对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
لوپنۇر ناھىيىسىدە 2009-يىلى يولغا قۇيۇلغان 27 تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشلار
كىلىش مەنبەسى : لوپنۇر  ناھىيىلىك  خەلق  ھۆكۈمىتى       ۋاقتى : 09.01.15    يوقلىنىش قېتىم سانى :

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھيىلىك پارتكوم، لوپنۇر ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ ئۆي، شەھەر-بازار ئۇل مۇئەسەسسە، ئىجتىمائى پاراۋانلىق قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەبلەغنى ئۆزلىكسىز زورايتتى. 2006-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى بىر تۈركۈم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسۋەتلىك بولغان ئەلرايى قۇرۇلىشىنى بېكىتتى، تۆت يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يولغان قويغان 76تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى (2006-يىلى10تۈرلۈك، 2007-يىلى16تۈرلۈك، 2008-يىلى24تۈرلۈك، 2009-يىلى26تۈرلۈك)، مائارىپ-سەھىيە، يېزا-كەنت تاشيولى، ئېتىز-ئىرىق سۇ قۇرۇلۇشى، شەھەر ئاساسىي مۇئەسەسىسە قۇرۇلۇشى، كورلىدىن لوپنۇرغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، تەبىئىي گاز، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر كاپالەت ئۆيى ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىشلىق، ھەمدە بۇ ئەلرايى قۇرلۇشى يىل بېشىدا پۈتۈن ناھىيە خەلقىگە ئاشكارە ۋەدە بىرىپ، مەسئۇل رەھبەر مەسئۇل ئورۇننى ئىنىق بەلگىلەپ، ئاخىرغىچە بىر قوللۇق تۇتۇپ، شەھەر قىياپىتىكۆرۈنەرلىك كۆركەملەشتۈرلۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنشلار بولۇپ،  ناھيىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممسىنى ھەققى پايدا ۋە ئەمەلىي نەپكە ئىرىشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ مىۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلدۇرلدى.

 

لوپنۇر ناھىيسىنىڭ 2009-يىللىق 27تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى

 

(1) شەھەر قۇرۇلۇشى قىسمى

1. شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى3-مەزگىللىك قۇرۇلۇش

2. مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى

3. شەھەر-بازارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى

4. ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ياتاق قۇرلۇشى

5. ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئىشخانا ۋە ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشى

6.شەھەر بازار ئۇل مۇئەسەسىسە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى

7.شەھەر رايۇنى تاشيول قۇرۇلۇشى

8.ئەندا سودا شەھەرچىسى قۇرۇلۇشى

9.سىفىرلىق تېلېۋۇزۇر قۇرۇلۇشى

(2) تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى قىسىمى

10.يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنى قۇرۇلۇشى

11. 6-ئولتۇراق رايۇنى312ئائىلىلىك ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى

12. 240 ئائىلىلىك شەھەر تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ئولتۇراق ئۆي كاپالەت قۇرۇلۇشى

13. 4-ئولتۇراق رايۇنى258ئائىلىلىك  كادىرلار ئىككنچى يۈرۈش لىفىتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى

(3) مائارىپ-سەھىيە قىسمى

 14. ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى

15. ناھىيىلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشى

16. ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنھەركەت مەيدانى قۇرۇلۇشى

17. ناھىيىلىك كەسپى مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قۇرۇلۇشى

18. ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى ۋە ئوقوغۇچىلار ياتاق بىناسى

19. ئالتە يېزا-بازار مەكتەپنىڭ يېڭدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى

20. ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئونۋېرىسال ئامبۇلاتۇرىيە قۇرۇلۇشى

21. ئالتە يېزا-بازارلىق شىپاخانىنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەتىپ قورۇش قۇرلۇشى

(4)يېزا-ئىگىلىك يېزا قىسمى

22. لوپنۇرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى30مىڭ مو ئىقتىسادى ئىھاتە ئورمان ۋە لوپنۇر يىشىل كارىدۇر قۇرۇلىشى

23. 150مىڭ مو كېۋەزنى يۇقۇى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى

24. يېزا-بازار،كەنت (رايۇن) ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشى

(5) يېزا-كەنت تاشيولى

25. تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان يولىنى ئۆزگەرتىش يولى

26. كۆنچى دەرياسى 3-كۆۋرۈكنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇش قۇرۇلۇشى

27. يېزا كەنت تاشيولى قۇرۇلىشى

لوپنۇر ناھىيسىنىڭ 2009-يىللىق 27تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشىنىڭ قىسقچە چۈشەندۈرلىشى

 

 

 

ج ك پ لوپنۇر ناھىيىلىك كومۇتېتى

لوپنۇر ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى

ئەل رايى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ قەلبىنى ئىلىتتى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھيىلىك پارتكوم، لوپنۇر ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىلمىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ ئۆي، شەھەر-بازار ئۇل مۇئەسەسسە، ئىجتىمائى پاراۋانلىق قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەبلەغنى ئۆزلىكسىز زورايتتى. 2006-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى بىر تۈركۈم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسۋەتلىك بولغان ئەلرايى قۇرۇلىشىنى بېكىتتى، تۆت يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يولغان قويغان 76تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى (2006-يىلى10تۈرلۈك، 2007-يىلى16تۈرلۈك، 2008-يىلى24تۈرلۈك، 2009-يىلى26تۈرلۈك)، مائارىپ-سەھىيە، يېزا-كەنت تاشيولى، ئېتىز-ئىرىق سۇ قۇرۇلۇشى، شەھەر ئاساسىي مۇئەسەسىسە قۇرۇلۇشى، كورلىدىن لوپنۇرغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، تەبىئىي گاز، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر كاپالەت ئۆيى ۋە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىشلىق، ھەمدە بۇ ئەلرايى قۇرلۇشى يىل بېشىدا پۈتۈن ناھىيە خەلقىگە ئاشكارە ۋەدە بىرىپ، مەسئۇل رەھبەر مەسئۇل ئورۇننى ئىنىق بەلگىلەپ، ئاخىرغىچە بىر قوللۇق تۇتۇپ، شەھەر قىياپىتىكۆرۈنەرلىك كۆركەملەشتۈرلۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنشلار بولۇپ،  ناھيىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممسىنى ھەققى پايدا ۋە ئەمەلىي نەپكە ئىرىشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ مىۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلدۇرلدى.

 

لوپنۇر ناھىيسىنىڭ 2009-يىللىق 27تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشى

 

(1) شەھەر قۇرۇلۇشى قىسمى

1. شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى3-مەزگىللىك قۇرۇلۇش

2. مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى

3. شەھەر-بازارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى

4. ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ياتاق قۇرلۇشى

5. ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئىشخانا ۋە ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشى

6.شەھەر بازار ئۇل مۇئەسەسىسە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى

7.شەھەر رايۇنى تاشيول قۇرۇلۇشى

8.ئەندا سودا شەھەرچىسى قۇرۇلۇشى

9.سىفىرلىق تېلېۋۇزۇر قۇرۇلۇشى

(2) تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى قىسىمى

10.يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنى قۇرۇلۇشى

11. 6-ئولتۇراق رايۇنى312ئائىلىلىك ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى

12. 240 ئائىلىلىك شەھەر تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ئولتۇراق ئۆي كاپالەت قۇرۇلۇشى

13. 4-ئولتۇراق رايۇنى258ئائىلىلىك  كادىرلار ئىككنچى يۈرۈش لىفىتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى

(3) مائارىپ-سەھىيە قىسمى

 14. ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى

15. ناھىيىلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشى

16. ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنھەركەت مەيدانى قۇرۇلۇشى

17. ناھىيىلىك كەسپى مائارىپ تەربىيلەش مەركىزى قۇرۇلۇشى

18. ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى ۋە ئوقوغۇچىلار ياتاق بىناسى

19. ئالتە يېزا-بازار مەكتەپنىڭ يېڭدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى

20. ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئونۋېرىسال ئامبۇلاتۇرىيە قۇرۇلۇشى

21. ئالتە يېزا-بازارلىق شىپاخانىنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەتىپ قورۇش قۇرلۇشى

(4)يېزا-ئىگىلىك يېزا قىسمى

22. لوپنۇرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى30مىڭ مو ئىقتىسادى ئىھاتە ئورمان ۋە لوپنۇر يىشىل كارىدۇر قۇرۇلىشى

23. 150مىڭ مو كېۋەزنى يۇقۇى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى

24. يېزا-بازار،كەنت (رايۇن) ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشى

(5) يېزا-كەنت تاشيولى

25. تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان يولىنى ئۆزگەرتىش يولى

26. كۆنچى دەرياسى 3-كۆۋرۈكنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇش قۇرۇلۇشى

27. يېزا كەنت تاشيولى قۇرۇلىشى  

شەھەر قۇرۇلۇشى قىسمى

 

يېقىنىقى يىللاردىن يۇيان، لوپنۇر ناھىيسى شەھەرنىڭ ئونۋېرىسال ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، تۇرالغۇ موھىتنى ياخشىلاش، تۇرالغۇغا ماس كېلىدىغان ناھىيە بازىرىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، شەھەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەر قىياپىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا سېلىغان مەبلەغ كۆلىمىنى زورايتتى. 2006-يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2مىليارد 60مىليۇن مەبلەغ سېلىنىپ شەھەر قۇرۇلۇش قەدىمى تىزلىتىلدى، كورلىدىن لوپنۇرغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، تەبىئىي گاز، شەھەر تاشيولى، شەھەر كۆكەرتىش، شىڭ پىڭ ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى، قەلبداشلار مەيدانى، ئولتۇراق رايۇن، سودا شەھەرچىسى، شەھەر تۇربىلىرىنى تورلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بىرىلىپ، ناھىيىمىز بازىرىدىكى كىشلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مۇھىتىدا يۇقۇرى كۆتۈرلىشش بولدى.

  2009-يىلى، 370مىليۇن مەبلەغ سېلىنىپ، شىڭ پىڭ ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى 3-مەزگىللىك قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى، ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ياتاق قۇرلۇشى،  ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئىشخانا ۋە ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، شەھەر تۇربىلىرىنى تورلاشتۇرۇش كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، سىفىرلىق تېلېۋوزۇر قاتارلىق قۇرۇلۇشى، شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرى كۆكەرتىش، كۆركەملەشتۈرۈش، پاكىزلاشتۇرۇش، يۇرۇقلاشتۇرۇش ئېلىپ بىرىلىپ، ناھىيىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى كۆرۈنەرلىك گۈزەللەشتۈرۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى تىخمۇ ياخشىلىنىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك « باغ-ئورمانلىق ناھىيە»بولۇپ باھالاندى. 

شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى3-مەزگىللىك قۇرۇلۇش

شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى3-مەزگىللىك قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى«تۆتنى بىر گەۋدە»قىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك پىلانلانغان قۇرۇلۇش بولۇپ، 4تۈرلۈك قۇرلۇشقا جەمئىي 50مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىندى. شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى3-مەزگىللىك قۇرۇلۇشىغا 10مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولوپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇزۇنلۇغى 688 مېتىر،كەڭلىكى 50 مېتىر، ئىگەللىگەن كۆلىمى 70مو ، ئۆستەڭ يۈزى ئەگرى سىزىق ھالەتتە لاھىيلەنگەن بولۇپ، كەڭرى سۇ يۈزى ۋە كەڭ دائىرلىك يىشللىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن، مەدەنىي مەنا گەۋدىلەندۈرۈلگەن كىچىك تەكشىلىك قۇرۇلۇش. بۇ قۇرۇلۇش يىل بېشىدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشلىتشكە كىرىشتۈرۈلدى، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدىكى مۇھىتنى تىخمۇ گۈزەللەشتۈردى، ھەمدە مەنزىرە بەلۋىغى1-2-مەزگىللىك قۇرۇلۇش ۋە قەلبداشلار مەيدانى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، گۈزەل، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ، يەرلىك پۇراق كۈچلۈك ، مەدەنىي سورتى نەپىس بولغان ئىناق يىشىل سەيلە باغچىسى شەكىللەندى.

مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى

     مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى ،شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى3-مەزگىللىك قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشى، «تۆتنى بىر گەۋدە»قىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك پىلانلانغان قۇرۇلۇش بولۇپ،  قۇرۇلۇشنىڭ مەزمۇنى بولسا مەدەنىيەت يولىنى شەرققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى ، ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپى موھىتى ۋە ناھىيە قاتنىشىشنى ياخشىلاش ئەھۋالى. بۇ قۇرلۇشقا جەمئىي 50مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىغى 733مېتىر، ئاساسلىق ماشنا يول كەڭلىكى 19مېتىر، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە كۆكەرتىش بەلۋىغى ، پىيادىلەر يولى ۋە كوچا چىرىقى سەپلەنگەن. قۇرۇلۇش 3-ئايدا باشلنىپ، 8-ئاينىڭ ئوتتورىسدا تاماملىنىپ قاتناش باشلاندى. 

شەھەر-بازارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى

  شەھەر مۇھىتىنى تىخمۇ كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل كۈزدە 3مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ناھىيىمىز شەھەر بازار رايۇنىدىكى 10ئاساسلىق كوچا ۋە 15پارچە ئاممىۋى كۆكەرتىش مەيدانىدا كۆكەرتىش يېڭىدىن دەرەخلەرنى تىكىش، دەرەخلەرنى تولۇقلاپ تىكىش ۋە باشقۇرۇش ئاسراش ئېلىپ باردى. كۆكەرتىشتە ئۆز يىرىمىزدە ئۆسۈش شارائىتىغا ماس كېلىدىغان غوللۇق دەرەخ 13 خىل، چاتقال دەرەخ 19خىل، تەشتەك 16خىل، جەمئىي يېڭىدىن تىكىلگەن ۋە تولۇقلاپ تىكىلگەن غوللۇق دەرەخ9899تۈپ، چاتقال دەرەخ211000تۈپ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يىشىللىق49915 كۇۋادىرات مېتىر، بۇنىڭ يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنى 20000كۇۋادىرات مېتىر، 4-ئولتۇراق رايۇنى28100كۇۋادىرات مېتىر، مەدەنىيەت غەربى يولىنىڭ شىمال تەرىپى1815 كۇۋادىرات مېتىر، پۈتۈن ناھىيىنىڭ شەھەر رايۇنى كۆكەرتىش مەيدانى 69.2گېكتارغا يېتىپ، كۆكەرتىش مەيدانى كىشى بېشىغا 8.6كۇۋادىرات مېتىردىن توغرا كېلىدۇ.

ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئوقوغۇچىلار ياتىغى قۇرۇلۇشى

     ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئوقوغۇچىلار ياتىغى قۇرۇلۇشى ۋە ناھيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئىشخانا بىناسى، ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئىشخانا بىناسى ۋە ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، يى شىن يۈەن 258 ئائىلىلىك لىفتىلىق تۇرالغۇ بىناسى، شىڭ پىڭ مەنزىرە بەلۋىغى 2-مەزگىللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق 5تۈر قۇرۇلۇش 4-ئولتۇراق رايۇنىغا جايلاشقان بولۇپ، بىر گەۋدە قىلىنىپ پىلانغان قۇرۇلۇش، 5تۈر قۇرۇلۇشقا جەمئىي 175مىليۇن مەبلەغ سېلىنغان. ناھىيلىك پارتىيە مەكتەپ ياتاق بىناسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىگەللەيدىغان يەر مەيدانى 3467كۇۋادىرات مېتىر(31.6مو)، ئومۇمىي قۇرۇلۇش مەيدانى 6872كۇۋادىرات مېتىر، رامكا بىلەن خىش بىرلەشتۈرۈلۈش قۇرۇلمىسى قوللىنىلغان، يەر ئۈستى 3قەۋەت، جەمئىي 64 ئېغىز ياتاق، بۇنىڭ ئىچىدە 54 ئېغىز قوش كىشلىك ياتاق، 10ئېغىز يۈرۈشلۈك ياتاق، 118ئادەمنىڭ ياتاقتا يېتىشغا يېتىدۇ، ھەمدە 266ئادەم سىغىدىغان ئاشخانا ئايرىمخانىسى بار، ئۆينىڭ ئىچىدە يەنە كۆتىۋىلىش زالى، يىغىن زالى قاتارلىقلار بار. لاھىيلەش جەريانىدا قەدىمىي ئورمان قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن ھازىرقى زامان پۇرىقى ئىنچىكىلىك بىلەن بىرلەشتۇرۇلۈپ، موھىتى نەپىس، ئىقتىدارى مۇككەممەل بولغان باغچا-ئورمان شەكىلدىكى ياتاق بىناسى شەكىللەندى. بۇ قۇرۇلۇش 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىچىكى قىسمنى زىننەتلەش ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ،  مۇلچەرلىنىشچە بۇ يىل ئاخىردا قۇرۇلۇش تاماملنىپ ئىشلتىشكە كىرىشتۈرلىدۇ. 

ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئىشخانا ۋە ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشى 

  ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئىشخانا ۋە ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا جەمئي 10مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى 15280كۇۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 4623كۇۋادىرات مېتىر، تۆت قەۋەتلىك خىش رامكىلىق قۇرۇلما. بۇنى ئىچىدە پارتىيە مەكتەپ ئومۇمىي مەيدانى 3194كۇۋادىرات مېتىر، ئۆينىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى : ماتىرىيال ئۆيى 2ئېغىز، ئىشخانا10ئېغىز، دەرسخانا 6ئېغىز،ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1429 كۇۋادىرات مېتىر، ئۆينىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى : ئارخىپ ئامبىرى 2ئېغىز، ئىشخانا 3ئېغىز، سۈرەت ماتىرىيال ئۆيى، سۈرەت ئۆيى، مەركىزى كونتۇرۇل قىلىش ئۆيى، كۈتۈپخانا،    ، ھەر بىردىن بىر ئېغىز.  قۇرۇلۇش بۇ يىل 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشلتىشكە تاپشۇرۇلدى.

شەھەر ئۇل مۇئەسەسىسەسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى 

  شەھەر ئۇل مۇئەسەسىسەسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى جەنۇبى كۆۋرۈك سۇ چىقرىش قۇرۇلۇشى، جەنۇبى كۆۋرۈك مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ۋە كوچا چىرىقىنى يورۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، بۇنىڭغا جەمئىي 16مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە: جەنۇبىي كۆۋرۈك سۇ چىقىرىش قۇرۇلۇشىغا6 مىليۇن مەبلەغ سېلىغان، 5187مىېتر ئۇزۇنلۇقتا تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇلۇپ بولدى: جەنۇبىي كۆۋرۈك مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسقلىق بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىغا 10مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىغان بولۇپ، ئىسقىلىق بىلەن تەمىنلەش پونكىتى 3.2كىلۇمېتىر يىراقلىقتا ئىسقلىق بىلەن تەمىنلەش تورى ياسالدى، نۆۋەتتە قۇرۇلۇشنىڭ %90 پۈتتى، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي پار بېرىلىدۇ، پار بىرىش كۆلىمى 200مىڭ كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، ئىتتىپاق يېزىلىق ھۆكۈمەت، دوختۇرخانا، ناھىيلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، فۇچىياڭ ئولتۇراق رايۇنى، ئىتتپاق ئونۋېرىسال بازىرىنى قاتارلىق جەنۇبىي كۆۋرۈك ئاھاللىرىنى پار بىلەن تەمىنلەش سۇ چىقىرىش مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ.

شەھەر ئولتۇراق رايۇنى تاشيول قۇرۇلۇشى

شەھەر رايۇنى تاشيول قۇرۇلۇشى مائارىپ ئولتۇراق رايۇنى، لوپنۇر ئولتۇراق رايۇنى، 4- ئولتۇراق رايۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 1مىليۇن118مىڭ500يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مائارىپ ئولتۇراق رايۇنى يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىغى496.1مېتىر، كەڭلىكى12مېتر؛ لوپنۇر ئولتۇراق رايۇنى يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى347مېتىر، كەڭلىكى 8.5مېتر؛ 4-ئولتۇراق رايۇنى يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى68مېتىر، كەڭلىكى 9مېتر؛ ئولتۇراق رايۇن يول قۇرۇلۇشى كۆكەرتىش، پىيادىلەر يولىنى ئاسپالىتلاشتۇرۇش، يول بويىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلۇش. نۆۋەتتە، قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، ھەر قايسى ئولتۇراق رايۇنىنىڭ مۇھىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈش شارائىتى تىخىمۇ ياخشىلاندى  

ئەندا سودا شەھەرچىسى قۇرۇلىشى

ئەندا سودا شەھەرچىسىگە جەمئىي  120مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى43 مو، قۇرۇلۇش مەيدانى45مىڭ كۇۋادىرات مېتىر، ئومۇمىي گەۋدىسى سودا سارىيى ۋە سودا شەھەرچىسىگە ئايرىلغان بولۇپ، سودا سارىيىدا 160سودا يايما ئورنى بار، 37ئېغىز ئىشىك ئالدېدىكى سودا ئۆيى، يەر ئاستى چوڭ تىپتىكى تاللا بازىرى بار؛ سودا شەھەرچىسىدە104 سودا يايما ئورنى، 288ئېغىز ئىشىك ئالدېدىكى سودا ئۆيى بار. بۇ قۇرۇلۇش 2007-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈنلەي قۇرۇلۇش تاماملىنىپ بولدى، سودا –سارىيدا سىناق تەرەققىسىدە تىجارەت باشلاندى، بۇ يىل «1-ئۆكتەبىر»دە رەسمىي تىجارەت باشلىنىدۇ. ئەندا سودا شەھەرچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيىمىزنىڭ 3-كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈپ، سودا –ئالاقىنى تىزلىتىپ، بازارنى رەتلەپ، كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشش نىسپىتى ئاشۇرۇپ، شەھەر دەرىجسىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى پائال ئالغا ئىلگىرلەش رولىغا ئىگە قىلىدۇ.

سىغىرلىق تېلىۋۇزۇر قۇرۇلۇشى

سىغىرلىق تېلىۋۇزۇر قۇرۇلۇشى 2009-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۆلەك رايۇنلاردا بىردەك يۆتكەش ئۇسۇلىنى قوللىنىلغان تەدرىجى ھالدا  سىغىرلىق سېگىنال تەقلىدىي سېگىنالنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان قۇرۇلۇش. ھازىرغىچە، بۇ قۇرۇلۇشقا3مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىغان بولۇپ، سىفېرلىق تېلېۋوزۇر 79يۈرۈش قانالنى قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز، ئاپتونوم رايون،ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ نومۇرلىرى 60قانالدا تارقىتىلىدۇ، پۇل ئېلىنىدىغان نومۇرلار 10قانالدا تارقىتىلدۇ. نۆۋەتتە، ناھىيىمىزدە سىملىق تېلېۋوزۇر ئائىلىرى 6300ئائىلە بولۇپ، ناھيىمىز بازىرى ۋە شەھەر ئەتراپىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىنىپ بولدى.

ئولتۇراق كاپالىتى قىسمى

   ھەر مىللەت خەلق ئاممسىنىڭ«تۇرىدىغان جايى بولۇش»غا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆي ئىسلاھاتى سىياسىتىدىن بەھرىمان بولمىغان كادىرلار، ئىشتىن قالدۇرۇلغانلار، كادرىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئىجتمائى پاراۋانلىق ئورنىدىكى ۋاقتىلىق ئىشچىلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسلىسىنى ياخشى ھەل قىلىنىدى، ھەمدە ئۈچ پىشقەدەم، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ شەھەردە ئولتۇراقلىشش مەسلىسى ھەل قىلىنىدى. ناھىيىمىز 2006-يىلدىن بۇيان، جەمئىي 450مىليۇن مەبلەغ سېلىپ، يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنى، 6-رايۇن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ۋە 4-ئولتۇراق رايۇن لېفىتىلىك بىنا قاتارلىق ئولتۇراق ئۆي قۇرلۇشىنى ئېلىپ باردى.2009-يىلى100مىليۇن مەبلەغ سېلىپ، 6-ئولتۇراق رايۇنىدىكى 312يۈرۈش ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، 4-ئولتۇراق رايۇنى ۋە 11-ئولتۇراق رايۇنى تۆۋەن كىرىملىكلەرگە 108يۈرۈش يېڭىدىن سىلىنىدى، تۆۋەن كىرىملىك ئائىللىك 150يۈرۈش قايتىدىن سېتىۋىلىندى. 4-ئولتۇراق رايۇن يى شىن يۈەن كادىرلار 2-يۈرۈش لىفىتلىك تۇرالغۇ ئۆي بىناسى 258يۈرۈش. 2006-يىلىدىن بۇيان يېڭىدىن سېلىغان قۇرۇلۇش جەمئىي2568 يۈرۈش، 2130 كادىر، ئىشچى –خىزمەتچىلەرنىڭ، ئىشتىن قالدۇرۇلغانلارنىڭ، يېزا-كەنت ئۈچ پىشقەدەملەرنىڭ، شەھەر بازار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنى قۇرۇلۇشى

 يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنىغا 350مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئىگەللەيدىغان كۆلىمى 400مۇ، قۇرۇلۇش مەيدانى 240مىڭ كۇۋادىرات مېتىر، تۇرۇشلۇق ئائىلە 1978 ئائىلە، سودا ئىشىك ئالدىدىكى ئۆي 214ئېغىز، بالىلار يەسلىسىدىن بىرسى بار بولغان، مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سودا، كۆڭۈل ئىچىش، مۇزىكا بىر گەۋدە قىلىنغان ئونۋېرىسال ھازىرقى زامان ئولتۇراق رايۇنى. ئولتۇراق رايۇنىنىڭ لاھىيلىنىشى ئالاھىدە، ئىقتىدارى مۇكەممەل، مۇھىتى گۈزەل، مۇھىت ئاسراش ئىنىرگىيە تېجەش گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئولتۇراق بىنا سىرتى تېمىغا ئىسقلىق ساقلاش تاختىيسى ئىشلتىلگەن، تەبىئىي گاز ۋە تامغا ئاسىدىغان ئوچاق بىلەن ئىسقىلىق تەمىنلىندىغان بولۇپ، لوپنۇرنىڭ كۆكەرتىش نىسپىتى %50دىن ئاشتى. قۇرۇلۇش 2006-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش تاماملىنىپ بولدى، 1385ئائىلىلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر، دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىدىن ئىشتىن قالدۇرۇلغانلار، ئىجتىمائى پاراۋانلىق ئورندىكى ۋاقىتلىق ئىشچى خىزمەتچىلەر، يېزا كەنت ئۈچ پىشقەدەملەرنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرىچە ھەر كۇۋادىرات مېتىرى 1200يۈەنلىك باھا بىلەن ناھىيە مالىيەسىدىن 20مىڭ يۈەن تولۇقلىما بىرىش سىياستىدىن بەھرىمان قىلىندى.

6-ئولتۇراق رايۇنى312ئائىلىلىك ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى

     6-ئولتۇراق رايۇنى 312ئائىلىلىك ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 20مىليۇن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي 312يۈرۈش 50كۇۋادىرات مېتىرلىك كىچىك تىپتىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، قۇرۇلۇش ئومۇمىي مەيدانى 15800كۇۋادىرات مېتىر. قۇرۇلۇش 2009-يىلى4-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىچى-سىرتىنى زىننەتلەش ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ، 10-ئاينىڭ ئاخىردا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى. ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشى شەھەر تۆۋەن كىرىمىلىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسلىسىنى تىخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. 

250ئائىلىك شەھەر بازار تۆۋەن كىرىمىلىك ئائىلە تۇرالغۇ كاپالەت قۇرۇلۇشى

    250ئائىلىك شەھەر بازار تۆۋەن كىرىمىلىك ئائىلە تۇرالغۇ كاپالەت قۇرۇلۇشىغا 30مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش: 10مىليۇن مەبلەغ سېلىغان يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنى ۋە 4-ئولتۇراق رايۇنىدىكى 2كۇرپۇس 70كۇۋادىرات مېتىرلىق 108 كاپالەتلىك ئۆي؛ 20مىليۇن مەبلەغ سېلىغان يىنخۇا ئولتۇراق رايۇنى 70-90كۇۋادىرات مېترلىق   تۇرالغۇ ئۆي 150 يۈرۈش. يېنخۇا ئولتۇراق رايۇنى 4-ئولتۇراق رايۇن 2كورپۇس 70كۇۋادىرات مېترلىق كاپالەتلىك ئۆي 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش ئىشلتىشكە تاپشۇرۇپ بىرىلدى، بۇ قۇرۇلۇش شەھەر بازار تۆۋەن كىرىمىلىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسلىسىنى ھەل قىلىدى.

4-ئولتۇراق رايۇنى258ئائىلىلىك  كادىرلار ئىككنچى يۈرۈش لىفىتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى

  4-ئولتۇراق رايۇنى كادىرلار ئىككى يۈرۈش لىفىتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە پارتكوم-ھۆكۈمەت ئىشخانا بىناسى، ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپى ئىشخانا بىناسى ۋە ئارخىپ ئامبېرى قۇرۇلۇشى، ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئوقوغۇچىلار ياتىقى، شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى2- مەزگىللىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار، 4-ئولتۇراق رايۇنىنى ئومۇمىي گەۋدە قىلىپ ئۇلاشتۇرۇلۇپ پىلانغان قۇرۇلۇش بولۇپ، 5تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا جەمئىي 160 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىندى. 4-ئولتۇراق رايۇنى 258ئائىلىلىك  كادىرلار ئىككىنچى يۈرۈش لىفىتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشغا جەمئىي 50 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى45.45 مۇ، قۇرۇلۇش 5 كۇرپۇس7 قەۋەت 258 ئائىلىلىك لىفىتلىق تۇرالغۇ ئۆي. ئولتۇراق رايۇن قۇرۇلىشىنىڭ سۈپىتى ئەلا، مۇھىتى گۈزەل، باشقۇرىشى ياخشى بولغان نەپىس ئولتۇراق رايۇنى، لاھىيلىنىشى ئۆزگىچە بولۇپ، كادىلارنىڭ ئىستىمال ئىھتىياجىنى قامدايدۇ. بۇ قۇرۇلۇش 3-ئايدا ئىش باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىچى ۋە سىرتىنى زىننەتلەش ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا قۇرۇلۇش تاماملاپ ئىشلتىشكە كىرگۈزۈش پىلانلاندى.

مائارىپ سەھىيە قىسمى

مائارىپ: 2006-يىلدىن بۇيان، ناھىيىمىز ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ، 160 مىليۇن يۈەن مەبلەغنى مائارىپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، يېڭىدىن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقوغۇچىلار ياتىقى، ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى، ۋە بىر قىسىم يېزىلىق مەكتەپلەر سىنىپى ۋە ئىقتىدارلىق ئۆيلەر قورۇلدى. 2009-يىلى 80 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ يېڭىدىن ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلار ياتىقى، 6 يېزا-بازارلىق مەكتەپلەر ۋە يۈرۈشلەشكەن يول، مەنزىرە بەلبىغى قاتارلىقلار قورۇلدى.

سەھىيە: 2006-يىلدىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ 40 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ناھىيىلىك يېزا-كەنت 3-دەرىجىلىك سەھىيە داۋالاش سېستىمىسىغا قۇرلۇشى كۈچەيتىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە 25 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئونۋىرسال ئامبولاتورىيىسى قۇرلۇشى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، 3 مىليۇن 60 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 40 ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن شىپاخانا يېڭىدىن ۋە كېڭەيتىلىپ قورۇلدى. 2009-يىلى 3 مىليۇن 800مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 6 يېزا-بازارلىق شىپاخانىلار يېڭىدىن ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇلدى، 4 مىليۇن 70 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ناھىيىلىك دوختۇرخانا، ئىتتىپاق يېزىلىق سەھىيە دوختۇرخانىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىقى مۇستەچكەملەندى.

480 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ 6كەنت شىپاخانىلىرى قورۇلدى.

ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى 

 ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى ۋە بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلۋىغى3-مەزگىللىك قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت يولىنى شەرىققە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى««تۆتنى بىر گەۋدە»قىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك پىلانلانغان قۇرۇلۇش بولۇپ، 4تۈرلۈك قۇرلۇشقا جەمئىي 50مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى جەمئىي21مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىگەنلىگەن ئومۇمىي كۆلىمى 3268 كۇۋادىرات مېتىر، قۇرۇلۇش مەيدانى12000 كۇۋادىرات مېتىر، تۆت قەۋەتلىك رامكا قۇرۇلمىلىق بولۇپ، جەمئىي 72دەرسخانا بار، 3600نەپەر ئوقوغۇچى سىغىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، 11-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

ناھىيىلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشى 

ناھىيىلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 10مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 4292 كۇۋادىرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە 65 ئېغىز ياتاق بار. بىرىنچى قەۋەتتە ئاشخانا، ئارقا زال، مۇنچا قاتارلىقلار بار؛ ئىككىنچى قەۋەتتە ياتاق، ئىشخانا، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيى، قىرائەتخانا، پائالىيەت ئۆيى، كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئۆيى قاتارلىقلار بار. تۆتىنچى قەۋەت ياتاقنى ئاساس قىلىدۇ. قۇرۇلۇش 3-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، پات-ئارىدا قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۇپ، ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 450نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ياتاق ئىھتىياجىنى قامدايدۇ.

ناھىيىلىك كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى

ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى، تەنتەربىيە بىناسى، كەسپى تەربىيلەش مەركىزى قاتارلىق 4تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا جەمئىي50مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە: ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىغا جەمئىي25مىليۇن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2007-يىلى قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى. 2كورپۇس ئوقوغۇچىلار ياتاق بىناسى ۋە ئاشخانىغا 10مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ 2008-يىلى قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلتىشكە كىرىشتۈرۈلدى؛ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىغا 10مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ بۇ يىل 8-ئايدا پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى؛ ناھىيىلىك كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى ئوقۇتۇش بىناسىغا 5مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىغان  بولۇپ قۇرۇلۇش كۆلىمى3000كۇۋادېرات مېتىر، 3قەۋەتلىك قىش قۇرۇلمىلىق، جەمئىي 17سىنىپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە 9ئى تەجىرىبە، مەشخۇلات قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆي. ئوخشاش ۋاقىتتا400 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدۇ، 3-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملانغان بولۇپ، ئىشلتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ بولدى.

 

ناھىيىلىك 1-ئوتتۇر مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشى

 

ناھىيىلىك 1-ئوتتۇر مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 10مىليۇن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى ئۆلچىمى بويىچە لاھىيىلەنگەن  بولۇپ، كۆرۈش سەھنىسى ۋە تەنتەربىيە مەيدانىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆرۈش سەھنىسى ئۈچ قەۋەت ئومۇمىي كۆلىمى 1800كۇۋادىرات مېتىر، 1500ئادەم مۇسابىقە كۆرەلەيدۇ. كۆرۈش سەھنىسىدە سايمان ئۆيى، چىنىقىش ئۆيى، ئارام ئېلىش ئۆيى قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىدارلىق ئۆيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەنتەربىيە مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي مەيدانى 16207كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، يېنىك ئاتلېتكا ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان 10يول 400مېتىر كاۋچۇك يۈگرەش مەيدانى،ئۆلچەملىك سۇنئى چىملىق پۇتبۇل مەيدانى، ئېگىزگە سەكرەش، يىراققا سەكرەش، ئېتىش مەيدانى قاتارلىقلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كاۋچۇك يېنىك ئاتلېتكا مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىقلار بار.

 

ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقوغۇچىلار ياتاق بىناسى قۇرۇلۇشى

 

ناھىيىلىك ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقوغۇچىلار ياتاق بىناسىغا جەمئىي 15مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە: ئوقوتۇش بىنا قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 7مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 4600كۇۋادىرات مېتىر، 25 سىنىپ تەسسىس قىلىنغان بۇلۇپ، 750 نەپەر ئوقوغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، 2008-يىلى قورۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ ئوقوغۇچىلار ياتىقى قۇرلۇشىغا 8 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 3800كۇۋادىرات مېتىر، تۆت قەۋەتلىك قىش قورۇلمۇلۇق. ئېغىز ياتاق بار بۇلۇپ، 550 نەپەر ئوقوغۇچىنىڭ ياتاقتا يېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدى .

 

ئالتە يېزا بازار مەكتەپ يېڭى قۇرۇلۇشى ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلىشى

 

ئالتە يېزا بازار مەكتەپ يېڭى قۇرۇلۇشى ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلىشىغا 10مىليۇندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تارىم يېزىسى، ئاقسۇپا يېزىسى، دوڭقۇتان يېزىسى، گۈلباغ يېزىسى، شىڭ پىڭ يېزىسى، قارچۇغا يېزىسى قاتارلىق 6يېزا-بازار مەكتەپنىڭ دەرىسخانا، تەنھەركەت مەيدانى، قورشام تام، ئاشخانا، پارقازان ئۆيى قاتارلىق ئاساسلىق ئەسلىھەلەرگە قارىتا يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئېلىپ بىرىلدى، قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى30775كۇۋادىرات مېتىر(بۇنىڭ ئىچىدە ئوقوتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئۆي 2889كۇۋادىرات مېتىر). نۆۋەتتە 6 يېزا بازار مەكتەپلەردىكى بارلىق قۇرۇلۇش تۈرى تاماملىنىپ ئىشلتىشكە كىرىشتۈرۈلدى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 1771 نەپەر يېزا كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئوقوتۇش شارائىتىدا ئومۇمىيۈزلۈك ياخشىلىنىش بولدى.

 

ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانا ئونۋېرسال ئامبۇلاتۇرىيە بىنا قۇرۇلۇشى

 

ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانا ئونۋېرسال ئامبۇلاتۇرىيە بىنا قۇرۇلۇشىغا جەمئىي20مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش ئومۇمىي مەيدانى 7700كۇۋادىرات مېتىر، قۇرۇلمىسى يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى بەش قەۋەت، يەر ئاستى دورا ئامىبىرى قىلىنغان: بىرىنىچى قەۋەت چوڭ زالى دوختۇرخانىغا كىرىش، چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش ئورنى، دورىخانا، ئامبۇلاتۇرىيە ئىشخانا بۆلۈملەرنى ئاساس قىلىدۇ؛ ئىككىنىچى قەۋەت ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئۈچىنچى قەۋەت تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى؛ تۆتىنچى قەۋەت ئاياللار كېسەللىكلەر بۆلۈمى ۋە تۇغۇت بۆلۈمى؛ بەشىنچى قەۋەت ئوپراتسىيە ئۆيى ۋە ئىغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيى . كېسەللىك رايۇنى بالنىسنىڭ ھەممىسىدە تازلىق ئۆيى بار، يالغۇز كىشلىك كېسەلخانا ۋە ئۈچ كىشلىك كېسەلخانىغا بۆلىنىدۇ،  ھەر بىر كېسەلخانىدا تېلىۋوزۇر، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كىيىم ئىشكابى سەپلەنگەن. بۇ قۇرۇلۇش 8-ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

 

يېزا-بازارلىق شىپاخانىنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەتىپ قورۇش قۇرلۇشى

 

ئالتە يېزا-بازارلىق شىپاخانىنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قورۇش قۇرلۇشىغا جەمئىي 5مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ، شىڭ پىڭ يېزىسى، دۆڭقۇتان يېزىسى، قارچۇغا يېزىسى، ئاقسۇپا يېزىسى، تارىم يېزىسى، گۈلباغ يېزىسى قاتارلىق ئالتە يېزىلىق شىپاخانىنى يېڭىدىن ياساش ۋە ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىلدى. ئالتە يېزا بازارلىق شىپاخانا قۇرلۇش ئومومىي كۆلىمى 4173 كوۋادىرات مېتىر بۇلۇپ، 2009-يىلى 4-ئايدا قۇرلۇش باشلانغان،  نۆۋەتتە قۇرلۇش پۈتۈنلەي تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق يېزىلاردىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش شارائىتىدا ياخشىلىنىش بولدى.

 

يېزا –ئىگىلىك يېزا كەنت  قىسمى

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيىمىز” يول، ئېرىق-ئۆستەڭ، ئورمانچىلىق، ئۆي، سۇ“ نى ئاساسي مەزمۇن قىلغان يېزا ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قۇيۇپ، يېزا ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. 400 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزىلاردا بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرلۇشى يولغا قۇيۇلۇپ، 7 يېزا-بازار، 44 كەنتتىكى 50 مىڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىىسى كورلىدىن تارتىپ كەلگەن پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچەلىدى. 64 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئېتىز-ئېرىق سۇ قۇرلۇشى كۈچەيتىلىپ، پۈتۈن ناھىيىمىزنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ئاجىز بۇلۇشتەك مەسىلىدە ياخشىلىنىش بولدى. 57 مىليۇن 300مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئېتىز ئېرىق ئىھاتە ئورمان سېستىما قۇرلۇشى تېزلىتىلدى. يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرلۇشىغا ئىلھام بېرىشكە تۇلۇقلىما پۇلىدىن 8 مىليۇن 60مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېڭىدىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيدىن 9149 يۈرۈش سېلىندى. يېزا-بازار، كەنت(مەھەلىلەر) قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي ساھەلەر يېڭىدىن ۋە ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا22 مىليۇن 100مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

 

 

لوپنۇرنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئىھاتە ئىقتىسادى ئورمان ۋە لوپنۇر يىشىل كارىدۇر قۇرۇلىشى

 

  كورلا-لوپنۇر بىر گەۋدە قۇرۇلۇشىنى تىزلىتىش، كورلا-لوپنۇر يىشىل توسۇقى قۇرۇش ئۈچۈن، يېزا-ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يەككە ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىنى تىزلىتىپ، لوپنۇر ناھىيسىنىڭ 2007-يىلىدىن باشلىغان نەشپۈتنى ئاساس قىلغان لوپنۇر شىمالىدىكى ئىكۇلىگىيلىك ئىقتىسادى ئىھاتە ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى. بۇ بازنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى66968مۇ پىلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە نەشپۈت، چىلان تېكىلگەن ئىقتىسادى ئورمان 20مىڭ مو، ئىھاتە ئورمان5000مو.

 كورلا-لوپنۇر يىشىل كارىدۇرى قۇرۇلۇشى (يەنى 218دۆلەت تاشيولى كورلا-لوپنۇر بۆلىكى تاشيولىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى)، ئومۇمىي ئۇزۇنلىغى 37كىلۇمېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى1330مۇ، بۇ يىل ئەتىيازدا كادىر، خىزمەتچىلەرنى سەپەر قىلىپ ھەر خىل كۆچەتتىن305900تۈپ تىكىلدى، نۆۋەتتە كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسپىتى%80گە يەتتى.

 

150مىڭ مو كېۋەزنى يۇقۇى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى

 

150مىڭ مو كېۋەزنى يۇقۇى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى ناھىيىمىزدىكى قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەدبىرى بولۇپ، جەمئىي 71مىليۇن 810مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىدى، 2008-يىلى كۈز قىش پەسلى ۋە بۇيىل ئەتىيازدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، جەمئىي 150مىڭ مو يەرگە 150مىڭ مو كېۋەزنى يۇقۇى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى تاماملاندى. 150مىڭ مو كېۋەزنى يۇقۇى ئۆلچەمدە سۇ تىجەپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرشتۈرلىشى، ناھىيىمىزنىڭ يېز ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشتا قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش سۇ تېجەش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر بولدى.

 

يېزا بازار، كەنت(مەھەللە) ئاساسىي بازا قۇرۇلۇشى

 

 يېزا بازار، كەنت(مەھەللە) ئاساسىي بازا قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 13مىليۇن يۈەب مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قۇرۇلۇش: يېڭدىن سېلىنغان گۈلباغ يېزا ، دوڭقۇتان يېزا، لوپنۇر بازىرى قاتارلىق 3يېزا بازارنىڭ ئىشخانا بىناسى: 19كەنت دەرىجىلىك بازا يېڭدىن ياسالدى  ۋە كېڭەيتىلدى؛ ئازاد مەھەللە رايۇنى، فۇچىياڭ مەھەللە رايۇنى، كۆنچى مەھەللە رايۇنىدىن ئىبارەت 3 ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرى يېڭىدىن ياسالدى. نۆۋەتتە، لوپنۇر بازىرى ئىشخانا بىناسى ھازىر قۇرۇلۇش ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ، گۈلباغ يېزىسى، دوڭقۇتان يېزىسىنىڭ ئىشخانا بىناسى ۋە ھەر قايسى كەنت (مەھەللە) لەرنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش تاماملىنىپ ئىشلىتشكە تاپشۇرۇپ بىرىلدى.  

يېزا-كەنت تاشيول قىسمى 

 2005 -يىلدىن بۇيان، ناھىيىمىز 300 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ، 649 كىلومىتىر يېزا-كەنىت تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيىمىز تاشيول ئومومىي مۇساپىسىنىڭ %96.5 نى ئىگەللەپ، كەنت تاشيولىنى قارمايلاشتۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە، يېزا، كەنت 3دەرىجىلىك يول تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، يېزا-كەنت ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ”يول يۈرۈش قىيىن بۇلۇش “ مەسىلىسى تەلتۈكۈس ھەل قىلىندى. 2009-يىلى، 20 مىليۇن 210مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرلۇش باشلىنىپ، تارىم يېزىسىدىن قارچۇغا يېزىلىق ھۆكۈمەتكىچە بولغان 23 كىلومىتىر يول قۇرلۇشى ياخشىلاندى ؛ 10 مىليۇن 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ تارىم يېزىسى، دۆڭقۇتان يېزىسى، لوپنۇرنىڭ شىمالىي ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمان رايۇنى قاتارلىق يەرلەردە يېڭىدىن 41 كىلومىتىر كىلومىتىر يېزا-كەنت تاشيولى ياسالدى؛ كۆنچى دەرياسى 3-كۆۋرۈكىنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرلۇشى تاماملاندى.

يېزا-كەنت تاشيول قۇرۇلىشى 

يېزا-كەنت تاشيول قۇرلۇشىنى 41 كىلومېتىر ئوزارتىش پىلانلانغان بولۇپ، جەمىئي 10مىليۇن 250مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ئاساسلىق تاشيول قۇرلۇشى بولسا تارىم يېزىسى، دۆڭقۇتان يېزىسى، شىڭ پىڭ يېزىسى، لوپنۇر شىمالىي ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمان بازىسى قاتارلىقلار. نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تاماملانغان نۆۋەتتە پۈتكەن يېزا-كەنت تاشيولى 27 كىلومېتىر بۇلۇپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرى بارلىق قۇرلۇشنى تاماملاش پىلانلاندى.

تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن قارچۇغا يېزىسغىچە بولغان تاشيولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى

تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكىدىن قارچۇغا يېزىسغىچە بولغان تاشيولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 20مىليۇن310مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇغى 23كىلۇمېتىر، 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى قارماي ياتقۇزۇلۇش باشلانغان، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلۇش تاماملنىپ قاتناش باشلانغان. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغان كېيىن، قارچۇغا يېزىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يول يۈرۈش قاتناش شارائىتىغا قولايلىق يارىتلىدى.

               كۆنچى دەرياسى 3-كۆۋرۈكىنى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇش قۇرلۇشى 

كۆنچى دەرياسى 3-كۆۋرۈكى قۇرلۇشىغا 2مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇلۇپ، 2008-يىلى يولغا قۇيۇلغان شىڭ پىڭ يېزىسىدىن گۈلباغ يېزىسىغىچە  ۋە دۆڭقۇتان يېزىسى تاشيولىنى كېڭەيتىپ ياساش قۇرلۇشىنىڭ تارماق قۇرلۇشى بولۇپ، كۆۋرۈكنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 46 مېتىر، كەڭلىكى 12 مېتىر، ئېگىزلىكى 7 مېتىر، قوش يۆلۈنۈشلۈك 4 ماشىنا يولى بار بولۇپ 20 توننىلىق ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلەيدۇ.  بۇ قۇرلۇش 2009-يىلى 7-ئاينىڭ1-كۈنى قۇرلۇش تاماملاپ قاتناش باشلانغان بولۇپ، ناھىيىمىزنىڭ غەربى ئايلانما يولى ۋە كۆنچى دەرياسى قىرغىقى ئىتتىپاق يېزىسى، گۈلباغ يېزىسى، تارىم يېزىسى قاتارلىق يېزا يوللىرى بىلەن  تۇتۇشۇپ، يول ياققىسىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ شەھەرگە كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، شەھەر رامكىسى تېخىمۇ ئۇزارتىلدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器