ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
2007-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا بېرىلگەن
ھاكىم ئابلىمىت ئابلەت
ۋەكىللەر:
ھازىر مەن ناھىيىلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن، يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىرتتىن قاتناشقان خادىملارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.
بەش يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر
2002-يىلدىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيىلىك 14-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى دېڭ شياۋپىڭ نەزىرىيىسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى تىرىشىپ ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئوبلاستلىق پارتكوم، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز، خەلقنى بېيىتىپ ناھىيىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيىدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ج ك پ لوپنۇر ناھىيىلىك 9-، 10-قۇرۇلتايلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، پۇختا ئىشلەپ، بۇ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلىدى. ناھىيىدە سىياسىي مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، جەمئىيەت ئالغا باسقان، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.
--- خەلق ئىگىلىكى سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىز ئۆزلۈكسىز كۈچەيدى. 2007-يىلى مۆلچەرىمىزچە، ناھىيىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2مىليارد 110مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2002-يىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1.7ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن% 11.7ئاشتى؛ يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمى 88مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2002-يىلدىكىدىن 1.2ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن% 17.5ئاشتى؛ يەرلىكنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا جەمئىي 460مىليون يۈەن ئورۇنلىنىپ، 2002-يىلدىكىدىن 3.2ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن%33ئاشتى؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 5516يۈەنگە يېتىپ، 2002-يىلدىكىدىن 2466يۈەن كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن% 12.6ئاشتى.
--- يېزا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئۈنۈملۈك تەڭشەلدى. پاختا ئاساسىي گەۋدە، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىق ئىككى قانات قىلىنغان كەسىپ ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈپىتى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 292مىڭ مودىن 530مىڭ موغا كۆپەيدى، مۆلچەرىمىزچە، پاختا بىرلىك مەھسۇلاتى 123.7كىلوگىرامدىن ئېشىپ، 137.8كىلوگىرامغا، ئومۇمىي مەھسۇلات 720مىڭ دەندىن ئېشىپ، 1مىليون 460مىڭ دەنگە يەتتى؛ لوپنۇر شىمالىي ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمىنى نەشپۈت بازىسى قۇرۇلۇشى باشلاندى، باغ كۆلىمى 23مىڭ مودىن ئېشىپ، 74مىڭ موغا كۆپەيدى. چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچى ئاشتى، مۆلچەرىمىزچە، يىل ئاخىرىدىكى تىرىك چارۋا قوتان قالدۇقى 287مىڭ تۇياقتىن كۆپىيىپ 367مىڭ تۇياققا يېتىشى مۇمكىن.
--- سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلىشىدا ئۈنۈم كۆرىنەرلىك بولدى. جەمئىي 210مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 528كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يول يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى. ناھىيە بازىرىدىن قارچۇغا يېزىسى چوڭ كۆۋرىكىگىچە، ناھىيە بازىرىدىن گۈلباغ يېزىسى ۋە ئاقسۇپا يېزىسىغىچە بولغان نۇقتىلىق ناھىيە يېزا يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئارقا-ئارقىدىن پۈتكۈزۈلدى. دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىدىن ئىتتىپاق يېزىسى ۋە شىڭ پىڭ يېزىسىغىچە، ناھىيە بازىرىدىن ئىتىپاق يېڭى كەنتىگىچە، دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىنىڭ كۆنچى دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن تارىم يېزىسىغىچە بولغان تاشيول قاتارلىق نۇقتىلىق تاشيوللارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ، ناھىيە بازىرىنىڭ يولۇچىلار بېكىتىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ناھىيە يېزا تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسفالىتلاشتۇرۇلدى، ھەممە كەنىتلەرنى قاراماي يول بىلەن تۇتاشتۇرۇش نىشانى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان قاتناش بوغما ھالىتى مەسىلىسى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلدى. 628مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 751كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسالدى، 1413كۆز ماتورلۇق قۇدۇق يېڭىدىن قېزىلدى، 3525يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش ئىمارىتى يېڭىدىن سېلىندى، يۇقۇرى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش كۆلىمى 203مىڭ موغا كېڭەيتىلدى، 477كىلومېتىر زەيلىك يېڭىدىن چېپىلدى، تارىم سۇ ئامبىرىنى سۇ تىجەش بويىچە ئۆزگەرتىش، تارىم شىمالىي غول ئۆستىڭى، كۆنچى غول ئۆستىڭىنى سۇ سىڭمەسلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىرتۈركۈم تىزگىنلەش تىپىدىكى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرى تاماملىنىپ، ناھىيىنىڭ ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىلدى. ئىتتىپاق يېزىسى، گۈلباغ يېزىسى ۋە شىڭ پىڭ يېزىلىرىنىڭ يەرنى تۈزەش تۈرى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. قارچۇغا يېزىسىنىڭ قاشالاپ پەرۋىش قىلىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈش خىزمىتىدە 110ئائىلىلىك، 480ئادەم كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2005-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2006-يىلى مەملىكەت بويىچە ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلىشىدىكى ئىلغار ناھىيە دېگەن نامغا ئېرىشتۇق. تېرىلغۇدىن بوشىغان يەرلەردە ئورمان ئەھيا قىلىشتا 48مىڭ مو ئورۇنلىنىپ، 120مىڭ مو قاشالاپ پەرۋىش قىلىندى، سۈنئىي ئۇسۇلدا 63مىڭ 300مو ئورمان ئەھيا قىلىندى. 2006-يىلى ئوبلاستنىڭ ئورمانچىلىقنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتا بىرىنچىلىككە ئېرىشتۇق. جەمئىي 2مىليون 505مىڭ يۈەن تۇلۇقلىما مەبلەغ سېلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا مەدەت بېرىلىپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيدىن 4598ى يېڭىدىن سېلىنىپ، ئاپتونوم رايون ۋە ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ شەھەر يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلىشىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار ناھىيە بولۇپ باھالاندۇق، داشى تەجرىبە رايونىنى قۇرۇپ، نۇرباغ يېڭى كەنتى ئۈلگە نۇقتىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇردۇق. «ئۈچنى رەتلەش تۆتلەشتۈرۈش» خىزمىتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزىلارنىڭ قىياپىتى ۋە دېھقانلارنىڭ روھى قىياپىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى. يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق بېجى يۈكىنىڭ نۆل بۇلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغىدىن جەمئىي 16مىليون 890مىڭ يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئاساسى قاتلام ھاكىمىيىتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش مۇۋاپىق يولغا قويۇلۇپ، كۆنچى دېھقانچىلىق مەيدانى، ئۇرۇقچىلىق مەيدانى، 1-،2-فېرمىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى تاماملاندى.
--- كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلىشىدا يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى «بىرىنچى نومۇرلۇق قۇرۇلۇش» قىلىپ، كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ تۈرلۈك ئۇلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كورلا-لوپنۇر يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشتا ماھىيەتلىك قەدەم تاشلىدۇق. 50مىڭ توننىلىق پاختا بوتقىسى، 20مىڭ توننىلىق ئالىي دەرىجىلىك قۇرۇما مېيى قاتارلىق بىرتۈركۈم سانائەت تۈرلىرى ئىلگىرى كىيىن پۈتكۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتى. ئەسلىدىكى بۇيا پاراشۇگى زاۋۇتى، ياغ زاۋۇتى ۋە تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا ساقلانغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ساقلانما مۈلۈكنى جانلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشتىن قالغان خادىملىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردۇق. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنلۇڭ زۈلۈك تاش چەكلىك شىركىتىنىڭ چەتئەل شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كاپىتالنى قايتا تەشكىللىشى زۈلۈك تاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغۇسى؛ فۇلىدا تالا چەكلىك شىركىتىنىڭ 240مىڭ توننىلىق شىلىملىق تالا تۈرى شىنىغا سانائەت باغچا رايۇنىغا ئورۇنلاشتى، بۇلار كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە ماھىيەتلىك بۆسۈش بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كورلا-لوپنۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىش قەدىمى كۆرىنەرلىك تېزلەتتى.
--- خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسى ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ كۆپەيدى. كورلىدىن لوپنۇرغا سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلۈپ، تۆت يېزا ئىككى بازارنىڭ ئايرىم كەنىتلىرى ۋە ناھىيە بازىرىدىكى 40مىڭدىن ئارتۇق ئادەم دۆلەت ئۆلچىمىگە يەتكەن پاكىزە سۇ ئىچەلىدى. لوپنۇر ئوتتۇرا مەكتىپى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ناھىيىمىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش شارائىتى كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى. يىنخۇا مەھەللىسىدە قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئولتۇراق بىناسىدىن 39كورپۇس 155مىڭ كۋادرات مېتىر سېلىنىپ، 7كورپۇس 22مىڭ كۇۋادرات مېتىرى پۈتكۈزۈلۈپ، ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلۇپ، ناھىيىمىزدىكى كادىر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى ئاساسەن ھەل قىلىندى. تەبىئىي گاز يېقىلغۇسى ئىشلىتىشنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى ئاساسەن تاماملىنىپ، ناھىيە بازىرىدىكى 2580ئائىلىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەتتى. دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، دېھقانچىلىق چارۋىچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسپىتى %88كە يەتتى. يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە شەھەر بازار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىپ، 2477ئادەم يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن، 2300ئادەم شەھەر بازار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ياردەم قىلىپ يۆلەش تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 6225ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شەھەر بارازنىڭ تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسپىتى%3.9 ئىچىدە كونترول قىلىندى. ئاپەتتىن، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە يۆلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر پائال ياخشى ئىشلەندى، جەمئىي 8مىليون 980مىڭ يۈەن ئاپەتتىن ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئاجىرتىلىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا 28مىڭ ئادەم قېتىم ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش قىلىنىپ، 157نامرات ئائىلىگە يېڭىدىن ئۆي سېلىنىپ بېرىلدى.
--- 3-كەسىپ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلدى. لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەرىپىدىن A3 دەرىجىلىك سەيلىگاھ دەپ نام بېرىلىپ، «چوڭ داشى سەھرا سەيلىسى» ساياھەت بەلبىغى قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. ساياھەتچى كۈتىۋېلىش مىقدارى بەش يىلدا جەمئىي 970مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەتچىلىك بىۋاستە كىرىمى 49مىليون 50مىڭ يۈەن بولدى. كوچا بويلىرىدا بىرتۈركۈم سودا ئورۇنلىرى لايىھىلىنىپ ۋە قۇرۇلۇپ، كەسپىي بازارلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تەرتىپكە سېلىندى. ناھىيە بويىچە ئەڭ چوڭ سودا مەركىزى بولغان ئەندا سودا شەھەرچىسى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى. 2002-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىجتىمائىي ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 57مىليون 740مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 88مىليون 730مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن %16.8 ئاشتى.
--- شەھەر بازار قۇرۇلۇشى تېز بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاندى. ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق كوچا يوللىرىنى ئۇزارتىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭىنى كۆكەرتىش مەنزىرە بەلبىغىنىڭ 1-باسقۇچى ھەمدە شەھەر بازارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش-بۇلغىما سۇ چىقىرىش تورىنى كېڭەيتىش قاتارلىق شەھەر ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى ئىلگىرى-كىيىن تاماملىنىپ، 258مىڭ كۇۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا ئولتۇراق ئۆي يېڭىدىن سېلىندى. شەھەرنى يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش ۋە پاكىزەلەشتۈرۈش خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇلۇپ، «ئىشىك ئالدىدىكى ئۈچنى كۆتىرە بېرىش» مەسئۇلىيەت تۈزىمى چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، يېشىللىق كۆلىمى 46.3گېكتاردىن ئاشۇرۇلۇپ، 57.9گېكتارغا يەتكۈزۈلۈپ، كىشى بېشى ئاممىۋى يېشىللىق كۆلىمى 6.9كۋادرات مېتىردىن 8.14كۋادرات مېتىرغا كۆپەيتىلدى. كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئولتۇراق ئۆي كۆلىمى 21.94كۋادرات مېتىردىن ئاشۇرۇلۇپ 24.47كۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈلدى. شەھەرنى سۇ ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، بۇلغىما سۇ بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
--- ئىجتىمائىي ئىشلار يەنىمۇ تەرەققىي قىلدى. «ناھىيىنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ قېتىم ئەلا نەتىجە بىلەن دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئالغا بېسىشنى باھالىشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى باھالىشىدىن ئۆتتۇق. مائارىپنىڭ «ئىككى ئاساسەن» نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈپ، 9760نەپەر يېزا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىپ، 3846نەپەر نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىسىغا ھەقسىز كىتاپ-ماتىرىيال تارقىتىپ بېرىلىپ، 690نەپەر ئوقۇغۇچى نامرات ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولدى. مەكتەپلەرنىڭ سىنىپ ياتىقى ۋە خەتەرلىك ئۆيلىرىدىن 29مىڭ كۋادرات مېتىر يېڭىدىن سېلىندى ۋە ئۆزگەرتىلدى. داۋالاش سەھىيە خىزمىتى پۈتۈن گەۋدە بويىچە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا بازار دوختۇرخانىلىرىدىن 8 ى، كەنىتلەرنىڭ ئۆلچەملەشكەن داۋالاش ئۈيىدىن 17سى ئۆزگەرتىپ سېلىندى. نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرگە 1مىليون 200مىڭ يۈەن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلۈپ، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ سىياسەتكە ئۇيغۇن بولۇش نىسپىتى ۋە ئىستاتېستىكىنىڭ توغرىلىق نىسپىتى ئۆلچەمگە يېتىپ، 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە پىلانلىق تۇغۇت ئەلا مۇلازىمىتى ناھىيىسى دېگەن نامغا ئېرىشتۇق. رادىئو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىشلىرى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ھەممە يېزىلارغا يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە ئۇلاش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كۈنسېرى جانلىنىپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي يادىكارلىقلار خىزمىتىدىكى ئىلغار ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدانى» پائالىيىتىدىكى ئىلغار ناھىيە بولۇپ باھالاندۇق. ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، «ئىككىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىشتىن قالغان خادىملارنىڭ ئىشسىزلىق پۇلىنى ۋاقتىدا تارقىتىش ۋە ياشانغاندا بېقىنىش پۇلىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ تارقىتىش نىسپىتى بىردەك %100كە يەتتى. مۇھىت ئاسراش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، تۈرلۈك بۇلغىنىشلار ئۈنۈملۈك تۈزەلدى. يىمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك باشقۇرىشى قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىپ، بازار ئىقتىسادىي تەرتىۋى تۈزەلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئورتاق قۇرۇش پائالىيەتلىرى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى.
--- مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە دېموكراتىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى. ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست ۋە ناھىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مەنىۋىي ئورۇندىن جەمئىي 104ى، مەنىۋىي ئۈلگىلىك كۆرنەكتىن 2سى، مەنىۋىي يېزا بازاردىن ئۈچى بەرپا قىلىنىپ، داشى كەنتىگە دۆلەت تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت-بازار» دەپ نام بېرىلدى.سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلدۇق. ناھىيىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «4-بەش يىللىق» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپىقىيەتلىك تاماملىدۇق. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پاكلىق قۇرۇلۇشى، ساھە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىللار ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىندى.
--- ئىجتىمائىي سىياسىي ئومۇمىيلىق مۇقىم بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. پارتىيىنىڭ مىللەت سىياسىتى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيىسى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە قانۇنسىز جىنايى پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلدى. ئەرزىيەت خىزمىتى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىنىپ، زور بىر تۈركۈمدىكى ئىجتىمائىي قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋاقتىدا ھەل قىلىندى. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبىكتىۋىنىڭ مەسئۇليىتى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەخسۇس تەرتىپكە سېلىش كۈچەيتىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىپ، ئۇدا 4يىل ئوبلاست دەرىجىلىك ئىلغار ناھىيە بولۇپ باھالاندۇق.
--- ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلار يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىدى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، ناھىيىدە تۇرۇشلۇق تۈەن مەيدانلار «ئۈچ مەدەنىيلىك» قۇرۇلۇشىدا كىشىنى خوشاللاندۇرىدىغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، پۇل-مۇئامىلە، سۇغۇرتا، پوچتا-تېلگراف، ئېلىكتىر كۈچى، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق ئورۇنلار خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بەردى.
بەش يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتى بىزگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەجرىبە ۋە كۆرسەتمىلەرنى بەردى:
بىرىنچىدىن، ئوبلاستلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ناھىيىلىك پارتكوم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چوڭ-چوڭ ئىستىراتېگىيىلىك پۇرسەتلەرنى توغرا تونۇپ ۋە تۇتۇپ، بىرقاتار بۆسۈش خاراكتىرىگە ئىگە چوڭ-چوڭ پىكىر يوللىرى ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە بىزنى باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك سىياسەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ ۋە خىزمەتلەرگە مەدەت بېرىپ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجىن-سىياسەتلىرىنىڭ ناھىيىمىزدە ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشىگە، ناھىيىمىزنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش-تەرەققىياتنى تېزلىتىشنىڭ بىرىنچى شەرتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىدۇر. ھەرقانداق ۋاقىتتا تەرەققىيات چىڭ قائىدە، تەرەققىيات بولغاندىلا ئاندىن ئىلگىرلەش داۋامىدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، بىردەك ئىتتىپاقلىشىش ۋە پۇختا، ئىنچىكە خىزمەت ئىستىلى بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئاساسى ئالدىنقى شەرتى. ناھىيىدە ئىشلەپ ئىگىلىك يارىتىشتا بىر نىيەتكە كېلىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتە كۈچ بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئىتتىپاقلاشقان، كۆرەشچان ۋە ئەمەلىيەتچىل ئىستىلنى تولۇق نامايەن قىلدۇق.
تۆتىنچىدىن، خەلق ئاممىسنىڭ كۈچلۈك قوللاپ قۇۋەتلىشى-بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ كۈچ قۇدرەت مەنبەسى. تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىيىم-خەتەرنى يېڭىپ، ئىشلاردا ئۆزلۈكسىز ئۇتۇق قازىنىشتا چوقۇم كەڭ خەلق ئاممىسىغا تولۇق ئىشىنىشىمىز ۋە تايىنىشىمىز، چوقۇم كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوقۇم پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھەرمىللەت ھەرساھە ئاممىنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمان قىلدۇرىشىمىز كېرەك.
ۋەكىللەر، ئۆتكەنكى بەش يىل لوپنۇرنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى، ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجىتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ تېز بولغان، شەھەر يېزا قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەڭ چوڭ، ناھىيىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن تولۇق بەھرىمان بولغان، ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ئەڭ كۆپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن بەش يىل بولدى، شۇنداقلا لوپنۇرنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى بولغان تارىخىي مەزگىل بولدى، بىز قولغا كەلتۈرگەن ھەربىر نەتىجە، ئىلگىرلىگەن ھەربىر قەدەمنىڭ ھەممىسى ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيىلىك پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەممىسىدە ناھىيىدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، شۇنداقلا ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ نازارەتچىلىكى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇيەردە، مەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن ھەرقايسى سەپلەردە كۆرەش قىلىۋاتقان ھەرمىللەت ئىشچىلىرى، دېھقان-چارۋىچىلار، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشچى-خىزمەتچىلىرى، زىيالىلار ۋە كادىرلارغا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە گورۇھلار، پارتىيە-گورۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ناھىيىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىمنىڭ ئوفېتسىىر-ئەسكەرلىرى، خەلق ساقچىلىرى، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ قوللاپ ۋە ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەقىياتىدا يەنىلا سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىرقىسىم مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بىرىنچى، كەسىپ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىككىنچى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى تەكشىسىز بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدا يەنىلا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت؛ ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات تېخى تولۇق ماس ئەمەس، ئاممىۋىي مۇلازىمەت خەلق ئاممىسنىڭ ئېھتىياجىنى تېخى تولۇق قاندۇرالمايدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى يەنىلا بىرقەدەر چوڭ؛ تۆتىنچى، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا يېتىشىۋىلىپ ئېشىپ كېتىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازار ئىگىلىكى شارائىتى ئاستىدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
بۇندىن كىيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، كۆرەش نىشانى ۋە خىزمەت ۋەزىپىلىرى
بۇنىڭدىن كىيىنكى بەش يىلدىكى ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى: دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىدەك ياخشى ئىستراتېگىيىلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىدىيىدە ئازات بولۇپ، ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي ۋە ئىناق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا-ئىگىلىكىنى كەسىپلىشىشكە قاراپ يېتەكلەش، يېزىلارنىڭ شەھەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق ئاممىسنىڭ ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەنپەئەتىگە ئەڭ بىۋاستە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىش؛ «ئۈچ مەدەنىيلىك»قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دېموكراتىيە قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاش؛ ناھىيىدىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاۋام خەلق ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ھاللىق لوپنۇر، ئېكولوگىيىلىك لوپنۇر، ئامان لوپنۇر ۋە ئىناق لوپنۇر قۇرۇپ چىقىش.
بۇنىڭدىن كىيىنكى بەش يىلدىكى ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆرەش نىشانى: لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن %18 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى يىلىغا %18 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمىنى يىلىغا %15 ئاشۇرۇش؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنى يىلىغا 300يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇش؛ شەھەر بازارنىڭ تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسپىتىنى %3.9 ئىچىدە كونترول قىلىش؛ نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسپىتىنى ‰13 ئىچىدە كونترول قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇندىن كىيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرى تۆۋەندىكىچە:
يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. «بىر ئاساس ئىككى قانات»لىق يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز. پاختىنىڭ تۈۋرۈكلۈك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ناھىيىنىڭ پاختا تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمىنى 730مىڭ مو ئەتراپىدا كونترول قىلىپ، ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتنى 161كىلوگرامغا يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز. چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىك چارۋا قوتان قالدۇقىنى 410مىڭ تۇياققا يەتكۈزىمىز. باغ ئارقىلىق دېھقانلارنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا 200مىڭ مو كۆلەمدە ئورمان بەرپا قىلىپ، 250مىڭ مونى قاشالاپ پەرۋىش قىلىپ، نەشپۈت ئاساس قىلىنغان باغ ئورمان كۆلىمىنى 170مىڭ موغا يەتكۈزىمىز. ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە ۋە 3-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بېرىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ كوللىكتىپ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىمىز.
شەھەر يېزا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلايمىز. ناھىيىدىكى ئۈچ دەرىجىلىك ئۆستەڭ-ئېرىقلارنى سۇ سىڭمەشلەشتۈرۈشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، 470مىڭ مو ئېتىزنى يۇقۇرى ئۆلچەمدە تېجەشلىك سۇغۇرۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسى ئېتىزلارنىڭ قاپلىنىش نىسپىتىنى %85تىن ئارتۇققا يەتكۈزىمىز. 100مىڭ مو يەرنى تۈزەش تۈرىنى ئورۇنداپ، ناھىيىدىكى يۇقۇرى ھوسۇللۇق ئېتىزلارنىڭ نىسپىتىنى %35تىن كۆپرەككە يەتكۈزىمىز. يېزىلارنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىمىز. يېزا تاشيول تورىنىڭ قاپلىنىش نىسپىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەردە ئولتۇرغۇزۇشنى قولغا كەلتۈرىمىز. «ئۈچنى رەتلەش تۆتلەشتۈرۈش» مۇھىتىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئومۇمىي مۇھىت قىياپىتىنى كۆرىنەرلىك ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى پاكىز ئېنىرگىيەلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر بەلگىلەپ، پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىمالغا سۈرۈلۈش ئىستىراتېگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىتنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، 2010-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شەھەر رايونىدىكى خەتەرلىك كونا ئۆيلەر ۋە كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشنى قولغا كەلتۈرىمىز، شەھەر مەمۇريىتى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋىي ئۇل مۇھەسسەسەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ يېشىللىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «باغچىلاشقان شەھەر» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى تاماملايمىز.
كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ۋە 3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلىكىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىغا پايدىلىق بارلىق تەدبىرلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئېغىر يۈكنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئالدىن تەرەققىي قىلىپ، كورلا-لوپنۇر ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكلىرى بىر-بىرىنى تۇلۇقلاش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، بىرلىكتە ھەركەتلىنىپ تەڭ ئىلگىرلەشتەك تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىمىز. كەسىپ توپلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر ئەتراپىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەپ، لوپنۇرنىڭ كورلا-لوپنۇر رايۇنىدىكى قوشۇمچە مەركەزلىك ئورنىنى شەكىللەندۈرۈپ، لوپنۇرنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى رىقابەت كۈچى ۋە تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرىمىز.
سانائەت باغچا رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. كورلا-لوپنۇر ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ مول پاختا بايلىقى ۋە پاختا توقۇمچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ھازىرقى ئاساسى ۋە كۆلىمىگە تايىنىپ، «تايلاش-يىپ ئىگىرىش-رەخت توقۇش-بوياش»، «پاختا قىسقا تالاسى-پاختا بوتقىسى-شىلىملىق تالا»، «چىگىت-چەككىلەنگەن يىمىلىك ماي-ئېچىتىلغان ئاقسىللىق سىلوس-ئۆسۈملۈك ماي كېسىلاتاسى» دىن ئىبارەت ئۈچ كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پاختا قوقۇمىچىلىقى، ئۆزگىچە بايلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساس قىلىنغان كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرىمىز. شىلىملىق تالا تۈرىنى ياخشى پۇرسەت قىلىپ، بايلىق، باغچا رايونى ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈپ، شىنىغا سانائەت باغچا رايونىنىڭ تېزدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كەسىپلەر توپلاشقان، مەبلەغ مەركەزلەشكەن، بايلىق تۈجۈپىلەشكەن، ئۈنۈم مەركەزلەشكەن» ئۆزگىچە ئىقتىسادىي باغچا رايونى قۇرىمىز. كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بىرتۈركۈم بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە كانچىلىق قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى يۆلەيمىز.
ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرىمىز. بۇندىن كىيىنكى بەش يىلدا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ناھىيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، يۇقۇرىغا تاپشۇرۇلغان باج پۇلىنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى ۋە ئىشقا قۇبۇل قىلىشنىڭ شەھەر بازاردىكى بارلىق ئىشقا ئورۇشقانلار سانىدا ئىگىلىگەن نىسپىتىنى يىلمۇ-يىل ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. قۇملۇق توغراقلىقى ۋە لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتىنى ئاساسى تېما قىلغان سانائەت داڭدار ماركىسى ئوبرازىنى يارىتىمىز. نۇقتىلىق سەيلىگاھلارنى پىلانلاپ قۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرگە، سەھرا شاتلىقىنى ئاساسى شەكىل قىلغان سەھرا سەيلىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. زامانىۋىي ئوبوروت كەسپى ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازارنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قېلىپلىق ۋە تەرتىپلىك دېھقانچىلىق سودا بازىرى ۋە تۈرلۈك كەسپىي بازارلارنى پەيدىنپەي قۇرۇپ چىقىپ، 3-كەسىپنىڭ يۇقۇرى قاتلام ۋە يېڭى سەۋىيىگە قاراپ تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. «ناھىيىنى پەن-مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستىراتېگىيىسىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكىدا ئالغا باسقان ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىشنى تاماملاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە «شىنجاڭنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» تىكى ئىلغار كەنت-بازار بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرىمىز. «توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ناھىيىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملايمىز. ناھىيە مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسى، مەكتەپ شارائىتى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئوبلاستنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزىمىز. مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈپ، شەھەر يېزا جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. «ناھىيىدە ئۆلچەملىك مەدەنىيەت يۇرتى ۋە كۈتۈپخانا بولۇش، يېزا(بازار) دا ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى بولۇش، كەنىتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەتخانىسى، مەھەللىلەردە مەدەنىيەت تەنتەربىيە مەركىزى بولۇش» تەك ئۈچ دەرىجىلىك تورنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەنتەربىيىدە ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىمىز. رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سىملىق تېلېۋىزىيىنى سىفىرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيىدىكى بارلىك تەبىئىي كەنىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئاڭلىيالىشىغا كالاپەتلىك قىلىمىز. داۋالاش سەھىيە ئىشلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا بازارلىق دوختۇرخانىلار، كەنىت شىپاخانىلىرى ۋە مەھەللە شىپاخانىلرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. شەھەرنىڭ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە يېزا كەنت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قاپلىنىش نىسپىتىنى %100كە، يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتنىشىش نىسپىتىنى %95كە يەتكۈزىمىز. شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، شەھەر بازار ئىشچى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشى، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بىرگەۋدە قىلىنغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرىمىز. يىمەكلىك، دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، يىمەك-ئىچمەك ۋە دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پاكىزە ناھىيە بازىرى بەرپا قىلىمىز. پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇتتىكى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئەلا مۇلازىمىتى ناھىيىسى بەرپا قىلىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا يولۇققان كونكرېت قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيىنى تېجەش، خوراشنى ۋە بۇلغىمىنى ئازايتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىت تەسىرىگە باھا بېرىش، بۇلغىما چىقىرىشقا ئىجازەت قىلىش ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى «ئۈچنى تەڭ ئېلىپ بېرىش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتىىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىمىز، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇيۇقسىز كۆرۈلىدىغان ئاممىۋىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئامان لوپنۇر قۇرۇپ چىقىمىز. مەنىۋىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە دېموكراتىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «5-بەش يىللىق» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يولغا قويىمىز. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پاك-دىيانەتلىك، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىمىز.
2008-يىللىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر
لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 2مىليارد 540مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %18 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مالىيە كىرىمىنى 100مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ %16 ئاشۇرۇش؛ يەرلىكنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 540مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %18 ئاشۇرۇش؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمىنى 400يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. يۇقارقى نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىمىز.
1. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ، يېزا-ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز.
بىز مەۋقەنى ناھىيە ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، ئاممىۋىي مالىيىنىڭ يېزىلارغا قارىتىلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇل مۇھەسسەسەلەرنى يېزىلارغىچە كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى يېزىلاردىمۇ قاپلىتىپ، شەھەر مەدەنىيىتىنى يېزىلاغا تارىتىپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنى قۇرۇلۇش مېۋىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمان قىلدۇرىمىز.
--- يېزا-ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەپ، يېزا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تېز تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. كۆلەمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەننەرخنى ئازايتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتەك پىكىر يولى بويىچە، بىڭتۈەننىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۈگىنىپ، كېۋەز ئۇرۇقى بازىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاختا سورتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقۇرى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش، تۇپراقنى ئۆلچەپ ئۇغۇت بېرىش، قوش يوپۇقتا ئوراش، مىقدارلاشتۇرۇپ تېرىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىمىز ۋە ئومۇملاشتۇرىمىز. 2008-يىلى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 580مىڭ مو ئەتراپىدا تۇراقلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى 1مىليون 650مىڭ دەندىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. ھايۋاناتلاردىكى چوڭ يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش، ئوت-چۆپ، يەم-خەشەك ۋە نەسلىنى ياخشىلاشتەك ئۈچ خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، چارۋىچىلىقتىكى قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى كەڭ قوللۇنۇپ، ناھىيە، يېزا ۋە كەنىتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھايۋانات يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېستىمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. 2008-يىلى سۈنئىي ئۇسۇلدا 10مىڭ مو ئوت-چۆپ تېرىپ، 1مىليون 500مىڭ مو يايلاقنى ئۆزگەرتىمىز. 3يېزا بازارلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتى، بىر مەركىزىي مال دوختۇرخانا ۋە بىر ئۆي قۇشلىرى قۇشخانىسىنىڭ ئۇل مۇھەسسەسە قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 26مىڭ تۇياق چارۋىنىڭ نەسلىنى ياخشىلايمىز. چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە باقمىچىلىق ئائىلىسىدىن 30غا يار يۆلەك بولىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يىل ئاخىرىدىكى تىرىك چارۋا قوتان قالدۇقىنى 370مىڭ تۇياققا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. چارۋا مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرىمىز. لوپنۇر شىمالىي ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمىنى نەشپۈت بازىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپلىك قۇرۇلۇش قىلىپ، پىلان رايونى ئىچىدىكى ئېلىكتىر كۈچى، ماتورلۇق قۇدۇق، ئۆستەڭ سېستىمىسى، تاشيول قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. لوپنۇر شىمالىي رايونىنى بايىنغولىننىڭ 1مىليون مولۇق نەشپۈت بازىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى قىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ، ناھىيە بازىرى ۋە كورلا-لوپنۇر يېڭى رايونىنى قوغداپ تۇرىدىغان يېشىل توساققا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرىمىز. لوپنۇر شىمالىي ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمىنى نەشپۈت بازىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، شارائىتى ۋە ئاساسى بار دېھقانلارنى نەشپۈت ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ ۋە پائال مەدەت بېرىپ، ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى مۇقىم قەدەمدە كېڭەيتىپ، كۆنچى دەرياسى ۋادىسى ۋە شىنىغا رايونىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ ۋە يېتەكلەپ، رايونلاشقان، كۆلەملەشكەن ۋە ئۆلچەملەشكەن باغۋەنچىلىك بازىسى شەكىللەندۈرىمىز. يېشىل كارىدور، ئېتىز-ئېرىقلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە تورى سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنىنىڭ قاشالاپ پەرۋىش قىلىش، قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تېزگىنلەش، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى بىناملىقنى قوغداش قاتارلىق ئورمانچىلىق تۈرلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا يېڭىدىن ياسالغان يېزا تاشيوللىرىنى كۆكەرتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاپ، يېزا تاشيوللىرىنى «ئورمان بىلەن سايە تاشلىنىپ تۇرىدىغان» قىلىمىز. 2008-يىلى سۈنئىي ئۇسۇلدا 30مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىش پىلانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە باغ 25مىڭ مو، ئىھاتە ئورمان 5000مىڭ مو بولۇپ، 57مىڭ مو مېۋىلىك دەرەخنى چاداش ۋە 15مىڭ مو دولى كۆچىتىنى ئۇلاش خىزمىتىنى تاماملايمىز.
--- يېزىلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز. تارىم سۇ ئامبىرى سۇغىرىش رايونىنىڭ باش ۋە ئاياق ئېقىنىدىكى سۇغىرىش رايونىنىڭ دائىملىق سۇ تىجەش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، مىرسالى غول ئۆستىڭى، خورجا غول ئۆستىڭى، چوڭكۆل غول ئۆستىڭى، تاتلىق غول ئۆستىڭى، ئاقياسىق غول ئۆستىڭىنىڭ دائىملىق سۇ تىجەش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى؛ ئاقسۇپى چاتما ئۆستىڭىنىڭ دائىملىق سۇ تىجەش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە ئوسمان دەرياسىنى تىزگىنلەش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلىتىش خىزمىتىنى تاماملاشنى قولغا كەلتۈرىمىز. كېۋەزنىڭ يۇقۇرى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى 150مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، 350يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش ئىمارىتى ياساپ، يېڭىدىن 50كىلومېتىر زەيلىك چېپىپ، ئۆستەڭ ۋە زەيلىكتىن 500كىلومېتىرنى رېمونت قىلىپ، 80كۆز ماتورلۇق قۇدۇق قازىمىز. يەر ئاستى سۈيىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سۇغىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىمىز. كىچىك تىپتىكى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى پەيدىنپەي ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، كورلىدىن لوپنۇرغا سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشنىڭ قاپلاش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، 2008-يىلى شىڭ پىڭ يېزىسى، لوپنۇر بازىرى، تارىم يېزىسى، گۈلباغ يېزىسى ھەمدە ئىتتىپاق يېزىسى قاتارلىق يېزا(بازار) لاردىكى 10كەنىتنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز. قارچۇغىنى قاشالاپ پەرۋىش قىلىپ باشقا جايغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشكە پائال ماسلىشىپ، قارچۇغا يېڭى كەنتىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. گۈلباغ يېزىسى، ئىتتىپاق يېزىسى، شىڭ پىڭ يېزىسىنىڭ يەرلىرىنى تۈزەش تۈرىنى تاماملاپ، ئوتتۇرا تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ، ئېتىزلارنىڭ شورلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈرىمىز. ناھىيە يېزا يوللىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كەنت يوللىرىنىڭ زىچلىقى، دەرىجىسى ۋە تۇتاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا بازارلىق يولۇچىلار بېكىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. ناھىيە، يېزا ۋە كەنت ئۈچ دەرىجىلىكنىڭ كۈچىنى قوزغاپ، يېزا يوللىرىنى باشقۇرۇش ئاسراش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. 2008-يىلى 150كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسايمىز، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم يېزا تاشيولى 10كىلومېتىر، كەنىتلەرگىچە تۇتاشتۇرىلىدىغان يول 50كىلومېتىر، تۇتاشتۇرۇش تۈرى ۋە كۆنچى دەرياسى 3-كۆۋرۈكى قۇرۇلىشىنى نۇقتىلىق تاماملاپ، لوپنۇر شىمالىي ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمان بازىسىنىڭ ئايرىم يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزىمىز. «ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش، كۆپ تەرەپلەردىن سېلىنما سېلىش، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەش» پىرىنسىپى بويىچە، ناھىيىدىكى كەنت مەھەللىلەرنىڭ پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، پىلان بويىچە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيدىن 1500ئائىلىكنى يېڭىدىن پۈتكۈزۈپ، كەنىتلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئىلگىرىكى «يېڭى ئۆيلا بولۇپ، يېڭى كەنت بولماسلىق» ھالىتىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتىمىز. ھەربىر يېزا بازارنىڭ ئىككىدىن ئۈچكىچە «ئۈچنى رەتلەپ تۆتلەشتۈرۈش» سىناق نۇقتا كەنتىنى تۇتۇشقا مەدەت بېرىپ، كېڭەيتىش كۆلىمىنى پەيدىنپەي زورايتىمىز. يېزىلارنىڭ ئېلىكتىر كۈچى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، گۈلباغ يېزىسى ۋە تارىم يېزىسىنىڭ 35مىڭ ۋولتلۇق ترانسىفورماتور قۇرۇلۇشى ۋە لوپنۇر شىمالىي ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمىنى بازىسىنىڭ ترانسىفورماتور پونكىتىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز.
--- دۆلەت يېزا-ئىگىلىك مېنىستىرلىكى ۋە ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، داشى تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز. تەجرىبە رايونىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تەجرىبە رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى تېزلىتىپ، تەجرىبە رايونى ئىچىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسى ۋە بېيىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەجرىبە رايونىدىكى كەنىتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىمىز. تەجرىبە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، نۇقتا ئارقىلىق كۆلەمنى يېتەكلەپ، ناھىيە تەۋەلىكىدە پەيدىنپەي كېڭەيتىمىز.
--- دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ شەھەر يېزا ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا مەدەت بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، يېزا ياشلىرىنىڭ كەسىپ-تېخنىكا بىلەن تەربىيلىنىشنى كۈچەيتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەمگەك كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يېزا-ئىگىلىكتىن باشقا كىرىمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
2. كورلا-لوپنۇرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى يېتەكلەيمىز.
سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش، ئورتاقلاشقان ئاساسى ئاممىۋىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولۇش تەلىپى بويىچە، سانائەت باغچا رايونىنى پىلانلاش ۋە بىرىكتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كورلا-لوپنۇر يېڭى رايونىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى بىرىكتۈرۈش ۋە پاختا يۈرۈشلۈك پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىنى كىرگۈزۈپ بىرلەشتۈرۈشنى ھەمدە كورلا-لوپنۇر يېڭى رايونىنىڭ 2-باسقۇچىنى ئۇلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كورلا-لوپنۇر يېڭى رايونىنىڭ مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە رادىئاتىسىيەلىك يېتەكلىشىگە تايىنىپ، باغچا رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە شەكىللىنىپ بولغان سىغدۇرۇش ئىقتىدارىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، باغچا رايونىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، سېلىنما سەرپىياتى توپلاشقان ئورۇن ۋە تۈرلەر زىچ يىغىلغان ئورۇنغا ئايلاندۇرىمىز.
--- كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز. 240مىڭ توننىلىق شىلىملىق تالا تۈرى، بۇيا فىلاۋونى تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ 2-،3-باسقۇچى، مېتائامىن تۇزى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، چىگە پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلرىنىڭ كاپالىتىنى قايتىدىن تەشكىللەشنى ياخشى ئىشلەيمىز. سۈپەتلىك ئۆزگىچە يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، مېۋە كۆكتاتلارنى يېڭى پېتىچە ساقلاش كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز.
--- سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىمىز. ئەڭ جەلىپكار، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ يۇقۇرى كەسىپلەر ۋە ئەڭ ياخشى تۈرلەر، ئەڭ ياخشى يەر بۆلىكى، ئەڭ ياخشى بايلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ كورلا-لوپنۇر بىرلىشىپ سودىگەر چاقىرىمىز. سودىگەرلەرنى قارشى ئالىدىغان، ئۇلارغا دوستانە بولىدىغان، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋە ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان مۇھىتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز. ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار كارخانا گورۇھلىرىنى شىڭدى تېغى رايونىنىڭ كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ ئېچىشقا جەلىپ قىلىپ، كان مەھسۇلاتلىرىنى قېدىرىپ ئېچىش مۇددىئانامىسى ھاسىل بولغان تۈرلەرگە پائال ئەگىشىمىز. زۈلۈك تاش، نېفىت-گاز قېدىرىپ ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، زاپاس مالىيە بايلىقلىرىنى يىتىلدۈرىمىز. ئىلمىي پىلانلاش، مۇۋاپىق ئېچىش، تۈجۈپىلەپ پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى ئېچىشنى توسۇپ، كان بايلىقلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىش بىلەن ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.
--- «ئېچىۋىتىش، قويىۋېتىش، جانلاندۇرۇش» ۋە «باراۋەر، ئادىل بولۇش، رىقابەتلىشىش» پىرىنسىپى بويىچە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىمىز. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتالنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە، جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ساھەسىگە كىرىشىگە يەنىمۇ مەدەت بېرىپ، پۇقراۋى مەبلەخنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق كارخانا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللەشكە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، پۇقراۋى سېلىنمىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىمىز.
يەرلىك بىلەن يېزا-ئىگىلىك 2-دېۋېزىيىسىنىڭ ناھىيىدە تۇرۇشلۇق تۈەن مەيدانلىرى ۋە ناھىيىدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى ئورۇنلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك، نېفىتلىك بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە تەۋەلىكىدىكى ھەر تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەلىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.
3.ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، 3-كەسىپنى زورايتىمىز.
لوپنۇرلۇقلار كەنتى، ئىپتىدائىي توغراق ئېكولوگىيە باغچىسى، سۆگەت بۇلاق كۆلى ئارامگاھى، توغراق ھەيكەل باغچىسى، لوپنۇر كۆلى يارداڭلىقى قاتارلىق سەيلىگاھلار قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىمىز، ھەمدە «داشى سەھرا سەيلىسى» ساياھەت بەلبىغى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. لوپنۇر مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، «قۇملۇق توغراقلىقى، لوپنۇرلۇقلار» ئاساسى تېما قىلىنغان ساياھەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىمىز. يېڭىچە ساياھەت تۈرلىرى ۋە يەرلىك ئۆزگىچىلىككە باي ساياھەت خاتىرە بويۇملىرىنى لايىھىلەپ، ئېچىپ ۋە چىقىرىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت ئىچكى ئۇقۇمىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىمىز. ساياھەت بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىدىن 300مىڭ ئادەم قېتىم كۈتىۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتە 18مىليون يۈەن كىرىم قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.
يىمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش مۇلازىمەت كەسپى ۋە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى سېستىمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆمۈر، دېھقانچىلىق ئەشيالىرى، رېمونت ۋە قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى قاتارلىق بىرتۈركۈم مەخسۇس بازارلارنى پىلانلاپ قۇرۇپ، سودا ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى يەنىمۇ روناق تاپقۇزىمىز. يېزىلارنىڭ ھەرخىل كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، ۋاستىچىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقان- چارۋىچى ۋاستىچىلار قوشۇنىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ ۋە قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ياخشىلاپ، كىچىك كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن چوڭ بازارنىڭ زىدىيىتىنى ياخشى ھەل قىلىمىز.
4.شەھەر بازار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلايمىز.
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچىلاشقان ناھىيە بازىرى بەرپا قىلىمىز. پىلانلاشنى باشلامچى، مۇھىتنى ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا، شەھەر باشقۇرۇشىنى ۋاستە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر» نى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شەھەر يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر رايونىدىكى كونا كوچىلارنى ئۆزگەرتىپ، مەھەللە يوللىرىنى قارامايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر بازار پىلانىنى تۈزۈش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر پىلانىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرىمىز. شەھەر رايونىنىڭ تەپسىلىي پىلانىنى تۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2008-يىلى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، باغۋارانلاشتۇرۇپ كۆكەرتىش، ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش قاتارلىق مەخسۇس پىلانلارنى تاماملايمىز. ئىتتىپاق يولى، قۇرۇلۇش يولى، تىنىچلىق يولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ يوللىرى، كوچا يوللىرىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويىمىز. يىنخۇا ئولتۇراق رايونىنىڭ تاۋار ئۆي ۋە ئەرزان ئەپچىل ئۆي قۇرۇلۇشنى تاماملايمىز. ئىتتىپاق يولىنىڭ سۇ چىقىرىش تۇرۇببا تورىنى ئۆزگەرتىش، مەركەزلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇببا تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە شەھەر رايونىنىڭ ئەخلەتلىرىنى يىغىش پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدارىنى پەيدىنپەي ياخشىلايمىز. يىنخۇا ئولتۇراق رايونىنىڭ كۆكەرتىپ يۈرۈشلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باغچىلاشقان ئولتۇراق رايۇنغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىمىز. شىڭ پىڭ ئۆستىڭى كۆكەرتىلگەن مەنزىرە بەلبىغىنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، باغۋارانلاشقان مەنزىرلىك كوچا-يوللار قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يوللارنىڭ كۆكەرتىلگەن بەلبىغىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دەل-دەرەخ، سۇغىرىش، گۈل-گىياھ، چىملىقلارنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ، دۆلەت يولى 218-لىنىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ ئىككى تەرىپىنى كۆكەرتىپ دەرەخ تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتىمىز. كۆچەتلىك ۋە گۈللۈك بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىلمۇ-خىل دەل-دەرەخلەر ۋە گۈل-گىياھ سورتلىرىنى يىتىشتۈرۈپ، كۆكەرتىلىش قاتلىمىنى ئۆستۈرىمىز. ئىشىك ئالدىدىكى «ئۈچنى كۆتىرە بېرىش» مەسئۇلىيەت تۈزىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇرتنى گۈزەللەشتۈرۈش ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىش، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇليىتى بولۇش ۋە ھەممە ئادەم قاتنىشىشتەك مۇھىت تازلىقىنى باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانون بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر رايونىنىڭ كۆكەرتىلىش، پاكىزەلەشتۈرۈش، يورۇتۇش ۋە كۆركەملەشتۈرۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر قىياپىتى پاكىزە، تۇرالغۇ مۇھىتى گۈزەل، ئاھالىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرىشى مەدەنىي بولۇشتەك يېڭى ھالەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.
شەھەر رايونىدىكى كونا خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى مۇقىم قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، بىرقەدەر مۇۋاپىق بولغان تۇرالغۇ كاپالەت سېستىمىسىنى پائال شەكىللەندۈرىمىز. شەھەر بازارنىڭ ئەرزان ئىجارە ئۆي تۈزىمىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىيات پىلانى، خىزمەت پىلانى ۋە يولغا قويۇش لايىھىسى تۈزۈپ، ئەرزان ئىجارە ئۆي كاپالىتى مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىمىز، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەرزان ئىجارە ئۆي ياردىمى ئىلتىماس قىلغان شەھەر تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تىگىشلىكلىرىنى ئاساسەن كاپالەتلەندۈرۈشنى قولغا كەلتۈرىمىز. تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى تۇرالغۇلارنى ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرىشىغا، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئىجارىگە بېرىشىگە مەدەت بېرىپ، شەھەر بازاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي قىيىنچىلىقى مەسىلىسىنى پەيدىنپەي ھەل قىلىمىز.
5. مالىيە-باج باشقۇرىشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەرەققىياتىنى مالىيە كۈچى مەدىتى بىلەن تەمىن ئېتىمىز.
«نۇقتىلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئادەتتىكىلرىنى قىسقارتىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاممىۋىي مالىيە فونكىسىيىسىنى كۈچەيتىپ، مالىيە تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت غەزىنىسىدىن مەركەزلىك چىقىم قىلىش ۋە يېزا مالىيىسىنى ناھىيە باشقۇرۇپ يېزا ئىشلىتىش، كەنت مالىيىسىنى يېزا باشقۇرۇپ كەنت ئىشلىتىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مالىيە ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ھۆكۈمەتتىن سېتىۋېلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش چىقىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تىزگىنلەيمىز. باج كىرىمىنى يىغىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى باج مەنبەئەلىرىنى تىرىشىپ يىتىلدۈرىمىز. دۆلەتنىڭ كەسىپلەر سىياسىتى ۋە مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈر قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىمىز. پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتىنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بانكا بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ تەييارلاش ئىناۋەتلىك سەھنىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەبلىغى ئېھتىياجى يوللىرىنى راۋانلاشتۇرىمىز.
6. خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز.
مائارىپنىڭ «ئىككى ئاساسەن» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كادىرلار تۈزىمى ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرىمىز. ئوقۇتۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، بولۇپمۇ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز. ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشىنى كۆپ خىل يوللار ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يولغا قويۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى قۇبۇل قىلىشىغا يار-يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مەبلەغ تەييارلاپ، ئاپتونوم رايون ئىچى سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىنغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلى ياردىمى بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقىيالىشىغا كالاپەتلىك قىلىمىز.
پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئالغا بېسىش نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېزا بازار ۋە ساھەلەرنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا ئالغا بېسىشنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتىمىز. پەن-تېخنىكا ئالاھىدە ۋەكالەتچىلىك تۈزۈمى ۋە «ئاپتونوم رايون بويىچە پەن-تېخنىكىدا ئالغا باسقان يېزا(بازار)» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاساسىي قاتلام ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى جىددىي ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەرگە داۋاملىق يۈزلىنىپ، «نىمە قىلسا شۇنى ئۈگىنىش، نىمە كام بولسا شۇنى ئۈگىتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «يېڭىچە دېھقان-چارۋىچىلارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى»،«يېشىل گۇۋاھنامە قۇرۇلۇشى» ۋە «پەن-تېخنىكا قىشلىقى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىلار ۋە يېڭى يۇقۇرى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش، سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تەربىيلەش ۋە كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.
مەدەنىيەت-تەنتەربىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت تورىنى قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پونكىتلىرىنىڭ «ئۈچ مەيدان» قۇرۇلۇشى ۋە ئىككى يېزا بازارنىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مول مەزمۇنلۇق ئاممىۋىي مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تەنتەربىيىدە ئىلغار ناھىيە بەرپا قىلىمىز. مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش خىزمىتىنى ھەمدە لوپنۇر مەدەنىيىتىنى قېزىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، لوپنۇر مەدەنىيىتىنى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش تۈرى قىلىپ ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي، خەلق مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋىي مەھسۇلاتلارنى يارىتىشقا مەدەت بېرىمىز. تورخانا قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى ساپلاشتۇرىمىز. رادىئو-تېلېۋىزىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ يۇقۇرى سۈپەت بىلەن يېزا بازارلارنى قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۆزىمىز تەييارلىغان پروگراممىلارنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ناھىيىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىلگىرلەشلەرنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىپ، نۇمۇرلارنى نەپىسلەشتۈرۈپ، سەھىپىلەرنى داڭدارلاشتۇرۇپ، ئاخبارات تەشۋىقات خەۋىرى سۈپىتى ۋە جامائەت پىكرىنىڭ يېتەكلەش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز.
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت ئەلا مۇلازىمەت ناھىيىسى بەرپا قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلام پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز.
ناھىيە، يېزا ۋە كەنىتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش سەھىيە تورىنىڭ فونكىسىيىسىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش سۇغۇرتا مۇلازىمىتى سېستىمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز. ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبولاتورىيە، بالنىست ئۇنىۋېرسال بىناسى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ناھىيلىك دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش قاتتىق دېتال سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز. يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، قاپلىنىش نىسپىتىنى %90تىن ئارتۇققا يەتكۈزۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن ۋە قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى پەيدىنپەي ھەل قىلىمىز. ناھىيە ۋە يېزىلىق دوختۇرخانىلارغا بولغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تۇيۇقسىز كۆرىلىدىغان ئاممىۋىي سەھىيە ھادىسىلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىك كېسەللىكلەر ۋە چوڭ-چوڭ يۇقۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يود كەملىك كېسىلىنى ئاساسەن تۈگىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. يىمەكلىك، دورا بويۇم نازارەتچىلىك تەكشۈرىشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ ھەرخىل قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. پۈتكۈل جەمئىيەت ھەركەتكە كېلىپ، ئاۋام خەلق ھەركەتلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازلىق ھەركىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تازلىقتا ئەڭ ياخشى ناھىيە بازىرى» بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي تەربىيلەش ۋە ئىگىلىك يارىتىش بويىچە تەربىيلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئىش ئورنىدىن 850نى كۆپەيتىپ، شەھەر بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلاردىن 795نى قۇبۇل قىلىمىز. شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا بېقىنىش، داۋالاش، ئىشسىزلىق، ئىش ئۈستىدە يارلىنىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجىتىمائىي كاپالەتنىڭ قاپلىنىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاجىز ئاممىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيىسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، ھەركەتچان باشقۇرۇش ئاستىدا كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش سېستىمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي ياردەم، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئېتىبار بېرىپ يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا بازارلىق ساناتورىيەلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ناھىيىلىك ساناتورىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزىمىز. ياشانغانلار ئىشلىرى، ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرى، مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىمىز.
مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز. قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش تۈزىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مۇھىت تەكشۈرۈشى ۋە قانۇن ئىجرا سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىمىز. «ئېنېرگىيىنى تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش» نىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تۈمەن يۈەنلىك GDP ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ ئۆلچەملىك كۆمۈرگە سۇندۇرۇلغان نىسپىتىنى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4.6 ئازايتىمىز.
ئامان لوپنۇر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلايمىز. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامانلىق ئالدىنى ئېلىش سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ ھەرخىل جىنايى پائالىيەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىمىز. قاراتمىلىقى بار ھالدا كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيىۋى سىياسىي ۋە قانۇن تۈزۈم تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەيمىز. پارتىيىنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق تەربىيىسىنى ياخشى تۇتىمىز. زىدىيەت ۋە تالاش-تارتىشنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت تەرتىپىنى قوغداپ، ئەرزىيەت مەسئۇليىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىدىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدىلا تۈگىتىشكە تىرىشىمىز.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يول، خەتەرلىك خېمىيىلىك بويۇملار، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ۋە ئادەملەر توپلاشقان سورۇنلارنى تەرتىپكە سېلىشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، چوڭ-چوڭ خەتەر مەنبەئەلىرى ۋە چوڭ-چوڭ ھادىسە خەۋپلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنى جىددىي بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز.
«5-بەش يىللىق» قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋام خەلقنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرىمىز. بازار ئىقتىسادىي تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، ھەرخىل شەكىلدىكى قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىمىز.
ھەرخىل شەكىلدىكى مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشلىرىنى قەتئىي ئايانماستىن قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىي ئورۇن ۋە مەدەنىي كۆزنەك بەرپا قىلىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە «ھەممە كىشى ھەركەتكە كېلىپ، ھەممە ئادەم قاتنىشىپ، يۇرتىمىزنى سۆيۈپ، لوپنۇرنى قۇرايلى» دېگەن ياخشى خىسلەتنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىمىز. ئېنىق ۋە ئايدىڭ بولغان مەدەنىي ھەرىكەت ئۆلچىمى تۇرغۇزۇپ، مۇھىمى چىڭ تۇرۇش، قىممەتلىك بولغىنى يىتىلدۈرۈشتەك پىرىنسىپ بويىچە، تەشۋىقات، تەربىيە ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، ناھىيىدە ياخشى مەدەنىي كەيپىياتنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرىمىز.
7. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.
تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە ئارقىلىق ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. چوڭ-چوڭ تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇتەخەسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش ۋە ھۆكۈمەت تەدبىر بەلگىلەش ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن مەمۇرىيەت مېخانىزىمى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە دېموكراتىيەلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىمىز ۋە مەمۇرىيەتنى دېموكراتىك يۈرگۈزىمىز. ئاساسى قاتلام دېموكراتىيىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىمىز.
مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. خەلق ئۈچۈن پاك-دىيانەتلىك ئىشلەش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق تۈردە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسنى ھەل قىلىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم قىسىمى قىلىمىز.
قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. «مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىش بىجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرىمىز. ئېلىكترونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. ھەركىتى قېلىپلىق، ئايلىنىشى ماسلاشقان ۋە ئادىل ئاشكارا بولغان مەمۇرىي باشقۇرۇش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھۆكۈمەت سېستىمىسىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى مەنبەئەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ تۈرلۈك ھەركەتلەرنى قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىمىز.
ۋەكىللەر، لوپنۇرنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي نۇقتىدا تۇرۋاتىدۇ. ئىشلىرىمىزدا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، ۋەزىپىلىرىمىز شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل، كۆرەش جاپالىق بولۇپ، بىزگە يېڭى ئۈمىدلەرنى بېغىشلايدۇ. بىز ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتكە كېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، ھاللىق لوپنۇر، ئېكولوگىيىلىك لوپنۇر، ئامان لوپنۇر ۋە ئىناق لوپنۇر قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، لوپنۇردىن ئىبارەت ئۈمىدكە تولغان بۇ زېمىندا خەلقنى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلايلى!