقىملار تېجەلدى. مائاش تارقىتىش، ئاپپاراتلارنىڭ ئايلىنىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە نۇقتىلىق ئەل رايى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىلدى. پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى قەرىز سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، 2009-يىلنىڭ ئاخىرى، ناھىيە بويىچە تۈرلۈك بانكا ئامانەت پۇل قالدۇقى 1 مىليارد 690 مىليون يۈەن بولۇپ، %35.3 ئاشتى، قەزىر پۇل قالدۇقى 1 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، %82 ئاشتى. مەركەزنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش سىياسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، كۆپ خىل يوللار ۋە كۆپ تەرەپلەردىن 44 تۈر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە: دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق ۋە چارۋىچىلىقتا 17 تۈر، ئىجتىمائىي ئىشلاردا 16 تۈر، شەھەر يېزا قۇرۇلىشىدا 11تۈر بولۇپ، 303 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
2. ئىجتىمائىي ئىشلار بىر تۇتاش پىلانلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى
1) 27 تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى. خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىش ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىنىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، تۈپ مەنپەئەتىگە ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەمەلىي چېتىلىدىغان مەسىلىلەر تىرىشىپ ھەل قىلىندى. 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ناھىيىلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى، ناھىيىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزى ۋە 6 يېزا بازارلىق مەكتەپ قاتارلىق بىر تۈركۈم مائارىپ قۇرۇلۇشلىرى يېڭىدىن سېلىنىپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئامبۇلاتورىيە بىناسى ۋە شىڭ پىڭ يېزىسى قاتارلىق 6يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرشتۈرۈلۈپ، ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ئىتتىپاق يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ يەرتەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش شەرت-شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. 6-نومۇرلۇق مەھەللىنىڭ 312 ئائىلىلىك ئەرزان ئىجارە ئۆيى، 250ئائىلىلىك شەھەر بازار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيى، 4-نومۇرلۇق مەھەللىنىڭ 258 ئائىلىلىك كادىرلارنىڭ 2-يۈرۈش لېفىتلىك تۇرالغۇسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيگە بولغان ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ، بىر تۈركۈم كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، شەھەر-بازار تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىپ، شەھەر ئولتۇراق ئۆي كاپالەت سېستىمىسى كۈچەيتىلدى. شەھەر-يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش، ئۆزگەرتىش (يېڭىلاش) قۇرۇلۇشىدىن 25 تۈر 77 مىڭ 900 كۋادرات مېتر تاماملاندى. شەھەر مەنزىرە بەلۋىغىنىڭ 3-باسقۇچى، ناھىيە بازىرىنىڭ مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قاتارلىق شەھەر قۇرۇلۇشلىرى ئارقا-ئارقىدىن پۈتكۈزۈلۈپ، شەھەرنىڭ جەنۇبى بۆلىكىنى مەركەزلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش-بۇلغىما سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى، تەبىئىي گازنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش، مەھەللە يوللىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق شەھەر ئىقتىدارى ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. شەھەرنىڭ بۇلغىما چىقىرىش تۇرۇبا قۇرۇلىشىدا كۆنچى جەنۇبى يولى، قۇدرەت يولى، دوستلۇق يولى، ئىتتىپاق غەربى يولى قاتارلىق ئاساسلىق يوللارنىڭ يول ياقىسى تۇرۇبا لىنيىسى ياتقۇزۇپ بولۇندى. ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تۈرىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتتى. شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر ئىقتىدارى، دەرىجىسى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلاندى. ئەندا سودا سارىيى ئوڭۇشلۇق تىجارەت باشلاپ، كۆۋرۈك جەنۇبى ئۇنىۋېرسال سودا بازىرى پۈتكۈزۈلۈپ تىجارەت باشلاپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ مال سېتىۋېلىش مۇھىتى ۋە ئىستىمال قاتلىمى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىشخانا بىناسى ۋە كۇرسانتلار ياتىقى، گۈلباغ يېزىسى،دۆڭقوتان يېزىسى، لوپنۇر بازىرى قاتارلىق 3 يېزا-بازارنىڭ ئىشخانا بىناسى، ئازاتلىق مەھەللىسى، قۇدرەت مەھەللىسى، ئىتتىپاق مەھەللىسى قاتارلىق 3 مەھەللىنىڭ ئىش بېجىرىش مۇلازىمەت ئورنى يېڭىدىن سېلىنىپ، 21 كەنت دەرىجىلىك بازا ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىلىپ ۋە رېمونت قىلىنىپ، يېزا-كەنت، مەھەللىلەرنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ تەربىيلىنىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
2) «ناھىيىنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئسىتراتېگىيسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېزا-بازارلارنى گۈللەندۈرۈش»، «پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ساھەلەرنى گۈللەندۈرۈش» خىزمىتى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەلا نەتىجە بىلەن مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى باھالاش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمى باھالىشىدىن ئۆتتۇق. دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ پەن-تېخنىكا تۈرىدىن 12سى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ كېۋەزنى يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قوللىنىش» قاتارلىق پەن-تېخنىكا تۈرلىرى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «پەن-تېخنىكا قىشلىقى»،«ئۈچنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش» ئاساس قىلىنغان ساپا قۇرۇلۇشى تەربىيىسى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ماھارىتى ۋە ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
3) مائارىپ ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ۋە راسخوت كاپالەت سېستىمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى باراۋەر قوبۇل قىلىش ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەسلى «قوش تىل» ئوقۇتۇشى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشلىنىش سىنىپلىرىنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇشى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلدى. ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ تارقىلىشى ئىلمىي تەڭشىلىپ، مائارىپ بايلىقى مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈلۈپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئەسلىدىكى 35 تىن 9 غا يىغىنچاقلىنىپ، «ئوتتۇرا مەكتەپنى ناھىيە بازىرىدا ئوقۇش، باشلانغۇچ مەكتەپلەر يېزا-بازارلاردا ساقلىنىش، قوش تىل ئوقۇتۇشى ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش» تەك مائارىپ ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى. مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ئۆزلۈكسىز يېڭلىق يارىتىلىپ، رىقابەت بىلەن ئىش ئورنىغا چىقىش ئارقىلىق، 6 مەكتەپنىڭ 12 نەپەر مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتى. «ئىككى ئاساسەن» نى «دۆلەتتىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش» خىزمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتۇق.
4) مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدانى، «مەدەنىيەتنى ئالتىگە كىرگۈزۈش»، ئاۋام خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئاممىۋىي مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى-مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى. مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 4 يېزا-بازارنىڭ مەدەنىيەت پونكىتى ئىش بىجىرىش ئورنى يېڭىدىن سېلىندى، 540 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 5 يېزا-بازارنىڭ مەدەنىيەت پونكىتى ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «ھەممە كەنتلەرگە رادىئو-تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»، «شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ رادىئو -تېلېۋىزىيە قوبۇل قىلىش قۇرۇلۇشى» داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، رادىئو -تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. ئاخبارات مۇخبىرلىقى،تەھرىرلەش، ئاڭلىتىش ۋە كىرىشتۈرۈشنىڭ ھەممىسى سېفىرلاشتۇرۇلۇپ، سېفىرلىق تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە تەكشى ئالماشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كانال سانى 79 يۈرۈشكە يەتكۈزۈلۈپ، ناھىيە بويىچە سىفىرلىق تېلېۋىزىيە ئابونتلىرى 8000 دىن ئارتۇق ئائىلىگە يېتىپ، ناھىيە بازىرى ۋە شەھەر ئەتراپىنى ئاساسەن قاپلىدى.
5) داۋالاش سەھىيە خىزمىتى مۇقىم قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش خىزمىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، قاتناشقان ئادەم سانى 22735 كە، ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتى %85 كە يەتكۈزۈلدى. داۋالاش سەھىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، 7 يېزا-بازارنىڭ 14 نەپەر دوختۇرخانا باشلىقى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى رىقابەت ئارقىلىق ئىش ئورنىغا چىقتى. چوڭ يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش ۋە تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن ئاممىۋىي سەھىيە ھادىسىلىرىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، ئا تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتىرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 2 يېزا-بازارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتى ۋە مۇلازىمەت ئورنى يېڭىدىن قۇرۇلۇپ، ناھىيىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيىسى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ‰ 11 ئىچىدە كونترول قىلىنىپ، دۆلەت دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئەلا مۇلازىمىتى ناھىيىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلىندى.
شەھەر-يېزىلارنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش سېستىمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 520مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 30 ئائىلىلىك مېيىپ كىشىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆگەرتىلدى، 104مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قارچۇغا يېزىسىنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيىسى رېمونت قىلنىدى. 660مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىپ بېرىلدى. ناھىيە بويىچە 5789 كىشى شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولدى. 1617 ئادەم ئىشقا ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ۋەزىپە %170.2 تاماملىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى دەسلەپكى قەدەمدە پەسەيتىلدى. ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، 32276 ئادەم قېتىم ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش، تۇغۇت ۋە ئىش ئۈستىدە يارلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ۋەزىپە ئايرىم-ئايرىم ھالدا %221، %455، %107.7، %99 ۋە %127 تاماملاندى.
3. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ناھىيىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى
1) ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش-ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «پارتىيىلىك كادىرلار تەربىيىگە ئېرىشىش، ئىلمىي تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇزۇنغىچە ئامان بولۇشنى ساقلاپ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، خەلق ئاممىسىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش» تەك ئومۇمىي تەلەپ بويىچە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت، مۇلازىمەت ھۆكۈمىتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ۋە پاك-دىيانەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش، سىياسىي كېڭەشنى خىزمەتلەردىن خەۋەردار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ تەنقىد، پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەۋسىيە، تەنقىد ۋە پىكرىدىن 55 پارچە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 71 پارچە تەكلىپى بېجىرىلىپ، رازىمەنلىك نىسبىتى ۋە تۈگىتىش نىسبىتى يىلمۇ-يىل ئۆستۈرۈلدى. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ئورگان ئۈنۈم-ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئۈچنى ئاشكارىلاش» دېموكراتىك نازارەتچىلىك تۈزۈمى داۋاملىق يولغا قويۇلدى. كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەش خىزمىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلۇپ، مەخسۇس تۈزەش تەرتىپكە سېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ، مەنبەئەدىن تۈزەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، تۈرلۈك تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئىقتىسادىي تەپتىشلەشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 31 مىليون 580 مىڭ يۈەن تەكشۈرۈپ كېمەيتىلىپ، تەكشۈرۈپ كېمەيتىش نىسبىتى %18.6 كە يەتكۈزۈلدى. پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى، ساھە ئىستىلى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيىسىدە يېڭى ئۆسۈش بارلىققا كەلتۈرۈلدى. ئاممىنىڭ ھال-مۇڭ ئېيتىپ كېلىش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن خەلقنىڭ ئالاقىسى پائال كېڭەيتىلىپ، 3645 پارچە ئۇچۇر ئاشكارلىنىپ، ھاكىم خەت ساندۇقىغا كەلگەن 400 پارچىدىن ئارتۇق خەتكە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان بىر قىسىم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارلاش خىزمىتىدە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ستاتىستىكا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، ئارخىپ-تەزكىرە، خەلق قوراللىق قىسمى قاتارلىق خىزمەتلەردە خوشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
2) ئىجتىمائىي سىياسىي ئومۇمىيلىقنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى. جەمئىيەتنىڭ تىنچىلىقىنى قوغداش، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم مەسئۇليىتى قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردۇق. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئالاقىدار تۈرلۈك قارار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىملىق ھالىتى باشتىن-ئاخىر ساقلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ بۆلگۈنچىلىك بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىتەك ئىدىيىۋى ئاساسى مۇستەھكەملەندى. بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنى تىنجىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈرلۈك قارار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى قەتئىي ھىمايە قىلىندى. «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىغا 403 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بۆلەككە بۆلۈپ كادىرلارغا ھۆددىگە بېرىش ۋە ئائىلىلەرگە كىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا يۈز تۇرانە تەربىيە ياخشى ئىشلىنىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يالغان گەپلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق ئاممىغا تەربىيە ئىشلەپ، ئۇلارغا «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇتۇپ، پىتنە-پاساتقا ئىشەنمەي ۋە ئېغىۋا تارقاتماي، پىتنە-پاساتلارغا رەددىيە بەردۇق. ئۆز ھەركىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى پائال تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۆمەر ھەبىبۇللا قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتۇق. دىنىي ئىشلارغا بولغان باشقۇرۇش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىپ، پارتىيىنىڭ دىنىي خىزمەت فاڭجىن-سىياسەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قانۇنلۇقنى قەتئىي قوغداپ، قانۇنسىزنى توسۇپ، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى يېقىن جايدا دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ھەج قىلىشنى تەشكىللەش باشقۇرۇش قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلدى. رەھبىرى كادىرلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە دىنىي زاتلار بىلەن سىردىشىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە مەسچىت باشقۇرغۇچىلىرىغا تەربىيە ئىشلەش ۋە باشقۇرۇش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلدى. «بېسىلىپ قالغان دېلولارنى تۈگىتىش يىلى» نىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتى مېخانىزىمى ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئەرزىيەت يوللىرى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، پۈتۈن يىلدا قوبۇل قىلىنغان ئەرز 70 پارچە ۋە 167 ئادەم قېتىم بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %36 ۋە %68 ئازايدى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرشتا «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تاشيول قاتنىشى، كۆمۈرسىز كان تاغ، خەتەرلىك خېمىيىلىك بۇيۇملار قاتارلىق مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى. قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات تەربىيىسى پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «5-بەش يىللىق» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئالتىگە كىرگۈزۈش» خىزمىتى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جامائەت پىكرى كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك قويۇقلىشىپ، ئاۋام خەلقنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.
3) ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلار ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بەردى
بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بىرىكمە ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىك 2-دېۋىزىيىسىنىڭ ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى تۈەن-مەيدانلىرى كېۋەز ئۆستۈرۈش، تېجەشلىك سۇغىرىش، ئۆزگىچە باقمىچىلىق، يېشىل كارىدورنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشكە ئەرزىيىدىغان كۆپلىگەن ئىلغار تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ناھىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، پوچتا، تېلگىراف، ئېلىكتىر كۈچى، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق ئورۇنلار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.
ۋەكىللەر، بىر يىلدىن بۇيان، بىز بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كوللىكتىپ تەدبىر ۋە كۈچ چىقىرىپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىپ، ناھىيىدە مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مۇقىم تەرەققىي قىلغان، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن خوشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلمىكى ئاسانغا توختىمىدى، بۇ ئاساسلىقى ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقى، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىك قىلىپ قوللىغانلىقى، ناھىيىدىكى كەڭ كادىر ئاممىسىنىڭ بىرنىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپالىق كۆرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇ يەردە، مەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، ھەر قايسى سەپلەردە كۆرەش قىلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئاممىغا، دېموكراتىك پارتىيە-گورۇھلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا، ناھىيىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-جەڭچىلىرىگە، يېزا ئىگىلىك 2-دېۋىزىيىسىنىڭ ناھىيىدە تۇرۇشلۇق تۈەن-مەيدانلىرىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە، شۇنداقلا لوپنۇرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ھەر ساھە زاتلىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!
نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۇقىرىنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بەلگىلىك پەرقلەر بار، تەرەققىياتتا بىر قىسىم قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى: بىرىنچىدىن ئىقتىساتنىڭ ئومۇمىي مىقدارى نىسبەتەن كىچىك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن يېزىلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل؛ سۇ ئەھۋالى، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ھوسۇل ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش قىيىنلىقى ئاشماقتا؛ ئۈچىنچىدىن سانائەت-كان كارخانىلىرىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى، كان مەھسۇلاتلىرىنى قېدىرىپ ئېچىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ دىققىتىمىزنى يۈكسەك دەرىجىدە قوزغىدى، بىز مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزغا قارىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ چارىسى ئارقىلىق ھەقىقى ھەل قىلىشنى كۈچەيتىمىز.
2010-يىللىق خىزمەت پىكىر يولى ۋە كۆرەش نىشانى
2010-يىلى «11- بەش يىللىق» پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ ئاخىرقى يىلى، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ «11-بەش يىللىق» پىلاننىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، «12-بەش يىللىق» پىلان تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. 2010-يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى: ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 8-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك 8-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ «شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش يىلى» نى ياخشى پۇرسەت قىلىپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، «كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئسىتراتېگىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىم بولۇشىنى قوغداشتىن ئىبارەت.
ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانلار: ناھىيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2 مىليارد 760مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 900 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %20 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمىنى187 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10ئاشۇرۇش؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىدە 8100 يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈشكە تىرىشىپ، 600 يۈەن ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى 143 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %20 ئاشۇرۇش؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسپىتىنى ‰11 ئىچىدە كونترول قىلىش؛ 10 مىڭ يۈەنلىك GDP دىكى ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى %4 ئازايتىش.
يۇقارقى نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى سەككىز تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز:
1. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز
«يېزا ئىگىلىك، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدە مۇھىمىنىڭ مۇھىمى، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئستىراتېگىيىلىك ۋەزىپە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ياخشى سۈپەتلىك بىرىكىپ ھەركەتلىنىشتەك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
1) يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز
--كېۋەز تېرىقچىلىقىنى مۇستەھكەملەپ، پاختىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز. زامانىۋى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، كېۋەز تېرىقچىلىق باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پاختىنىڭ يېتەكچى كەسىپلىك ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. سورتنى ياخشىلاش، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، بىرلىك مەھسۇلاتقا ھۇجۇم قىلىش، ئومۇمىي مەھسۇلات ۋە سۈپەتنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىمىز. « تارىم دەرياسى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ سۇ كېلىش مىقدارى بارغانسىرى ئازىيىش» تەك كەسكىن ۋەزىيەتنى تولۇق تونۇپ، «سۇغا قاراپ يەر بەلگىلەش» پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، سۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىغان كېۋەزلىك ۋە كېۋەز ئۆستۈرۇش خەتەرلىك رايونلار، تۆۋەن ھوسۇللۇق رايونلارنى تېرىقچىلىقتىن بوشاندۇرۇش ۋە باشقا زىرائەتلەرنى تېرىش شەكلى ئارقىلىق پەيدىنپەي تەڭشەيمىز ۋە ئازايتىمىز. يۇقىرى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، قولاي سۇ تىجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، تۇپراقنى تەكشۈرۈپ رېتسېپ بويىچە ئۇغۇتلاش، ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىش، قوش يوپۇق ئارقىلىق قاپلاپ تېرىش قاتارلىق قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ۋە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە بازارنىڭ خېيىم خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 550 مىڭ مو ئەتراپىدا تۇراقلاشتۇرۇپ، بىرلىك ساپ پاختا مەھسۇلاتىنى 147 كىلوگىرامغا يەتكۈزۈپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 1 مىليون 600 مىڭ دەن ئەتراپىدا ساقلايمىز.
--ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىقنى زورايتىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلايمىز. يول، ئۆستەڭ، ئېلىكتىر كۈچى، ماتورلۇق قۇدۇق، ئېھاتە ئورمان قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لوپنۇر شىمالى رايونى ۋە كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رايوننى ئاساس قىلغان نەشپۈتچىلىك بەلۋىغى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى يىل ئىچىدە لوپنۇر شىمالى ئىقتىسادىي ئېھاتە ئورمان بازىسىنىڭ 60 مىڭ مولۇق ئورمان ئەھيا قىلىش ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، رايونلاشقان، كۆلەملەشكەن ۋە ئۆلچەملەشكەن باغۋەنچىلىك بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. يېشىل كارىدور ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورمانچىلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە تورى سېستىمىسى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇپ ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. 2010-يىلى سۈنئىي ئۇسۇلدا 20 مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلىشنى پىلانلىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە: ئىقتىسادىي ئورمان17 مىڭ مو، ئېھاتە ئورمان 3 مىڭ مو بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ناھىيىمىزدە قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قۇمنى تىزگىنلەش پەن-تېخنىكا تۈرىنى يولغا قويۇشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ناھىيىمىزنى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قۇمنى تىزىگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيىسى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز.
--زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ يۇقىرى كۆتىرىمىز. يىلسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقان سۇ ئەھۋالىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئوتلاقلارنىڭ چېكىنىشى ئېغرلاشماقتا، ئەنئەنىۋىي چارۋىچىلىقنى زامانىۋى چارۋىچىلىققا ئۆزگەرتىش قەدىمىنى چوقۇم تېزلىتىشىمىز لازىم. تېخنىكا مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر ئەتراپى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرى چارۋىچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز. تەبىئىي ئوتلاقلارنى باشقۇرۇش، قوغداش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ كېۋەز تېرىش خەتەرلىك رايونلار ۋە تۆۋەن ھوسۇللۇق رايونلاردا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئەلا سورتلۇق ئوت- چۆپ ئۆستۈرىشىگە مەدەت بېرىمىز. ھايۋاناتلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېستىمىسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىپ، چارۋىچىلىقنىڭ كەسىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرىمىز. 2010-يىلى 13 مىڭ مو سۈپەتلىك يەم-خەشەك ئۆستۈرۈپ، 80 مىڭ توننا يەم-خەشەكنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، 20 مىڭ توننا يەم-خەشەك ئېچىتىپ، 54 مىڭ تۇياق تىرىك چارۋىنىڭ نەسلىنى ياخشىلايمىز. چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بۆلەكلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، يىل ئاخىرىدىكى تىرىك چارۋا قوتان قالدۇقىنى تىرىشىپ 335 مىڭ تۇياققا يەتكۈزىمىز.
2) تەرەققىيات يۈزلىنىشى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىمىز. شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا بازار مۇئەسسەسەلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازار ئېھتىياجلىق بولغان قوغۇن-تاۋۇز، ياڭيۇ، گازىر تاۋۇزى، كۆكتات قاتارلىق ئۆزگىچە زىرائەتلەرنى تېرىپ، تېخىمۇ كۆپخىللاشقان ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئارقىلىق دېھقانچىلىق تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز. يېزىلارنىڭ تۈرلۈك كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، ۋاستىچىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقان ۋاستىچىلار قوشۇنىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ ۋە قۇرۇپ چىقىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ياخشى بىرىكتۈرىمىز. پەن-تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا، «پەن-تېخنىكا قىشلىقى» پائالىيىتىنى ۋاستە قىلىپ، يېزىلاردىكى ياشلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيلىنىشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سودا-سېتىق، مال ئوبوروتى، مۇلازىمەت قاتارلىق 2-، 3-كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پائال مەدەت بېرىمىز ۋە يېتەكلەيمىز. چەت-ياقا يېزا كەنتلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۆز ئورنى ۋە يېقىن جايدا ئىشلەپ، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن قوشماق بولۇپ پاختا تېرىش، ئېتىز-ئېرىق باشقۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز ۋە تەشكىللەيمىز. شارائىتى بار يېزا كەنتلەرنىڭ مۇھىتى ئەلا، مۇلازىمىتى ياخشى، ئۆزگىچىلىككە ئىگە «سەھرا شاتلىقى» ۋە «ئارامگاھ» لارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ غەيرىي يېزا ئىگىلىك كىرىمىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرىمىز.
3) نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. داشى تەجرىبە رايونى ۋە نۇرباغ تەجرىبە نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز، دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، تەجرىبە رايونى ئىچىدىكى ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاپ، شەھەر ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تەجرىبە رايونىغا ئۇزارتىلىشى ۋە شەھەر ئاممىۋىي مۇلازىمىتىنىڭ تەجرىبە رايونىنى قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلىتىپ، داشى تەجرىبە رايونىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەتچىلىك ۋە باغ ئورمانچىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پەن-تېخنىكا ، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە بېيىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەجرىبە رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىمىز.
2. «كورلا لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىستىراتېگىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز
ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ «كورلا لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئىستىراتېگىيىلىك ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە «ئۈچ قەدەمدە مېڭىش» نىشانى بويىچە، ئومۇمىيلىق ئېڭى ۋە چوڭ تەرققىيات، چوڭ سودىگەر چاقىرىش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كورلا شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ كورلا-لوپنۇر يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز. ئېچىۋېتىلگەن رايوندىكى كارخانىلارنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەشنى ياخشى بىرىكتۈرۈپ، ناھىيىمىزنىڭ پاختا، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرىمىز. شىڭدى تېغىنىڭ كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كان رايونىنىڭ ئېلىكتىر، يول، سۇ قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى ئېچىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كان مەھسۇلاتلىرىنى قېزىش ئاساس قىلىنغان شىڭدى سانائەت رايونىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرىمىز. ھۆكۈمەت يېتەكچى بولۇپ، چوڭ كارخانىلار، چوڭ گورۇھلارنى بىرلىكتە مەبلەغ چىقارغۇزۇپ، كان مەھسۇلاتلىرىنى خېيىم-خەتەرلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش شېركىتى قۇرۇپ، كان بايلىقىنى گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ ۋە تەپسىلى تەكشۈرۈپ، زاپىسىنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ چىقىمىز. ئىلمىي پىلانلاش، مۇۋاپىق ئېچىش ۋە تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش خاراكتىرىدىكى ئېچىشنى توسۇپ، كان بايلىقلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىڭدى سانائەت رايونىنى شىنىغا سانائەت باغچا رايونىدىن كىيىنكى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا تىرىشىپ ئايلاندۇرىمىز. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىدە بار بولغان سانائەت-كان كارخانىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ساقلاش ئاساسىدا، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، قايتىدىن قۇرۇپ بىرىكىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، كارخانا كۆلىمىنى پەيدىنپەي كېڭەيتىش ۋە زورايتىشىغا مەدەت بېرىمىز ۋە يار يۆلەك بولىمىز. ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرلىشىپ، كەسىپلەرنى گرادىئېنتلىق يۆتكەشنى ياخشى ئىشلەيمىز. توسالغۇ ئامىللارنى پائال تۈگىتىپ، كارخانىلارغا ماسلىشىپ مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تايانچ كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. مەۋقەنى شورتاڭ رايونىنىڭ نېفىت-گاز بايلىقىغا قارىتىپ، نېفىت-گاز قېدىرىپ ئېچىشنىڭ تۈرلۈك ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيمىز.
3. ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، 3-كەسىپنى زورايتىمىز
لوپنۇرلۇقلار كەنتى باشلامچى قىلىنغان نۇقتىلىق سەيلىگاھلارنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 2009-يىلىدىن باشلاپ 3 يىل ۋاقىت ئىچىدە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتىنى دۆلەتلىك A4 دەرىجىلىك ئېسىل سەيلىگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشمىز. «لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ساياھەت ئومۇمىي پىلانى» ۋە «لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ ئىجادىي تەپسىلىي پىلانى» نى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، لوپنۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، «قۇملۇقتىكى توغراق، لوپنۇرلۇقلار» ئاساسىي تېما قىلىنغان ساياھەت تەشۋىقات پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمىز. ئېسىل ساياھەت لىنيىسى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭىچە ساياھەت تۈرلىرى ۋە قۇيۇق يەرلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى پىلانلاپ ۋە ئېچىپ، ساياھەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى ئۇقۇمىنى ئۆزلۈكسز بېيىتىپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «يىمەك-ئىچمەك، قونالغۇ، سەپەر، سەيلە، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» نى بىر گەۋدە قىلىپ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئۆزگىچە سەھرا ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال مەدەت بېرىپ، دېھقانلارنى ساياھەتچىلىكتىن تېخمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ ۋە پايدىغا ئېرىشتۈرىمىز. قېرىنداش ناھىيە (شەھەر) لەر بىلەن بولغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىك ئارقىلىق ئۆز-ئارا تولۇقلاپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇپ، ساياھەتچىلىكتە كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىشقا تىرىشمىز. ساياھەتچىدىن 200 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتىۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتە 13 مىليون يۈەن كىرىم قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. ياخشى مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ يارىتىپ، سودا ئوبوروتى، ئىستىمال پارچە سودىسى، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 3-كەسىپنىڭ نىسبىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئاشۇرىمىز.
4. ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماس تەرەققىي قىلدۇرىمىز
ئوبلاستلىق پارتكوم 2010-يىلنى ئوبلاستنىڭ «شەھەر يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىلى» قىلىپ بېكىتتى، ھەمدە يېزا ۋە مەھەللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر يېزا تۇتاشقان ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بىز دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان ياردەم سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى پۇرسەت قىلىپ، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قولغا كەلتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزغا قارىتىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى تېزدىن پىلانلاپ ۋە تەييارلاپ، «11-بەش يىللىق پىلان» نىڭ ئاخىرقى يىلى ۋە «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى چوڭ-چوڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى بالدۇر پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى بىر تۇتاش پىلانلايمىز.
سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى. سۇ ئىنشائاتىغا بولغان سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز، ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ چوڭ تىپتىكى سۇغىرىش رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى يېڭى تېجەشلىك سۇغىرىش ۋە كىچىك ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى تۈرلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، تايانچ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرى، تېجەشلىك سۇغىرىش، يەر ئاستى سۈيىنى قېزىش ھەمدە ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئاساسىي قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ياخشى تۇتىمىز. ئاقسۇپا غول ئۆستىڭى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ھەمدە كورلا-تارىم غول ئۆستىڭىنى ئۆزگەرتىش، تارىم شىمالى غول ئۆستىڭى-تارىم سۇ ئامبىرى سۇغىرىش رايونى-دۆڭقوتان سۇغىرىش رايونىنى تۇتاشتۇرۇش، شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق نۇقتىلىق سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پائال ياخشى تۇتىمىز. تەستىقلىنىپ تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلغان قارچۇغا، دۆڭقوتان، ئاقسوپا قاتارلىق قۇرغاقچىلىق ئاسان كۆرۈلىدىغان 3 يېزىنىڭ سۇغىرىش ئۆستىڭى سېستىمىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆستەڭ سېستىمىسىنىڭ ئېقىن ئىقتىدارى ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. 18 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتا سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ۋە يۈرۈشلۈك ئىمارەتتىن 105 نى يېڭىدىن ياساپ، ئۆستەڭ ۋە زەيلىكتىن 300 كىلومېترنى رېمونت قىلىمىز. كىچىك تاختىلاپ سۇغىرىش قاتارلىق تېجەشلىك سۇغىرىش شەكلىنى پائال يولغا قويۇپ، 30 مىڭ مولۇق يۇقىرى ئۆلچەمدە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. يېڭىدىن يۈرۈشلۈك ماتورلۇق قۇدۇق قېقىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، دېھقانچىلىقتا قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. «ئىككى خىل سۇنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش، قۇدۇق دەريا سۈيى ئوخشاش باھادا بولۇش» چارىسىنى ئىزدىنىپ تۈزۈپ چىقىپ، يەر يۈزى سۈيى بىلەن يەر ئاستى سۈيىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چەكلىك بولغان سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، يەر ئاستى سۈيىنى ئىلمىي ئېچىپ پايدىلىنىپ، سۇدىن پايدىلىىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.
يېزا تاشيولى. يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇپ ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاشيول ئاسراش خاتىرىسى ئورنىتىپ، ناھىيە، يېزا ۋە كەنت ئۈچ دەرىجىلىك باشقۇرۇپ ئاسراش مەسئۇلىيەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇش، ئاسراش، باشقۇرۇش ۋە ترانسپورت بىر گەۋدە قىلىنغان ئاسراش شەكلىنى بەرپا قىلىمىز. گۈلباغ يېزىسىدىن شىڭ پىڭ يېزىسى-دۆلەت يولى 218-لىنيىسىگىچە بولغان 12 كىلومېترلىق نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى، 50 كىلومېترلىق تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يېزا تاشيول تورىنىڭ زىچلىقى، دەرىجىسى ۋە تۇتاشتۇرۇلۇش چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.
ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى. ئولتۇراق ئۆي كاپالەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش تۈرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، 3-نومۇرلۇق مەھەللىدە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ئېلىپ بارىمىز. يېزىلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن 1144ئائىلىلىك يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىخەتەر ئۆيى سالىمىز. «پىلان ئالدىن مېڭىش، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش» تەلىپى بويىچە، شەھەر جەنۇبىدىكى كۆنچى دەرياسى 2-نومۇرلۇق كۆۋرۈكى، 3-نومۇرلۇق كۆۋرۈك، كۆنچى جەنۇبى يولى ۋە قۇدرەت يولى قاتارلىق رايونلارنى شەھەر ئومۇمىي پىلانى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئىتتىپاق يېزىلىق ھۆكۈمەت، ئىتتىپاق ئۇنۋېرسال بازىرى، ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئىتتىپاق يېزىلىق دوختۇرخانا، ئىتتىپاق يېزىسى قۇدرەت مەھەللىسىدىن ئىبارەت « بەش ئورۇننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ» تۇتاشتۇرۇپ پىلانلاپ، تاشيول، كۆكەرتىش بەلۋىغى، پىيادىلەر يولى، يول چىرىغى، سۇ بىلەن تەمىنلەش-بۇلغىما سۇ چىقىرىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، تۈر مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر-بىرلەپ يولغا قويۇپ قۇرۇلۇش قىلىپ، شەھەر جەنۇبى رايونىنىڭ قىياپىتىنى تەلتۆكۈس ياخشىلايمىز. «شەھەر بازىرى ئارىسىدىكى كەنت» لەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، شارائىتى بار بولغان كوچا ۋە ئاھالە ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر قاتنىشى ۋە مەھەللە شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز. ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئاپەتتىن مۇداپىيەلىنىش قۇرۇلۇشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆنچى يولى، ئىتتىپاق يولى، ئازاتلىق يولى قاتارلىق شەھەر ئاساسىي يوللىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئىمارەتلەرگە قارىتا « تون كەيدۈرۈش» ۋە كوچا مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويىمىز. تالا ئېلان تاختايلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق كوچا يوللىرىدا سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ سېلىپ، شەھەر ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر مۇھىتىنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈرىمىز. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقى ئەلا ناھىيە بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىمىز.
شەھەرنى كۆكەرتىش. 2010-يىلنى ناھىيىنىڭ «شەھەر-يېزىلارنى كۆكەرتىش يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، شەھەر ۋە يېزىلارنى كۆكەرتىش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمىز. ناھىيە بازىرىدا شەھەر مەنزىرە بەلۋىغىنىڭ 3-باسقۇچى، ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، 4-نومۇرلۇق مەھەللە، 6-نومۇرلۇق مەھەللە، مائارىپ باغچىسى مەھەللىسى، ناھىيىلىك مېھمانخانا، شىمالى ئايلانما يولى قاتارلىقلارنى كۆكەرتىپ گۈزەللەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ھەر قايسى كوچىلىرى، ئاممىۋىي يېشىلزارلىقلارنى كۆكەرتىپ تولۇقلاپ ئورمان تىكىپ ۋە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇپ ئاسراش سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، ئىشىك ئالدىدىكى «ئۈچ ھۆددىگەرلىك» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ كۆكەرتىلىش ۋە گۈزەللەشتۈرۈلۈش سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. يېزىلاردا يېزا-كەنت يوللىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆكەرتىلگەن بەلۋاغ قۇرۇلۇشى ۋە ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ «ئورمان بىلەن سايە تاشلىنىپ تۇرۇش» ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ «ئورمان بىلەن تورلىشىش» دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.
باشقا جەھەتلەر. دۆلەت ئېلېكتر ئىدارىسى ئوبلاست تارماق شېركىتىنىڭ شىڭ پىڭ يېزىسى قاراقۇم كەنتىنىڭ دۆلەت يولى 218-لىنيىسى بۆلىكى ئەتراپىدا يېڭىدىن 220 مىڭ ۋولتلۇق تىرانسىفورماتور پونكىتى قۇرۇشىغا ماسلىشىپ، ئېلېكتر ئېنېرگىيسى توك مىقدارى تەڭپۇڭلىقىنى ياخشىلايمىز ۋە توك ئىشلىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئېنېرگىيىنى تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش، مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەيچاڭ شېركىتىگە ماسلىشىپ كورلا-لوپنۇر بۇلغىما سۈيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىمكانقەدەر بالدۇر باشلاشقا تىرىشىمىز.
5. مالىيە باج باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىمىز
«ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىمكانىيەت قالدۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاممىۋىي مالىيە فۇنكىسىيىسىنى كۈچەيتىپ، مالىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت غەزىنىسىدىن مەركەزلىك چىقىم قىلىش ۋە يېزا مالىيىسىنى ناھىيە باشقۇرۇپ يېزا ئىشلىتىش، كەنت مالىيىسىنى يېزا باشقۇرۇپ كەنت ئىشلىتىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئاممىۋىي مالىيىنىڭ يېزىلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مالىيىنىڭ «يېزا ئىگىلىك، يېزىلار ۋە دېھقانلار» غا مەدەت بېرىش سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دېھقانلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك تولۇقلىمىلارنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەتتىن سېتىۋېلىش تۈزىمىدە چىڭ تۇرۇپ، غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتىرىدىكى چىقىملارنى زور كۈچ بىلەن تىزگىنلەيمىز. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇقىم مۈلۈكنى جانلاندۇرىمىز. باج يىغىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى باج مەنبەئەلىرىنى پائال يېتىلدۈرىمىز. پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە پۇل مۇئامىلە مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بانكا بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى مەبلەغ تەييارلاش ئىناۋەت سەھنىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەبلىغى ئېھتىياجىنى قامداش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىمىز.
6. ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىشنى پۇرسەت قىلىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىسىنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرىمىز.
مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتېگىيىسىدە چىڭ تۇرىمىز. يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز بولۇش سىياسىتى ۋە راسخوت كاپالىتى مېخانىزىمىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئاساسەن» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مۇۋاپىق پەيىتتە ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى، 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، تەنتەربىيە مەيدانى ۋە شىڭ پىڭ، ئاقسوپا، دۆڭقوتان يېزىسىنىڭ «قوش تىللىق» يەسلىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىپ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ سىنىپ-ياتاقلىرىنى ئۆزگەرتىش (2- باسقۇچلۇق)، يېزىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ئۈيى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى باشلاشقا تىرىشىمىز. مىللىيچە ۋە خەنزۇچە مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش كوننوتاتسىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز. ئوقۇ-ئوقۇتۇش، قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە ياتاق تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزا مائارىپىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماس تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆلەش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپ خىل يوللار ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كۆپەيتىمىز، بولۇپمۇ ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ياخشى ھەل قىلىمىز. ناھىيىلىك كەسپىي تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزىنىڭ فۇنكىسيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي تەربىيلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئۆزى خىزمەت ئىزدەشكە مەدەت بېرىپ، ئىشتىن قالغانلار ۋە «خىزمەتچى يوق ئائىلە» لەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىمىز. كارخانىلار، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز جايىدىكى دېھقانلارنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە قوللاپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. شەھەر-بازار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش ئاستىدا كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكىنى چوقۇم كاپالەتلەندۈرۈپ، تۆۋەن كاپالەتنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلايمىز ۋە كاپالەتلەندۈرىمىز. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، ياشانغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسىنى باشلاشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. يۆلەش ئېچىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز.
ئاممىۋىي سەھىيە ئىشىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش پونكىتى، سەھىيە نازارەتچىلىك پونكىتى ۋە يېزا بازارلىق دوختۇرخانىلار قاتارلىق سەھىيە سېستىمىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملاشتۇرۇپ مۇستەھكەملەش تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتى شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز. ناھىيە، يېزا ۋە كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ئىسلاھاتىنى پەيدىنپەي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا بازارلىق دوختۇرخانىلارغا بولغان نازارەتچىلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت شىپاخانىسى ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ فۇنكىسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش-سەھىيە مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان داۋالاش تۈزۈمىنى داۋاملىق تۈردە تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيىسىنى باراۋەرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز؛ شەھەر-بازاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش كاپالىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا-بۇيۇم تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەل قىلىمىز. جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش ۋە تۇيۇقسىز كۆرۈلىدىغان ئاممىۋىي سەھىيە ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. ساغلاملىق مەسلىھەتچىلىكى ۋە ساغلاملىق تەربىيىسى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى يودلۇق تۇز ئىشلىتىشكە تەربىيلەپ يېتەكلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ياخشى بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپاتلاش-يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت نوپۇس مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىپ، تۆۋەن تۇغۇت سەۋىيىسىنى ساقلايمىز.
مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئۇچۇرى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش قۇرۇلۇشى ۋە دېھقان ئائىلىلىرى كۈتۈپخانىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقىتىلىق ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يېزا ۋە مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلاملارغا مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېڭىدىن قۇرۇلغان لوپنۇر سەنئەت ئۆمىكىنى باشقۇرۇش ۋە ئويۇن قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت بازىرىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. يېزا-كەنت ۋە مەھەللە مەدەنىيەت پونكىتلىرى قاتارلىق ئاممىۋىي مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىمىز. 2010-يىلى ناھىيىمىز ئۆتكۈزىدىغان ئوبلاستلىق 7-نۆۋەتلىك «شەرققە قايتىش نادام بايرىمى» ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي تەنھەركەت يىغىنىنى ياخشى پۇرسەت قىلىپ، ناھىيىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئۇنۋېرسال ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز. «شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشى» ۋە «ھەممە كەنتلەرگە رادىئو-تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» نى داۋاملىق يولغا قويۇپ، سېفىرلىق تېلېۋىزىيە سىگنالىنى شەھەردىن يېزىغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك قاپلىتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزىمىز.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سېستىما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. تاشيول قاتنىشى، كان، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەرلىك خېمىيىلىك بۇيۇملار، ساليوت-پوجاڭزا قاتارلىقلارنى ئاممىۋىي بىخەتەرلىك بويىچە مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق يۇشۇرۇن خەۋپلەرنى سىجىل تەكشۈرۈپ، زور ۋە پەۋقۇلاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلىشىنى قەتئىي توسىمىز. يىمەكلىك، دورا بۇيۇم نازارەتچىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستىمال قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلارنى بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يىمەك-ئىچمەك، دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
7. مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.
ئىقتىسادىي تەرەقىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى مۇقىم، ئىناق بولغان ئىجتىمائىي سىياسىي مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، تەرەققىيات چىڭ قائىدە، بىرىنچى ۋەزىپە؛ مۇقىملىق چىڭ ۋەزىپە، بىرىنچى مەسئۇلىيەتتۇر. سىياسىي ئاڭ، ھاكىمىيەت ئېڭى، خەۋپ-خەتەر ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مۇقىملىق ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكلىكى ۋە مۈشكۈللىكىلىكنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەركەز، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار قارار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتىپاقلىشىپ ئورتاق كۆرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز.
1) ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە كۆرۈلۈۋاتقان يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە، توغرا جامائەت پىكرى، ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىدىيە مەدەنىيەت بازىسىنى ئىگەللەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى تەربىيىسىنىڭ نەتجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئىدىيىۋى ئېڭىنى ئۆستۈرىمىز. ئاممىغا يۈزتۇرانە تەشۋىق تەربىيە ئىشلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سىياسىي پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە ئىدىيىۋى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي ۋە ئىغۋا تارقاتماي، ئالدام خالىتىغا چۈشمەي، دۈشمەنلەرنىڭ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقاتىنى قەتئىي بىتچىت قىلىمىز. سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسىنى يەر يۈزىدىن قوبۇل قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى قانۇنسىز سېتىش ۋە ئورنىتىپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجابىي تەربىيە ۋە تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدىكى مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشنىڭ يېڭى تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، جامائەت پىكرىنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىق ئۈچۈن ياخشى بولغان جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىمىز.
2) مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەيمىز. يۈكسەك سىياسى سەزگۈرلۈك ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن نۆۋەتتىكى كەسكىن مۇرەككەپ كۆرەش ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئالاقىدار تۈرلۈك قارار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى تەۋرەنمەي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئاممىغا تەشۋىق-تەربىيە ئىشلەش، زوراۋان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش، رەھبەرلەر جۈرئەتلىك بىلەن مەسئۇل بولۇش، تەرەققىيات تېخىمۇ ياخشى بولۇش» تەلىپىنى ئەينەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋاملىق كۆرەش قىلىش ۋە قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇشقۇن جەڭگىۋارلىق ۋە پۇختا ئىستىل بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان جەڭگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، ناھىيىمىزنىڭ ئاسانغا كەلمىگەن گۈللەنگەن مۇقىم ۋەزىيىتىنى قوغدايمىز. «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، دۈشمەنگە ئالدىن مۇش كۆتۈرۈش» فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، مۇداپىئەلىنىش ۋە نەق مەيداندا بىرتەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قاتتىق زەربە بېرىمىز. ئامانلىق بويىچە ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش سېستىمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئادەم ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ئەمىللىشىش، نەرسە ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەككە كېلىش، تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش مۇكەممەل بۇلۇش» تەلىپى بويىچە، كۆچمە نوپۇس، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر ۋە جەمئىيەتتىكى بىكار يۈرگەنلەرگە بولغان مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجارە ئۆي ۋە شەھەر-يېزا تۇتاشقان ئورۇننىڭ ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى زورايتىمىز. «تۆتنى بىلىش تۆتنى ئېنىقلاش تۆتنى ئىگەللەش» خىزمەت مېخانىزىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسى قاتلامنىڭ دۈشمەن جەمئىيەت ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئامانلىق چارلىشىنى كۈچەيتىپ، توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لاھىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېزا-بازار مەھەللىلىرىنىڭ ساقچى ئىشلىرى قۇرۇلۇشى، «قىزىل يەڭلىكلەر» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامما ئالدىنى ئېلىپ ئامما ئىدارە قىلىش ۋە ساقچى-خەلق بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىپ بىرلىكتە ئىدارە قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار قىلمىشىنىڭ پۇختا ئالدىنى ئالىمىز ۋە قانۇن بويىچە زەربە بېرىمىز. ئەرزىيەت مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىدىيەت-ماجرالاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، تەكشۈرۈش، زىدىيەتنى پەسەيتىش، جىددىي ئەھۋاللارنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە مەسئۇليىتىنى سۈرۈشتە قىلىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق مۇرەسسە، ئەدلىيە مۇرەسسە ۋە مەمۇرىي مۇرەسسە قاتارلىقلار ئۆز-ئارا باغلانغان چوڭ مۇرەسسە خىزمەت ئەندىزىسىنى پائال شەكىللەندۈرۈپ، ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت تەرتىپىنى قوغداپ، ئەرزىيەت مەسئۇليىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىدىيەت-ماجرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، زىدىيەت-ماجرالار يىغىلىپ قىلىش، خىيىم-خەتەر ئۈستى-ئۈستىگە توپلىنىش ۋە ۋەزىيەت كونترولسىز قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىز ئامىللارنى ھەقىقى پەسەيتىمىز ۋە ئازايتىمىز.
3) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەر ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىپ ئىناق ئۆتۈشتەك سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى قەتئىي بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، ئاي ئارقىلىق يىلنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بوشاشماي چىڭ تۇتىمىز. ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق»،«4 نى تونۇش»،«ئۈچنى سۆيۈش»،«ئالتىدە ياخشى» تەربىيىسىنى چوڭقۇر ئۇزاققىچە قانات يايدۇرىمىز، بولۇپمۇ «جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللۈنۈپ تەرەققىي قىلىشى» ھەم «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى» قاتارلىق ئاق تاشلىق كىتاپنى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى قىلىپ، دۆلەت ئەھۋالى، رايون ئەھۋالى ۋە ۋەزىيەت سىياسەت تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنى بوي يۆنىلىشلىك تارىخ سېلىشتۇرمىسى، توغرا يۆنىلىشلىك خەلقئارالىق سېلىشتۇرما ۋە ئەمىلىيەتتىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم يولىدا مېڭىشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمىز. ئۇنۋېرسال تەدبىرلەرنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، ھەرخىل قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ يىغىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» نىڭ ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ياساش، توشۇش ۋە سېتىش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئەكسىيەتچىل ئىدىيە ۋە ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ كۈشكۈرتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارنى قەتئىي توسىمىز ۋە زەربە بېرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدا بەرپا قىلىش ۋە تەقدىرلەش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار ئىش-ئىز ۋە تىپلارنى دەل ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش ۋە ئورتاق گۈللۈنۈپ تەرەققىي قىلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىدىن ئىبارەت «ئۈچ تەرەپ بىر گەۋدىلىشىش» نىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، كىچىكىدىن باشلاپلا «ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىنى تۇرغۇزىشىغا ياردەم بېرىمىز.
4) دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. دىنىي پائالىيەت سورۇنى، خادىم ۋە مەزمۇن موھىم نۇقتا قىلىنغان «ئۈچنى باشقۇرۇش» خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قېلىپلىشىش، قانۇن-تۈزۈملىشىش يولىغا مېڭىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. رەھبىرى كادىرلارنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى بىلەن ئالاقىلىشىش، دىنىي راتلار بىلەن سىردىشىپ دوستلۇق ئورنىتىش تۈزىمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ قاراشلىق رايوندىكى مەسچىتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيەت تۈزىمى ۋە نۇقتىلىق مەسچىتلەرنى قەرەللىك زىيارەت قىلىش تۈزىمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىغا بولغان ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىمىز. دىن ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچىلىك، بىلىم سەۋىيىسى ئۈستۈن، پەزىلىتى ئاممىنى قايىل قىلالايدىغان دىنىي زاتلار قوشۇنىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتكە ھەمكارلىشىپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان بىر مۇھىم كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دىنىي تەشكىلات رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ قولىدا چىڭ ئىگەللىنىپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان تۈزەپ تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يەر ئاستىدا تەپسىر ئېيتىش قاتارلىق قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي توسۇپ، دىن تونىغا ئورۇنىۋېلىپ دىندىن پايدىلىنىپ ھەرخىل بۆلگۈنچىلىك بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىمىز.
8. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرىلىشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىمىز.
1) تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرىمىز. زور قارارلارنى بېكىتىشتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇتەخەسىسلەردىن مەسلىھەت سوراپ دەلىللەش تۈزىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما قاتنىشىش، مۇتەخەسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش ۋە ھۆكۈمەت تەدبىر بەلگىلەش قاتارلىقلار ئۆز-ئارا بىرلەشكەن مەمۇرىي مېخانىزىمنى تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت قارارلىرىنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە دېموكراتىيىلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورۇندايمىز. ئاساسى قاتلام دېموكراتىيىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش تۈزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش، قاتنىشىش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى كېڭەيتىمىز.
2) خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرىمىز. مەمۇرىيەتنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پىلاننى خەلق ئۈچۈن تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چاكارلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ياخشى ھىمايە قىلىش، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى، تەرەقىياتنى تېزلىتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى، ئەل رايى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مەركىزى قىلىمىز.
3) ھۆكۈمەت فونكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت ئىسىتىلىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرىمىز. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ھەركىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى داۋاملىق زورايتىپ، ھوقۇقنىڭ ئىشلىتىلىش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىمىز. مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنىڭ رېۋېزىيىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورگان مەمۇرلىرىنىڭ باش تارتىپ تالاش-تارتىش قىلىش، مەسئۇليىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، ئورگان ئىسىتىلىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلايمىز. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ساھەلەردىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنبەئەدىن چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. مەمۇرىي تەستىق سېلىش ۋە مالىيە باشقۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سودىگەر چاقىرىش ۋە خېرىدار بولۇش، تىجارەت خاراكىتىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ۋە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشتەك تۆت تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاكلىق قۇرۇلۇشى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز.
ۋەكىللەر، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن ۋەزىپە مۈشكۈل، كۆرەش بىزگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ھەر قانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى مەزمۇت قەدىمىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ھەر قانداق خىرىسلارمۇ بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىشەنچىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ. بىز يولداش خۇجىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تېخىمۇ قەتئىي ۋە ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرغان روھى قىياپەت بىلەن، ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرلەپ، خەۋپ-خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقى قوغداپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىينىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھاللىق لوپنۇر، ئېكولوگىيىلىك لوپنۇر، ئامان لوپنۇر ۋە ئىناق لوپنۇر بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلايلى!