ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
2008-يىلى 12-ئاينىڭ22-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن
ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت
ۋەكىللەر :
مەن لوپنۇر ناھىيىلىك 15- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭىزلارنى، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىرتتىن قاتناشقانلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
2008-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر
2008-يىلى مۇشۇ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش باشلىغان تۇنجى يىلى. بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئوبلاستلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكى، قوللىشى ئاستىدا، ناھىيىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىدىيىدە ئازات بولۇش، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلەرنى بىر قەدەر ياخشى ئورۇنداپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى باشلىدۇق.
1. ئىقتىساد ساغلام، تېز سۇرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي كۈچىمىز زور دەرىجىدە ئاشتى
مۆلچەرىمىزچە 2008-يىلى لوپنۇر ناھىيىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %10.6 ئاشتى؛ يەرلىك مالىيە كىرىمى 160 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %76 ئېشىپ، «11- بەش يىللىق» پىلاندىكى يەرلىك مالىيىدە 127 مىليون يۈەن كىرىم قىلىش نىشانىنى مۇددەتتىن 2 يىل بالدۇر تاماملىدۇق؛ يەرلىك مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 1 مىليارد 30 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %70 ئاشتى؛ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 5917 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 432 يۈەن ئاشتى.
1) سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى
--«بىر ئاساس ئىككى قانات»لىق يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەندى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. كۆلەمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، تەننەرقنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش پىكىر يولى بويىچە، پاختا كەسىپىنىڭ ئەۋزەللىك ئورنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى. 2008-يىلى كېۋەز تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمى 580 مىڭ مو بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى، پاختا بىرلىك مەھسۇلاتى 141.1 كىلوگرام بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.3 كىلوگرام ئېشىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات 1 مىليون 630 مىڭ دەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشتى. كوللىكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال يولغا قويۇپ، لوپنۇر شىمالى ئىقتىسادىي- ئېھاتە ئورمان بازىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسسەسەلىرىنى پەيدىنپەي يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىچە باغ- ئورمانچىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. 25 مىڭ مو كۆلەمدە ئورمان ئەھيا قىلىنىپ يىللىق پىلاننىڭ %101.2 ئورۇندالدى؛ جۈمىلدىن ئىقتىسادىي ئورمان 20 مىڭ مو، ئېھاتە ئورمان 5000 مو بولدى. نۆۋەتتە، ناھىيىنىڭ باغ ئومۇمىي كۆلىمى 89 مىڭ موغا، مىۋە مەھسۇلاتى 13 مىڭ توننىغا يەتتى. ھايۋاناتلاردىكى چوڭ يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش، نەسلىنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەر ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇلۇپ، ناھىيە، يېزا ۋە كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھايۋاناتلار يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېستىمىسى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. مۆلچەرىمىزچە، يىل ئاخىرىدىكى تىرىك چارۋا قوتان قالدۇقى 314مىڭ تۇياق بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %2.3 ئاشتى.
--يېزىلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، «ئۈچنى رەتلەپ تۆتلەشتۈرۈش»خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. 15مىليون 870مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، دۆڭقوتان يېزىسى، ئاقسۇپا يېزىسى قاتارلىق يەتتە يېزا- بازاردىكى 25 كەنتنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق؛ 45مىليون 250مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ نۇقتىلىق تۈرلەردىن ئىتتىپاق يېزىسىدىن باشلىنىپ گۈلباغ يېزىسىدىن ئۆتۈپ دوڭقوتان يېزىسىغىچە (كۆنچى دەرياسى 3-كۈۋرۈكىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) بولغان تاشيولىدىن 11.8كىلومېتر، كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇش قاراماي يولدىن 110 كىلومېتر ۋە 54 كىلومېترلىق كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ھەممە كەنتلەرنى قاراماي يول بىلەن تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئاساسەن ئورۇندىدۇق؛ 6مىليون 820مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن 72كىلومېترىلىق سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسىدۇق، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك تېجەشلىك سۇغۇرۇش كۆلىمى 175مىڭ مو بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينالدى؛ 300مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ دۆلەت يولى ۋە يېزا- كەنت تاشيوللىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك كۆكەرتىلگەن بەلۋىقىدىن 28 كىلومېتر، 450 مو بەرپا قىلىپ، دەل- دەرەخلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %85 كە يېتىپ، يوللار «ئورمان بىلەن قاپلىنىپ سايە تاشلاپ تۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى ياخشى باشلىۋالدۇق؛ 40 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئىتتىپاق يېزىسىنىڭ يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن رايونى ۋە گۈلباغ يېزىسىنىڭ 5 كەنتىنىڭ يەرلىرىنى رەتلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق؛ مۇكاپات ئارقىلىق تولۇقلىما بېرىش مەبلىغىدىن 800 مىڭ يۈەن سېلىپ، يېڭىدىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق 2139 يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي سېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى پەيدىنپەي ياخشىلىدۇق؛ 9مىليون 130مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پاتقاق گازى كۆلچىكىدىن 1827نى پۈتكۈزۈپ، يېزىلارنىڭ ئېنىرگىيە قۇرۇلمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەلالاشتۇردۇق؛ 420 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 12 كەنتنىڭ پىلانىنى تاماملاپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىن ئەتتۇق.
يېزا يوللىرىنىڭ ئاسفالىتلىشىشى، دېھقان- چارۋىچىلار ئىچىملىك سۈيىنىڭ پاكىزىلىشىىشى، تۇرالغۇلارنىڭ يەرتەۋرەشكە چىداملىق بولۇشى، يېزا ئېنىرگىيە بايلىقىنىڭ پاتقاق گازىلاشتۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، «ئۈچنى رەتلەش» خىزمىتىدىمۇ كۈرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. يېزا- بازارلار، كەنت(ئەترەت)لەرنىڭ يول- كوچا بويلىرى ۋە دېھقان- چارۋىچىلار ھويلا- ئاراملىرىنىڭ مۇھىتى تەرتىپكە سېلىنىپ، ئىككى ئىدىشلىق كانايچە شەكىلدىكى ھاجەتخانىلار پەيدىنپەي كېڭەيتىلىپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتى ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ روھى قىياپىتى بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاندى. داشى تەجىربە رايونىنىڭ تۈرلۈك ئۇل مۇئەسسەسەلىرى يەنىمۇ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ،ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۈرمۈش باياشات، يېزا ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىي، كەنت قىياپىتى رەتلىك- پاكىزە، باشقۇرۇش دېموكراتىك بولۇش قاتارلىق تەرەپلەردە «سىناق نۇقتا ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، تەجىربە توپلاپ، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەش»رولى بىر قەدەر ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى.
2) كورلا- لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تايىنىپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلدى
كورلا شەھىرى بىلەن بىرلىكتە كورلا لوپنۇر يېڭى رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنىڭ تارقىلىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. بىر قىسىم يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىلىرى «كورلا- لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»نىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي شەكىللەندى. فۇلىدا شىلىملىق تالا تۈرى، رۈيشىڭ شېركىتىنىڭ كاربون دىسولفېت تۈرى سىناق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، تەيچاڭ شېركىتىنىڭ پاختا بوتقىسى، توڭفېڭ ياغچىلىقى، جىنشىڭ بۇيىچىلىقى قاتارلىق سانائەت- كانچىلىق كارخانىلىرى يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ زورايدى. شىڭدى تېغىنىڭ كان بايلىقىلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆزگىچە بايلىقلارنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، تۆمۈر كانى ئېچىشتا ماھىيەتلىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشتۇق. تىيەنچېڭ كانچىلىقى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى، جۇڭيۈەن كانچىلىقى، يۇڭخېڭ كانچىلىقى ئايرىم توپا قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ كىرگۈزدى. شورتاڭ رايونىنىڭ نېفىت گازىنى ئېچىش چوڭقۇرلىشىپ، نېفىت مەھسۇلاتى 210مىڭ توننىغا، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقتارى 157مىليون كۇپ مېترغا يەتتى. مۆلچەرىمىزچە پۈتۈن يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 1مىليارت 50مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7ئاشتى، كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قۇشۇلما قىممىتى 220مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئاشتى. «كورلا- لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۇرۈرۈش» نىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، شىنىغا سانائەت باغچا رايونى رايون مەركىزى شەھىرى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى ۋە تايانچ نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئوبلاست شىنىغا بازىرىنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە كورلا شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى، شىنىغا بازىرى كورلا شەھىرىگە ئايرىپ بېرىلگەندىن كىيىن، ناھىيىمىزنىڭ مالىيە- باج كىرىمى يەنىلا «كورلا- لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۇش» ئىستىراتىگىيىسىدىن داۋاملىق مەنپەئەتدار بولىدۇ.
3) تەرەققىيات مۇھىتىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، 3- كەسىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى
لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ داڭقى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، «چوڭ داشى سەھرا سەيلىسى» ساياھەت بەلۋىقى قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۆلچەرىمىزچە كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى 160مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەتچىلىكتە 10مىليون يۈەن كىرىم قىلىندى. ئەندا سودا سارىيى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 25مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان كۆۋرۈك جەنۇبىي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپى بازىرىنىڭ 1- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ «تۈمەن كەنت مىڭ يېزا» بازىرى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭىدىن تىجارەت زەنجىرسىمان دۇكىنىدىن 48 قۇرۇلدى. پۈتۈن ناھىيىنىڭ ئىستىمال بۇيۇملىرى بازىرى جانلىنىپ، باھا مۇقىم بولدى، ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 110مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3ئاشتى. پوچتا، ئالاقىلىشىش، سۇغۇرتا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى بەلگىلىك دەرىجىدە سەرخىللىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.
4) مالىيە كىرىمى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ،پۈل مۇئامىلىنىڭ ئايلىنىشى تەكشى بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى
مەنبەئەنى ئېچىش بىلەن تېجەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردۇق. بىر تەرەپتىن باج كىرىمىنى يىغىپ باشقۇرۇش، خامچوت چەكلىمىسىنى چىڭىتىش ۋە مالىيە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، چىقىمنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بارلىق ئامال- چارىلەر بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجىدۇق. يەنە بىر تەرەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ مالىيە سىياسىتى ۋە مەبلەغ ياردىمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، مالىيە كۈچىمىزنى ئۆزلۈكسىز زورايىتتۇق. يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمىدە 100مىليۇن يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ، مائاش تارقىتىش، ئاپپاراتلارنىڭ ئايلىنىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەردۇق. پۇل- مۇئامىلە تارماقلىرى ناھىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىققا بولغان قەرىز سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ناھىيە بويىچە بانكا ئامانەت قالدۇقى 1مىليارد 250مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كىرىدىت قالدۇقى 770مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9ئاشتى، قەزىر قالدۇقى سوممىسى 770مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1 ئازايدى. تۈر خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. يېزا- بازارلار، تارماقلار كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدىن 61 نى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 90مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 47 مىليون يۈەن ئاشۇرۇلدى.
5) شەھەر قۇرۇلۇشى تېز تەرەققىي قىلىپ، ياشاش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى
كۆكەرتىش سېستىمىسى، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس پىلاننى تاماملاپ، شەھەر ئومۇمىي پىلانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە مۈكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. 4 مىليون 500مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، ئازاتلىق يولى، دۆلەت يولى 218-لىنيىسىنىڭ كۆۋرۈك جەنۇبى بۆلىكى قاتارلىق 10 يول، 9 بۆلەكنىڭ يېشىلزارىقى، ھەمدە يىنخۇا ئولتۇراق رايونىنى كۆكەرتىپ تۇلۇقلاپ ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدۇق؛ 8مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىڭپىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىقىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 1-قارارلىق قۇرۇلۇش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. شەھەرنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يېشىلزارلىق كۆلىمى 11.1 گېكتار بولۇپ، كۆكەرتىش بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %35.7 كە يېتىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچىلاشقان ناھىيە بازىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتۇق؛ 4مىليون 850مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە بازىرىنىڭ يول چىراقلىرىنى يېڭىلاپ ۋە رىمونت قىلىپ، چىراقلارنىڭ يۇرۇتۇلۇش نىسبىتى %95 ئارتۇققا يەتتى؛ 14مىليون 400مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇرۇلۇش يولى، ئىتتىپاق يولى قاتارلىق شەھەرنىڭ 7 ئاساسلىق ۋە قۇشۇمچە يوللارنى ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىش ۋە يېڭىدىن ياساش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 7.5 كىلومېترىلىق، 106 مىڭ كۋادراتمېترغا يېقىن شەھەر يولىنى يېڭىدىن پۈتكۈزۈپ، شەھەرنىڭ تاشيول تورىنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر رامكىسىنى چوڭايتىپ، شەھەرنىڭ پۈتكۈزۈلگەن كۆلىمى 6.5 كۋادرات كىلومېترغا كېڭەيتىلدى؛ 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان يىنخۇا ئولتۇراق رايونىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇشى ئاساسەن پۈتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 1110 ئائىلىلىك كادىر ئىشچى- خىزمەتچى، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، يېزىلاردىكى«ئۈچ پېشقەدەملەر» ۋە مالىيىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتلىق ئىشچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق؛ تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى ناھىيە بازىرىدىكى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلىرىنى ئاساسەن قاپلاپ، 4660دىن ئارتۇق شەھەر- بازار ئائىلىسى تەبىئىي گاز ئىشلەتتى. شەھەرنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ۋە پاسكىنا سۇنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى تۈرىدە 4مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىنىش پىلانى چۈشۈرۈلۈپ، دەسلەپكى لايىھەلەش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ناھىيە بازىرىنىڭ ئەخلەتلەرنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تۈرى، تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىش تۈرى، شىنىغا كىچىك شەھەر بازىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تۈرى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا يوللاندى، مۆلچەرىمىزچە 2009-يىلى پەيدىنپەي يولغا قويۇلىدۇ.
2. ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى بىر تۇتاش پىلانلاندى
--«ناھىيىنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» سىتراتىگىيسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېزىلارنىڭ پەن- تېخنىكا مۇلازىمىتى سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، تۈۋرۈكلۈك كەسىپلەرنىڭ پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يولغا قويۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتتۇق. ئاپتونوم رايون، ئوبلاستنىڭ پەن- تېخنىكا تۈرىدىن 8نى قولغا كەلتۈرۈپ، «لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ پاختا ساپ پاختا بىرلىك مەھسۇلاتىدا 180كىلوگراملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرى»قاتارلىق 28 تۈرلۈك ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق پەن- تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئۈنۈملۈك ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈردۇق.
--مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردۇق. ساپا مائارىپىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككى ئاساسەن»دە «دۆلەتلىك تەكشۈرۈش»نى كۈتىۋېلىش، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تارقىلىشىنى تەڭشەش ۋە «قوش تىللىق»ئوقۇتۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلىدۇق. 6مىليون 800مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىۋى ئوقۇتۇش بىناسى، 6مىليون 460مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان گۈلباغ يېزىلىق مەركىزى مەكتەپ قاتارلىق ئۈچ مەكتەپنىڭ سىنىپلىرى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى؛ 12مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنىغا مەكتىۋى پۈتكۈزۈلدى؛ 8مىليون 80مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان لوپنۇر ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى پىلان بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. ناھىيىدىكى يېزا بازارلىق مەركىزى مەكتەپلەر ئەسلىدىكى 15دىن 11گە يىغنچاقلىنىپ، يەسلى «قوش تىل» سىنىپىدىن 18(ئارلاشما سىنىپ بۇنىڭ سىرتىدا)، باشلانغۇچ «قوش تىل» سىنىپىدىن 10(ئارلاشما سىنىپ بۇنىڭ سىرتىدا)، تولۇقسىز ئوتتۇرا «قوش تىل» سىنىپىدىن بىرسى تەسىس قىلىنىدى. شەھەر- بازاردىكى بارلىق ۋە يېزىلاردىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ يەسىلى«قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى قوبۇل قىلىش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
--مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىئو- تېلىۋېزىيە ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردۇق. يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدانى، «مەدەنىيەتنى ئالتىگە كىرگۈزۈش»، ئاۋام خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئاممىۋىي مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتتۇق. باشتىن- ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئاخبارات- تەشۋىقات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، «شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ رادىئو- تېلىۋېزىيە قۇرۇلۇشى»، «ھەممە كەنتلەرگە رادىئو- تېلىۋېزىيە پىروگىراممىلىرىنى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، رادىئو تېلىۋېزىيىنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ،تەقلىدىي سېگناللىق تېلىۋېزىيىنى سېفىرلىق تېلىۋېزىيەگە ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئاڭلىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق.
--داۋالاش سەھىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلانلىق تۇغۇت سەۋىيىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈردۇق. دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش تۈزۈمى ئومۇمىيۈزلۈك ئالغا سىلجىتلىدى. 18مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۈنۋېرسال ئامبولاتورىيىسى بىناسىدا پىلاندىكى ئىلگىرلەش دەرىجىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ؛ 2مىليون 550مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قارچۇغا يېزىلىق ۋە دۆڭقوتان يېزىلىق دوختۇرخانا ھەمدە 23كەنتنىڭ شىپاخانىسىدا ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە پىلانلىق تۇغۇت ئەلا مۇلازىمىتى ناھىيىسى نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت مەنپەئەت يېتەكچىلىك مېخانىزىمىنى پەيدىنپەي مۈكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە بويىچە نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى پۈتۈنلەي ئۆلچەمگە يەتتى.
--شەھەر يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. شەھەر- يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆي قاتارلىق كاپالەت تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۈكەممەللەشتۈردۈق. شەھەر بازاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك 2205ئادەم ۋە يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك 4020 ئادەمگە قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلدى؛ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىغا 918مىڭ يۈەن ئىئانە توپلىدۇق؛ 5مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ يىنخۇا ئولتۇراق رايونىنىڭ ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 96 ئائىلىلىككە ئىجارىگە بېرىپ، 382 ئائىلىگە نەقپۇل ئىجارە تۇلۇقلىمىسى تارقىتىپ بېرىپ، شەھەر- بازاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكىنى كاپالەتلەندۈردۈق؛ 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ناھىيىلىك ياشانغانلار پاراۋانلىق مەركىزى ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈلۈپ، ياشانغان 87 كىشى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 12 مەھەللىنىڭ خادىم شىتاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشخانا ۋە ئىش راسخوتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىلەر فۇنكىسىيىسىنىڭ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيىتتۇق. ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ، شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىلىرى، شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش كاپالەت سېستىمىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك قۇرۇپ چىقتۇق.
3. ناھىيىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تىنچ- ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەت مۈستەھكەملەندى
ھۆكۈمەت فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىغا قەرەللىك ھالدا دوكلات بېرىپ، سىياسىي كېڭەشكە ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپىدىن 58پارچىنى بېجىرىپ، رازىمەنلىك نىسبىتى %91 كە يەتتى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 66 پارچە تەكىلپىنى بېجىرىپ، رازىمەنلىك نىسبىتى %95كە يەتتى. تىرىشىپ مۇلازىمەت تىپىدىكى ۋە ئۈگىنىش تىپىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇپ، كوللىكتىپ قارار چىقىرىش، ئىسپات ئاڭلاش قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش مۇلازىمەت مېخانىزىمىنى پەيدىنپەي مۈكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەمۈرىيەت يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەت ھەركىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋەت كۈچى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئاممىۋىي ھادىسىلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزىمىنى ئورناتتۇق ۋە مۈكەممەللەشتۈردۇق. مەمۇرىي تەپتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى، ساھە ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، دۆلەت زىمىنى بايلىقىنى باشقۇرۇش بىلەن قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىك خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستاتىستىكا خىزمىتى سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. مۇھىت ئاسراش، مىللەت- دىن ئىشلىرى، ئارخىپ، مەخپىيەتلىك، سودا- سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ۋە باج، سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يېڭى ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.
ئىناق- تىنچ بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملىدۇق ۋە تەرەققىي قىلدۇردۇق. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئائىت تۈرلۈك قارار ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇردۇق. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئۇنۋېرسال تۈزەشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بەردۇق. «ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئامانلىقىنى قوغداش» خىزمىتىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئورۇنداپ، ناھىيىنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇقىم بولىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئىشلارغا بولغان باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىنىي خادىملار قوشۇنى مۇقىم بولۇپ، دىنىي پائالىيەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. سوتسىيالسىتىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نۇقتىنەزىرى تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «5- بەش يىللىق»قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئالتىگە كىرگۈزۈش» خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈردۇق. ھۆكۈمەت ئىشلىرى، كەنت ئىشلىرى ۋە زاۋۇت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتتۇق. ھۆكۈمەت تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈر تورى ئۇيغۇرچە بېتىنى قۇردۇق. «ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش نىزامى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر ئاشكارە تەكشۈرۈپ كۆرۈش نۇقتىسىدىن 3نى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن ناھىيىدىكى 74 ئورۇن 1700پارچىدىن ئارتۇق ئۇچۇرنى ئېلان قىلدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدە مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، ۋەقە كۆرۈلۈش سانى ۋە قازا قىلغانلار سانى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ۋە %13 ئازايدى. «ئەرزىيەت نىزامى»نى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەرزىيەت تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم يىغىلىپ قالغان ئەرزىيەت دىلولىرىنى ئۈنۈملۈك بىجىرىپ، ئەرزىيەت تەرتىۋىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلىدۇق.
بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرىكمە ئىقتىسادنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇردۇق. يېزا ئىگىلىك 2- دېۋېزىيىسىنىڭ ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى تۈەن- مەيدانلىرىنىڭ كەڭ كادىر ئىشچى- خىزمەتچىلىرى جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىشتەك بىڭتۈەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بوز يەر ئېچىپ چىگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشتەك تارىخى بۇرچىنى بىجاندىللىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئۆزگىچە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا پائال ئىزدىنىپ، تېجەشلىك سۇغىرىش، ئۆزگىچە باقمىچىلىق، يېشىل كارىدورنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشكە ئەرزىيىدىغان كۆپلىگەن ئىلغار تەجىربىلەرنى توپلىدى. ھەر قايسى تۈەن-مەيدانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىي يەنىمۇ زورىيىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، «ئۈچ مەدەنىيلىك» قۇرۇلۇشىدا كىشىنى خوشاللاندۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، بىرلىكتە ئۇتۇق قازىنىش، چوڭ بېرىكىش، چوڭ تەرەققىي قىلىشتەك رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، ئالاقىلىشىش بىلەن ئالماشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، رايون ئىقتىسادى بەلۋاغ قىلىنىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئىتتىپاق بولۇپ، بېرىكىپ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى.
ۋەكىللەر، 2008-يىلى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرگە نىسبەتەن، بىز باشتىن- ئاخىر ئوبلاستلىق پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكى قوللىشى ئاستىدا، ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ناھىيە ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق؛ بىز باشتىن- ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ياخشى قوغداشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ نىشانى قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق؛ بىز باشتىن- ئاخىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى فۇنكىسىيىمىزنى ئادا قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى قىلىپ، تۈزۈملەر ۋە مېخانىزىمنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، ناھىيىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئاممىسىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالدىدا مېڭىش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدۇق.
ۋەكىللەر، ئۆتكەنكى بىر يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىمىز كىشىنى مەنمۇن قىلىدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ناھىيىدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشتەك ئۇلۇغ كۈچ قۇدرىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بۇ يەردە، مەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەر قايسى جەڭ سەپلىرىدە كۆرەش قىلىۋاتقان ھەر مىللەت ئىشچىلىرى، دېھقان- چارۋىچىلار، زىيالىلار ۋە كادىرلار، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارغا، ناھىيىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفېتسېر- جەڭچىلىرىگە، يېزا ئىگىلىك 2- دېۋېزىيىسىنىڭ ناھىيىدە تۇرۇشلۇق تۈەن- مەيدانلىرىنىڭ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىگە، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ ۋە ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا يەنىلا بىر قىسىم سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا: رايون ئورنى، بايلىق، بازار، ئىشلەپچىقىرىش ئادىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىدە، ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى دىگەندەك مۇۋاپىق بولماسلىق مەسىلىسى تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى؛ يېزا ئىگىلىكتىكى يېتەكچى كەسىپىنىڭ تەبىئىي ئاپەت ۋە بازارنىڭ تەۋرىنىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سانائەت- كان كارخانىلىرىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ ئېچىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ مالىيە كىرىمىدە زور دەرىجىدە ئېشىش كۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۇقتىلىق مۇقىم باج مەنبەئەلىرى ئاز بولۇپ، ناھىيە مالىيە كۈچىنىڭ ئېشىشى ئاممىۋىي چىقىمنىڭ ئېشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئىزدەش، يېڭى مالىيە مەنبەئەسىنى يېتىلدۈرۈش، باج كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى قوزغىدى، بىز مەۋقەنى كۆز ئالدىمىزغا قارىتىپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ چارىسى ئارقىلىق ھەقىقى ھەل قىلىشنى كۈچەيتىمىز.
2009-يىللىق خىزمەت پىكىر يولىمىز ۋە كۆرەش نىشانىمىز
2009-يىلى خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، شۇنداقلا پۇرسەت تېپىلغۇسىز بولىدىغان بىر يىل. نۆۋەتتە، تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان، زەربە بېرىش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى، تەسىر كۆرسەتكەن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان خەلقئارا پۇل- مۇئامىلە كىرزىسى بارغانسىرى كەسكىنلىشىپ، ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن تەسىرى بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىپ، يەرشارى خاراكتىرلىك چېكىنىش خەۋىپ- خەتىرى بارغانسىرى زورىيىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تەسىرگە ئۇچرىدى. ناھىيىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئېكىسپورتى راۋان بولماسلىق بىۋاستە ھالدا پاختا باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش ۋە نېفىت باج كىرىمى بۇ يىل قىش پەسلىدە تەسىر ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، سانائەت- كان كارخانىلىرىنىڭ بازارنى ئېچىشى قاتارلىقلار زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئەمما ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 30 يىللىق قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق، ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى خېلىلا زورىيىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىدىغان يۇمشاق ۋە قاتتىق مۇھىت بىر قەدەر زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ئۆز- ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىچكى ھەركەتلەندۈرۇش كۈچىمىز ۋە خەۋىپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز كۈرۈنەرلىك كۈچەيدى. پارتىيە 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىتى 3-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشى، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت تەدبىرلىرى، شۇنداقلا گوۋۇيۈەننىڭ 32-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى بوشلۇقىمىز بارغانسىرى كېڭەيدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت شۇكى، پۇرسەت خىرىستىن كۆپ. بىز داۋاملىق تۈردە مېڭىنى سەگەك تۇتۇپ، «ھاللىق لوپنۇر، ئېكولوگىيىلىك لوپنۇر، ئامان لوپنۇر، ئىناق لوپنۇر» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتەك ئىلگىرلەش يۆنىلىشىنى بويلاپ، تەرەققىيات چىڭ قائىدە دىگەن ئىستىراتىگىيىلىك پىكىر يولىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەسۇرانە ئىلگىرلەپ، پۇختا خىزمەت قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى كۈتىۋالىمىز.
2009-يىلىلىق خىزمەت ئومۇمىي پىكىر يولى: ئوبلاستلىق پارتىكوم 8-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ناھىيىلىك پارتىكوم 10-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى روھىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەر خىل خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، كورلا- لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىينىڭ ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
2009-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2مىليارد 800مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %20 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 1مىليارد 133مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %10 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمىنى 192مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %20 ئاشۇرۇپ، 200 مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈشكە تىرىشىش؛ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىدە 6500يۈەننى بۆسۈشكە تىرىشىپ، 600يۈەن ئاشۇرۇش؛ ئون مىڭ يۈەنلىك GDPنىڭ ئېنىرگىيە سەرپىياتىنى %4 چۈشۈرۈش؛ شەھەر- بازارنىڭ تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %3.9 ئىچىدە تىزگىنلەپ، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنى ‰12 ئىچىدە كونتىرول قىلىشتىن ئىبارەت. يۇقارقى نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىز ماكرولۇق ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى تولۇق تونۇپ، تۈرلۈك مۇقىمسىز ئامىللارغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز:
1. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
ئوبلاستنىڭ «يېزىلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات يىلى» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىشىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىلەشتۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» خىزمىتىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىمى قىلىپ، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويىمىز. تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئورمانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ياخشى خاراكتىرلىك بىرلىشىپ ھەركەتلىنىپ تەرەققىي قىلىش شەكلىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
1) يېزا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز.
يېزا يەرلىرىنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق، ئىشلىتىش ئورنى چەكلەنگەن، تېجەشلىك ۋە تۈجۈپىلىك بولۇش، باشقۇرۇش قاتتىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، مۇستەھكەم، قېلىپلىق بولغان يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ مۈكەممەللەشتۈرىمىز. دېھقانلار ئۆزى ئىختىيار قىلىش، مەجبۇرى بۇيرۇق چۈشۈرمەسلىك، يەرنىڭ كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى ئۆزگەرتمەسلىك، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيلىقىنى ساقلاشنى چىقىش قىلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇش تەرتىۋىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىمىز. دۆلەت زىمىنى بايلىقىنى باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ مۇستەھكەم بولغان تېرىلغۇ يەرلەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. يېزا ئامانەت قەرز قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئامانەت قەرز ھەمكارلىشىپ باشقۇرغۇچىسى بولۇش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپلىرىنىڭ نوقۇل قانۇنىي ۋەكىللىك كوپراتىپتىن يېزا ھەمكارلىق بانكىسىغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىمىز. يېزا ئىگىلىك قايتا سۇغۇرتا سېستىمىسىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل- مۇئامىلىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە دېھقانلار»غا بولغان مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.
2) يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز
--پاختىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز. تىرىشىپ سورتنى ياخشىلاش، ئىلمىي ئۆستۈرۈش، بىرلىك مەھسۇلاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئومۇمىي مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىمىز. سۇ كاپالەتكە ئىگە بولمىغان پاختىزارلىق ۋە پاختا ئۆستۈرۇش خەتەرلىك رايونلار، تۆۋەن ھوسۇللۇق رايونلاردا تېرىقچىلىقتىن بوشاندۇرۇش ۋە باشقا زىرائەتلەرنى تېرىش شەكلىنى قوللىنىپ ھوسۇلنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى پەيدىنپەي تەڭشەيمىز. يۇقىرى ئۆلچەملىك تېجەشلىك تېمىتىپ سۇغىرىش، تۇپراقنى تەكشۈرۈپ رىتسىپ بويىچە ئۇغۇتلاش، ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىش، قوش يوپۇق ئارقىلىق قاپلاپ تېرىش قاتارلىق قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، تەننەرقىنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە بازارنىڭ خېيىم خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. 2009-يىلى 83مىڭ مونى تېرىقچىلىقتىن ئارام ئالدۇرۇش ۋەزىپىسى ۋە 20مىڭ مولۇق باش قوناق تېرىش ۋەزىپىسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئورۇنداپ، پاختا تېرىلغۇ كۆلىمىنى 580مىڭ مو ئەتراپىدا تۇراقلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقتارىدا 1مىليون 670مىڭ دەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈشكە تىرىشىمىز.
--ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلايمىز. لوپنۇر شىمالى ئىقتىسادىي ئېھاتە ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، 30مىڭ مولۇق ئېھاتە ئورمان ۋە ئىقتىسادىي ئورمان ئەھيا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، 10ئائىلىك ئىقتىسادىي ئورمان يېتىشتۈرۈش ئۇلگىلىك ئائىلىسنى بېكىتىپ، ئورمان تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا تەلىۋىنى قېلىپلاشتۇرىمىز. تېخنىك خادىملارنى ئەركىن قويۇۋېتىپ باغۋەنلەرنى ھەقلىق بولغان ئەتراپلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، باغۋەنچىلىكنىڭ ماشنىلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، باغۋەنچىلىكنىڭ تېخنىكىلىق مىقتارىنى ئاشۇرۇپ، لوپنۇر شىمالى رايونى بىلەن كۆنچى دەرياسى ۋادىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان نەشپۈتچىلىك بەلۋىقىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېشىل كارىدور ۋە ئېتىز- ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئورمانچىلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىلىرى داۋاملىق يولغا قويىمىز. دۆلەت يولى 218-لىنيىسى كورلا لوپنۇر بۆلىكىنى بويلاپ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22كىلومېتر، 1000 مودىن ئارتۇق كېلىدىغان ئېھاتە ئورمان بەلۋېقىنى ئومۇمىيۈزلۈك پۈتكۈزىمىز. يېزا كەنت يوللىرىنىڭ ئېھاتە ئورمان قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ «ئورمان بىلەن قاپلىنىپ سايە تاشلاپ تۇرۇش»ىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تەبىئىي ئورمانلارنى قاشالاپ پەرۋىش قىلىپ باشقۇرۇپ ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسى ۋادىسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلايمىز. 2009-يىلى سۇنئىي ئۇسۇلدا 30مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلىشنى پىلانلىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي ئورمان25مىڭ مو، ئېھاتە ئورمان 5مىڭ مو بولۇپ، 60مىڭ مو مېۋىلىك دەرەخنى پۇتاش ۋە 12مىڭ مولۇق دۇلىنى ئۇلاش خىزمىتىنى تاماملايمىز.
--ئەنئەنىۋىي چارۋىچىلىقنى ئۆزگەرتىپ يۇقىرى كۈتىرىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چارۋىچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا- بازارلاردا مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرى چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چەت يىراقتىكى يېزىلاردا ئېكولوگىيە تىپىدىكى چارۋىچىلىق رايونلىرى چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچى بار دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق كارخانىلىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، چارۋىچىلىقنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە سۈپەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىمىز. چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاپ كۆپەيتىش سېستىمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى نەسلىنى ياخشىلاش تېخنىكا مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز. ھايۋاناتلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەنت دەرىجىلىك مال دوختۇرلۇق خادىملىرى قۇشۇنىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھايۋاناتلارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بېخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. چارۋىچىلىقنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. تەبىئىي ئوتلاقلارنى قانۇن بويىچە قوغداشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ پاختا تېرىش خەتەرلىك رايونلار، تۆۋەن ھوسۇللۇق رايونلاردا مۇۋاپىق دەرىجىدە ئەلا سورتلۇق ئوت- چۆپ ئۆستۈرىمىز. 2009-يىلى سۈنئىي ئۇسۇلدا 25مىڭ مو سۈپەتلىك يەم-خەشەك ئۆستۈرۈپ، 1مىليون 500مىڭ مو ئوتلاقنى ياخشىلايمىز. 2 يېزا بازارنىڭ مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، چارۋىچىلىق پەن تېخنىكىسى بىلەن تەربىيلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 45مىڭ تۇياق چارۋىنىڭ نەسلىنى ياخشىلايمىز. بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق ئۆلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 30نى يۆلەيمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يىل ئاخىرىدىكى تىرىك چارۋا قوتان قالدۇقىنى 340 مىڭ تۇياققا يەتكۈزىمىز.
3) دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. دېھقان- چارۋىچىلارنى 2-، 3- كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، ناھىيە ئىچىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە يۆتكىلىشىنى ياخشى ھەل قىلىمىز. كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گورۇھلارنىڭ سانائەت باغچا رايونىغا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ تەربىيىلەش ۋە ئۆزگەرتىش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزىمىز. دېھقان- چارۋىچىلارنى بېيىش ماھارىتى بويىچە تەربىيىلەشنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا ئالغا بېسىش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تەشكىلىچانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى تايانچ قىلىپ، سوتسىيالسىتىك يېڭى يېزا قۇرۇش ئومۇمىي نىشانى بويىچە، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا- بازارلاردا ئەسلىھە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، زىيانسىز كۆكئات بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «كۆكئات سەۋىتى» قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى شەھەر يېزا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، بار ئامال چارىلەر بىلەن غەيرى يېزا ئىگىلىكى كەسپى كىرىمىنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ئىگەلىگەن سوممىسى ۋە سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.
4) يېزىلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز
تارىم دەرياسىنى تېزگىنلەش تۈرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. تارىم سۇ ئامبىرىنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ دائىمىلىق سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز. مىرسالى غول ئۆستىڭى، چوڭكۆل غول ئۆستىڭى، خورجا غول ئۆستىڭىنى دائىملىق سۇ تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش، ئاقسوپا غول ئۆستىڭىنى سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش، ئورمانلىق ۋە ئوتلاقلارنى ئېكولوگىيىلىك قوغداش ۋە قۇرۇش قاتارلىق تارىم دەرياسى تۈرىنىڭ 10تۈرىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىمىز. قارچۇغا يېزىسىنى تېرىقچىلىقتىن بوشاندۇرۇپ قاشالاپ پەرۋىش قىلىپ باشقا جايغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تەڭشەلگەن مەبلىغىنىڭ ئەمەلىيىلىشىشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
ئېتىز- ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. پاختىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك تېجەشلىك سۇغۇرۇلۇش كۆلىمىنى 150مىڭ موغا كېڭەيتىپ، يېڭىدىن 50كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساپ، يېڭىدىن يۈرۈشلۇك ئۆستەڭ ئىمارىتىدىن 150نى سېلىپ، 500كىلومېتىرلىق ئۆستەڭ ۋە زەيلىكنى رىمونت قىلىپ، يېڭىدىن 200كۆز ماتورلۇق قۇدۇق قازىمىز. ئوبلاستلىق سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چەكلىك سۇ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، يەر يۈزى سۈيى ۋە يەر ئاسىتى سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، چەكلىك سۇ بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ ئېتىزلىرىنى سۇغۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز.
يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز. دۆلەتنىڭ يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشى تۈرىنى داۋاملىق ئاكتىپلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ بىلەن قاپلىنىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش، تۇرۇبا تورىنى سەييارە تەكشۈرۈش ۋە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىچىملىك سۇ تۇرۇبا تورىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا ۋودپىروۋوت تۇرۇبىلىرىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىپ، ئۇزاققىچە رولىنى مۇقىم جارى قىلدۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. گۈلباغ يېزىسى ۋە ئىتتىپاق يېزىسىنىڭ يەرلىرىنى رەتلەش تۈرى ۋە شىڭ پىڭ يېزىسىدىكى ئىككى كەنتىنىڭ يەرلىرىنى رەتلەش تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش، سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى تاماملايمىز. يېزا تاشيول تورى زىچلىقى، دەرىجىسى ۋە تۇتاشتۇرۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇپ ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. 70كىلومېتىرلىق يېزا تاشيولىنى تاماملايمىز، بۇنىڭ ئىچىدە نۇقتىلىق ھالدا تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان 23كىلومېتىرلىق تاشيول قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزىمىز. كەنت بازار پىلانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ تەستىقلاپ ۋە قۇرۇلۇش قىلىپ، يېڭىدىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيدىن 1235 يۈرۈش سېلىپ، كەنتلەرنىڭ جايلىشىشىنىڭ مۇۋاپىقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىتتىپاق يېزىسى، ئاقسوپا يېزىسى ۋە گۈلباغ يېزىسىدا «ئۈچنى رەتلەپ تۆتلەشتۈرۈش» بويىچە مۇستەھكەملەپ يۇقىرى كۆتىرىش سىناق نۇقتىسى قۇرۇپ، پەيدىنپەي كېڭەيتىلىش دائىرىسىنى زورايتىمىز.
داشى تەجىربە رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. داشى تەجىربە رايونى قۇرۇلىشى تۈرىنىڭ ئالدىنقى باشقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايون، ئوبلاستنىڭ ياردىمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شەھەر ئۈل مۇئەسسەسەلىرىنىڭ تەجىربە رايونىغا ئۇزارتىلىشى ۋە شەھەر ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ تەجىربە رايونىنى قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەجىربە رايونى ئىچىدىكى ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پەن- تېخنىكا ، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە بېيىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەجىربە رايونىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىمىز.
2. ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كورلا لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز
«كورلا لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»مۇساپىسىنى چۆرىدەپ، كورلا لوپنۇر يېڭى رايونىنىڭ نېفىت، نېفىت- خېمىيە، پاختا تۈرلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش، كان مەھسۇلاتلىرىنى پىشىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ بايلىققا بولغان ئېھتىياجىغا تايىنىپ، پاختا بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، شىڭدى تېغىنىڭ كان بايلىقلىرىنى ئېچىشنى تېزىلىتىپ، كان رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. كان مەھسۇلاتلىرىنى خېيىم خەتەرلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش شېركىتى قۇرۇپ، كان بايلىقىنى گېئولوگىيىلىك قېدىرىپ ۋە تەپسىلى تەكشۈرۈپ، تىگى تەكتىنى پەيدىنپەي ئېنىقلاپ چىقىمىز؛ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈر ئامبىرى قۇرۇپ ۋە مۈكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم شارائىتى بىر قەدەر ياخشى تۈرلەرنى تاللاپ، ئىنچىكە تاللاپ بىزەپ ياساندۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق سودىگەر چاقىرىشقا كۆرسىتىپ قاتناشتۇرىمىز. ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانىلار، چوڭ گورۇھلارنى پائال كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا، مەھسۇلات، بازار ۋە باشقۇرۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كان بايلىقىنىڭ ئېچىلىش كۆلىمى ۋە قاتلىمىنى ئاشۇرىمىز. ئىلمىي پىلانلاش، مۇۋاپىق ئېچىش ۋە تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش خاراكتىرىدىكى ئېچىشنى توسۇپ، كان بايلىقلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ شىڭدى تېغى رايونىنى شىنىغا سانائەت باغچا رايونىدىن كىيىنكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىمىز. جوڭيۈەن، يۇڭخېڭ، فېڭدا، تىيەنچېڭ كانچىلىق شېركەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يار يۆلەك بولۇپ، تۆمۈر كانى بايلىقىنىڭ قېدىرىلىپ ئېچىلىشىنى تېزلىتىمىز. مەۋقەنى شورتاڭ رايونىنىڭ نېفىت گازىغا قارىتىپ، نېفىت گازى قېدىرىپ ئېچىشنىڭ تۈرلۈك ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەن كارخانىلارنىڭ ئىشتىن قالغان ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ۋە تارقاقلاشتۇرۇلغان خادىملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەن كارخانىلارنىڭ قالدۇق مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىمىز.
ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئىجتىمائىي مۇھىتنى پائال يارتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىشىغا مەدەت بېرىمىز. پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، بانكا بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىغا مەدەت بېرىپ ۋە ئۇنى يېتەكلەپ، ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يوللىرى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مېخانىزىمىنى مۈكەممەللەشتۈرىمىز. ئوتتۇرا- كىچىك كارخانىلارنىڭ ئامانەت قەرز كېپىللىك سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا- كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ تەييارلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىمىز.
3. ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، 3-كەسىپنى زورايتىمىز
لوپنۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، «قۇملۇقتىكى توغراق، لوپنۇرلۇقلار» ئاساسىي تېما قىلىنغان ساياھەت تەشۋىقاتىنى ياخشى قانات يايدۇرىمىز. بىر تۈركۈم يېڭىچە ساياھەت تۈرلىرى ۋە مول يەرلىك ئۆزگىچىلىككە ئىگە ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى پىلانلاپ، ئېچىپ ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەت ئىچكى ئۇقۇمىنى ئۆزلۈكسز بېيىتىمىز. «چوڭ داشى سەھرا سەيلىسى» ساياھەت بەلۋىقى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، سەھرا سەيلىسى ۋە سەھرا شادلىقى ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ساياھەت بازىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتىنىڭ قاتلىمىنى ئۆستۈرىمىز. سەيلى ساياھەتچىدىن 180مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كۈتىۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتە 12مىلىيۇن يۈەن كىرىم قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.
شەھەر- يېزىلارنىڭ بازارلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئاچىمىز، ھەر خىل ئىقتىسادىي ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ تاۋار ئوبوروتى ئۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، پاختىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت سېستىمىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. نۇقتىلىق ھالدا كۆۋرۈك جەنۇبى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپى بازىرىنىڭ 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى ۋە «تۈمەن كەنت مىڭ يېزا» بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا سودا تورى نۇقتىلىرىنى تېزىدىن قۇرىمىز. ھەر خىل يېزا كەسپى ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، ۋاستىچىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقان- چارۋىچى ۋاسىتچىلار قۇشۇنىنى يېتىلدۈرۈش ۋە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بېرىكتۈرۈشىنى ياخشىلايمىز.
4. قۇرۇش بىلەن باشقۇرشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەرنىڭ قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ياشاشقا باپ كېلىدىغان ناھىيە بازىرى قۇرىمىز
پىلانلاشنى باشلامچى، مۇھىتنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا، شەھەر باشقۇرۇشنى ۋاستە قىلىپ، شەھەر- بازار ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇپ، شەھەر بازارنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، قاتلىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. شەھەر ئومۇمىي پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شەھەردىكى مەھەللىلەرنىڭ تىزگىنلەش خاراكتىرلىك ۋە قايتا قۇرۇش خاراكتىرلىك پىلانىنى ھەمدە يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتنى ئازايتىش، قاتناش، مۇھىت تازلىقى قاتارلىق مەخسۇس پىلانلارنى تۈزۈشنى تېزلىتىمىز. مەدەنىيەت يولىنى شەرىققە ئۇزارتىش، كۆنچى ئوتتۇرا يولىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە 3-نومۇرلۇق مەھەللە، لوپ مەھەللىسىنىڭ غەرپ تەرىپى بولۇپ جەمئىي 3 مەھەللە يولى قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز. شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزېرە بەلۋىقى 3- قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ،شەھەرنىڭ يۈرۈشلۈك ئىقتىدار ئەسلىھەلىرىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، باغچىلاشقان كوچا- يوللار قۇرۇلۇشى بىلەن يوللارنىڭ كۆكەرتىلگەن بەلۋىقىغا دەرەخ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، يىنخۇا مەھەللىسى، 4-نومۇرلۇق مەھەللىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشىلايمىز. پۈتۈن ناھىيىدىكى بار بولغان بىنالارنى ئېنىرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،شەھەرنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ۋە كېرەكسىز سۇدىن قايتا پايدىلىنىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يىلغا بۆلۈپ ناھىيە بازىرىنى ئەخلەتلەرنى زەھەرسىز بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز. دەرۋازا ئالدىدىكى « ئۈچنى ھۆددىگە بېرىش» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت تازلىقىنى باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر رايونىنىڭ كۆكەرتىلىش، پاكىزلىنىش، يورۇتۇلۇش ۋە گۈزەللەشتۈرۈلۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر قىياپىتى پاكىزە، ياشاش مۇھىتى كۆركەم ئەلا، ئاھالىلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى مەدەنىي بولغان يېڭى ئوبرازنى تىرىشىپ يارىتىمىز.
5. مالىيە باج باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى مالىيە مەدىتى بىلەن تەمىن ئېتىمىز
2009-يىلىدا مالىيە-باج خىزمىتى نۇرغۇنلىغان يېڭى ئەھۋاللار ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بىز كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بۇرىچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە مالىيە- باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مالىيە- باج كىرىمىگە بولغان تەسىرى ھەمدە تۈرلۈك ئىقتىسادىي سىياسەتلەر ۋە باج كىرىمى سىياسەتلىرىنىڭ يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دېققەت قىلىپ، پايدىسىز ئامىللارنى بار ئامال- چارىلەرنى قوللىنىپ تۈگىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يۇشۇرۇن كۈچلىرىنى قېزىپ، يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئاممىۋىي مالىيىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مالىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مالىيە- ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغا ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان قوللاش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىشىغا مەدەت بېرىمىز. مالىيە كىرىم- چىقىم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، مەمۇرى چىقىملارنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، يىغىن، كۈتىۋېلىش، كاماندىروپكا ۋە ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق كۈندىلىك چىقىملارنى ئازايتىمىز. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار»، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، داۋالاش، ئېنىرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە تولۇقلىما بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.
6. تۈر قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرىمىز
دۆلەتنىڭ سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى ئەستايدىل تەتقىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارىسىدىكى بېرىكمە نۇقتىلارنى ئەستايدىل ئىزدەپ، بىر تۈركۈم ئىستىراتىگىيىلىك تايانچ كەسىپ تۈرلىرى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرلىرى، ئۇل مۇئەسسەسە تۈرلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تۈرلىرىنى پائال پىلانلار قۇرۇپ، تۈر ئامبىرىنى ئۆزلۈكسىز تولۇقلايمىز. ھەر يىلى بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەرنى تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈش، ھەر يىلى بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەرنى تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇشقا ئىلتىماس قىلىش، ھەر يىلى بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەردە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىش، ھەر يىلى بىر تۈركۈم يېڭى تۈرلەرنى ئىشلىتىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ ئېچىش، ئېتىز- ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، يېزا تاشيولى، لوپنۇر شىمالىي ئىقتىسادىي- ئېھاتە ئورمان بازىسى، شەھەر ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ھەمدە مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلار تۈرلىرىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون، ئوبلاستتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە بىرلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشكەن تۈر مەبلىغىنىڭ يۈز مىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈشىنى قولغا كەلتۈرىمىز.
تۈر باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ئاساسىي قۇرۇلۇشى تەرتىۋىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈر قانۇنىي ۋەكىلى تۈزۈمى، سودىگەر چاقىرىش- بولۇش تۈزۈمى، نازارەتچلىك تۈزۈمى ۋە توختام تۈزۈمىنى ئەستايدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈر ۋاكالەتچىلىكى ۋە مۇلازىمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزىمىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، تۈرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرلەش دەرىجىسى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
7. خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز
--پەن- تېخنىكا، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت، سەھىيە خىزمىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىمىز. پەن- تېخنىكا سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە پەن- تېخنىكىدا ئالغا بېسىش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ پەن تېخنىكىدا ئىلگىرلەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى باھالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «پەن- تېخنىكا ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىپ ناھىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» «پەن تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ساپا قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتىمىز. يېتەكچى كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، ئەۋزەل بايلىقلارغا تايىنىپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار قوللىنىشچان تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز- ئۆزىگە خوجا بولۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىمىز. شەھەر- يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى ھەقسىز بولۇش سىياسىتى ۋە خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزىمىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاز سانلىق مىللەت تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «قوش تىل» تەربىيىلىنىشى ۋە «قوش تىللىق» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمىز. مائارىپ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزىلىتىپ، لوپنۇر ئوتتۇرا مەكتىۋى تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈپ، لوپنۇر باشلانغۇچ مەكتىۋى ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، لوپنۇر تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، لوپنۇر كەسپىي مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ ۋە تارىم يېزىسى، ئاقسوپا يېزىسى قاتارلىق ئالتە يېزا بازارلىق مەركىزى مەكتەپنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ، يېڭىدىن «قوش تىللىق» يەسلى سېلىپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا «ئىككى ئاساسەن»نى دۆلەتتىن تەكشۈرۈش تەلىۋىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش دولقۇنىنى قوزغاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى ۋە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، مۇپەتتىش قىلىپ باھالاش مېخانىزىمىنى ياخشىلاپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز. مەدەنىيەت تەنتەربىيىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ 3-خىلدىكى شەھەر تىل- يىزىقنى باھالىشىنى پايدىلىق پۇرسەت قىلىپ، تىل- يېزىق باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە ئىشلىتىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى تازلايمىز. دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاساسىي تېما قىلىنغان ھەر خىل مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى ئىلغار ناھىيە بولۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز. «شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ رادئىو- تېلىۋىزىيە قۇرۇلۇشى» ۋە «ھەممە كەنتلەرگە رادئىو- تېلىۋىزىيە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» نى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تەقلىدىي تېلىۋېزىيە سېگنالىنى سېفىرلىق سېگنالغا ئالماشتۇرشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. ناھىيە، يېزا ۋە كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەھىيە خادىملىرىنى تەربىيىلەش ۋە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سىجىل تەرەققىي قىلىدۇرۇلىدىغان سەھىيە كەسپى ئىختىساسلىقلار قۇشۇنىنى تەدىرىجى قۇرۇپ چىقىمىز. ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۈنۋېرسال ئامبولاتورىيە بىناسىنىڭ داۋام قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئالتە يېزا بازارلىق دوختۇرخانا ۋە ئايرىم كەنت (مەھەللە) لەرنىڭ شىپاخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىمىز. چوڭ يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونتىرول قىلىش ۋە تۇيۇقسىز كۆرۈلىدىغان ئاممىۋىي سەھىيە ھادىسىلىرىنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. «ج ك مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ، نوپۇس مەسىلىسىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ ھەل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى «ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ، ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈسىتىگە ئېلىش» ۋە «بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى» نى قەتئىي ئايانماستىن ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنى مۇكاپاتلاپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئەلا مۇلازىمىتى ناھىيىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز. مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ۋە بۇلغىمىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنېرگىيەنى تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
--ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيمىز. قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى يېتەكلەش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئەمگەكچى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلارنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىمىز. ئاجىز ئاممىنى كاپالەتلەرندۈرۈش سەۋىيىسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، ھەركەتقان باشقۇرۇش ئاسىتىدا كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش سېستىمىسىنى يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈپ، يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئەلالارنى يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتىمىز. يېڭىدىن ناھىيىلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇپ، ئايرىم يېزا- بازارلاردا ياشانغانلار ساناتورىيىسى ۋە يېزا بازارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز. ئەرزان ئىجارە ئۆي ۋە ئەرزان ئەپچىل ئۆي قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، شەھەر- بازاردىكى بىر قىسىم تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ۋە 200 ئائىلىلىك كادىر ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئىشتىن قالغانلار، يېزىلاردىكى «ئۈچ پېشقەدەملەر» ھەمدە ناھىيە مالىيىسىدىن ئۇزۇن مەزگىل تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتلىق ئىشچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تىرىشىپ شەھەر- بازاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ «تۇرىدىغان ئۈيى بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
--مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، ئامان لوپنۇر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز. پارتىيىنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيىسىنى چىڭىتىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك يېڭى تىپتىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. كەڭ كادىر ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي ۋە قانۇن تۇزۇم تەربىيىسىنى قاراتمىلىقى بار ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئىديىۋى مەدەنىيەت، تەشۋىقات جامائەت پىكرى بازىسىغا بولغان رەھبەرلىك ۋە باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىلمىي نەزىرىيە، توغرا جامائەت پىكىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىدىيىۋى مەدەنىيەت ئىستىھكامىنى مۇستەھكەم ئىگەللەيمىز. ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ، ناھىيىلىك ئارخىپ سارىيى ئۈنۋېرسال ئىشخانا بىناسى ۋە پارتىيە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، بازا قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىمىز. دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دىندىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەركەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىمىز، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىنى تولۇق تونۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرىشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، باش كۆتەرگەن ھامان زەربە بېرىپ، دۈشمەننى ئالدىن ھۇجۇم قىلىپ يېڭىش»فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە باشقا دۈشمەن كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى باشتىن- ئاخىر ساقلايمىز. زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى جەمئىيەت ئامانلىقى ئالدىنى ئېلىپ كونتىرول قىلىش سېستىمىسنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۈكەممەللەشتۈرۈپ، جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدايمىز. يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، ئۆي چېقىپ كۆچۈرۈش، مۇھىت بۇلغىنىش ھەمدە قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى قۇرۇلۇش پۇلى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مۇئاشىنى كەينىگە سۈرۈپ نىسىي قالدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىمىز ۋە ئەستايدىل ھەل قىلىمىز. قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت بويىچە ئىش قىلىپ، خەلقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئالىمىز ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىمىز. ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە رەھبەرلىرى ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋە رەھبەرلەر ئەرزىيەت دىلولىرىنى ھۆددىگە ئېلىپ بىجىرىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ھال – ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ ۋە يېتەكلەپ، مۇقىمسىز ئامىللارنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئاپەتنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. جىددى تاقابىل تۇرۇش سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، لايىھەنى مەشىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن چوڭ ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇشۇرۇن خەۋىپلەرنى داۋاملىق بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، پەۋقۇلاددە چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي تۈردە چەكلەيمىز. يىمەكلىك، دورا بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، ئىستىمال قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارغا بولغان نازارەتچىلىك باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىلىك يىمەكلىك ۋە بۇيۇم ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
8. ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەمۇرىي ئىقتىدار ۋە رەھبەرلىك سەۋىيىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز
ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز. كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى بىلەن تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشتۇرماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىسلاھاتىنى ئومۇمىيۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاچقۇچى قىلىمىز. چاكارلىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەمئىيەت كۆز تىكىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەقىقى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ نەپتىن بەھرىمان بولدۇرىمىز. مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشنى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئۇنى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىمىز. مەسئۇلىيەتنى سوراشتۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ ۋە مۈكەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجە ۋە ئۈنۈم نازارەتچىلىكىنى مەمۇرى تەپتىش قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىغا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچى ۋە ئاممىنى ئىشەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرىمىز. پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ساھەلەردىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەستايدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ھەركىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىمىز. تەربىيە، جازالاش، نازارەتچىلىك ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، ماھىيەتتىن ۋە تۈپتىن تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، نېگىزىدىن تۈزەشكە تىرىشىپ، مەنبەئەدىنلا چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. مەمۈرى تەستىق سېلىش، مالىيە باشقۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە سودىگەر چاقرىش ۋە بولۇش، تىجارەت خاراكىتىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى، ھۆكۈمەتتىن سېتىۋېلىشتەك تۆت تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاكلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز.
ۋەكىللەر، يېڭى بىر يىل ئۈمىت ۋە خىرىسقا تولغان، يېڭى ۋەزىپىلەر تېخىمۇ مۈشكۈل، يېڭى مەنزىرىلەر تېخىمۇ گۈزەل. بىز پارتىيە 17- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىتى 3-ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ يېتەكلىشىدە، تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرغان روھى قىياپەت بىلەن، ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازات بولۇپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، پۇختا جاپالىق ئىشلەپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك نىشانلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئورۇنداش، ھاللىق لوپنۇر، ئېكولوگىيىلىك لوپنۇر، ئامان لوپنۇر ۋە ئىناق لوپنۇر بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلايلى!