对不起,图片浏览功能需脚本支持,但您的浏览器已经设置了禁止脚本运行。请您在浏览器设置中调整有关安全选项。
 
  باش بەت  · لوپنۇرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى  · رەھبەرلەر ئىش تەقسىماتى · ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى · ھۆكۈمەت ئاخباراتى · سىياسەت -تۈزۈملەر
 
 
 
 
 
 
ئېلان - ئۇقتۇرۇش
 
 
ئەڭ يېڭى ماقالىلار
 
 
قىزىق نوقتا ماقالىلىرى
 
 
سۈرەتلىك ماقالىلار
 
 
ناھىيىمىزنىڭ 2009-يىللىق 21تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشلارنىڭ مەسئولىيەت ئايرىمىسى
كىلىش مەنبەسى : لوپنۇر  ناھىيىلىك  خەلق  ھۆكۈمىتى       ۋاقتى : 09.01.15    يوقلىنىش قېتىم سانى :

ناھىيىمىزنىڭ 2009-يىللىق 21تۈرلۈك ئەلرايى قۇرۇلۇشلارنىڭ مەسئولىيەت ئايرىمىسى

ناھىيىلىك پارتكۇم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 21تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. بۇ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ناھىيىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بالدۇرراق بىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيىلىك پارتكوم، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 21تۈرلۈك قۇقتقلىق قۇرۇلۇشلارغا قارىتا مەسئولىيەتنى ئايرىشنى قارار قىلدى، كونكىرىت تۆۋەندىكىچە:

1. ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى ۋە ناھىيىلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى قۇرۇلۇشى

يولداش لى لىيۇمېي، ئەخمەت قادىر، ۋاڭ شىنرۇڭ مەسئول بۇلىدۇ. يىل بېشىدا قۇرۇلۇش باشلاپ، يىل ئاخىرى قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرش.(ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى، ناھىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ)

2. ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيداننى داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇش قۇرلۇشى.

يولداش لى لىيۇمېي، ئەخمەت قادىر، ۋاڭ شىنرۇڭ مەسئول بۇلىدۇ. ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانىنى داۋاملاشتۇرۇپ ياساش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ)

3. ناھىيىلىك كەسىپى مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىي قۇرۇلۇشى

يولداش لى لىيۇمېي، ئەخمەت قادىر، ۋاڭ شىنرۇڭ مەسئول بۇلىدۇ. يىل بېشىدا قۇرۇلۇش باشلاپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ)

4. ناھىيىلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغوچىلار ياتاق بىناسى قۇرۇلۇشى

يولداش لى لىيۇمېي، ئەخمەت قادىر، ۋاڭ شىنرۇڭ مەسئول بۇلىدۇ. يىل بېشىدا قۇرۇلۇش باشلاپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ)

5. ئالتە يېزا-بازارلىق مەكتەپنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ قورۇش قۇرۇلۇشى

يولداش لى لىيۇمېي، ئەخمەت قادىر، ۋاڭ شىنرۇڭ، سەمەت مەمەت مەسئول بۇلىدۇ. ئاقسۇپا يېزىسى، تارىم يېزىسى قاتارلىق ئالتە يېزا-بازارلىق مەكتەپلەرنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ قورۇش قۇرۇلۇشىنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملاش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلىك قورۇلۇش ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك يېزا-بازارلار)

6. ئالتە يېزا-بازارلىق شىپاخانىنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قورۇش قۇرۇلۇشى

يولداش ئەخمەت قادىر، ياسىن ھاجى مەسئول بۇلىدۇ. شىڭ پىڭ يېزىسى، تارىم يېزىسى، گۈلباغ يېزىسى، ئاقسوپا يېزىسى قاتارلىق ئالتە يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارنى يېڭىدىن قورۇش ۋە ئۆزگەرتىپ قورۇش قۇرۇلۇشىنى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تاماملاش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسى، ناھىيىلىك قورۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مۇناسىۋەتلىك يېزا-بازارلار)

7. 150مىڭ مو كېۋەزنى يۇقۇرى ئۆلچەمدە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى

يولداش كاڭ يۈشىن، بورھان توختى، لىيۇ كېۋىن، مەمەت ئەمەت مەسئول بۇلىدۇ. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يوقورى ئۆلچەمدە  تېمىتىپ سۇغۇرۇش ۋەزىپىسىنى  150 مىڭ مو كۆلەمدە كېڭەيتىش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى، ناھىيىلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مۇناسىۋەتلىك يېزا-بازارلار)

8.

9. لوپنۇرنىڭ شىمالى 30 مىڭ موكۈلەمدە ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمان بازىسى قۇرۇلۇشى

يولداش كاڭ يۈشىن، بورھان توختى، لىيۇ كېۋىن، مەمەت ئەمەت مەسئول بۇلىدۇ. لوپنۇرنىڭ شىمالىغا 30 مىڭ مو كۈلەمدە ئىقتىسادىي ئىھاتە ئورمىنىغا كۆچەت تىكىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش، 218-دۆلەت يولىنىڭ شەرىق تەرەپى 25 كىلومىتىردىكى 1100 مو ئىھاتە ئورمىنىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، لوپنۇرنىڭ شىمالىدىكى ئىقتىسادىي ئورمان بازىسىغا چوقوم ئىقتىسادىي ئورمان ۋە ئىھاتە ئورمان تىكىپ، بازىنىڭ ئىچكى يولى، زەيلىك ئۆستەڭ، توك قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك يەر-زىمىن بايلىقى ئىدارىسى، ناھىيىلىك قاتناش ئىدارىسى، ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسى، ناھىيىلىك توك-ئېلىكتىر ئىدارىسى، شىڭ پىڭ يېزىسى) 

10. 200 ئائىلىلىك كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر (ئىش ئورنىدىن قالغانلار، يېزا ئۈچ پېشقەدەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يىنخۇا ئولتۇراق رايۇنىغا كۆچۈپ كىرىش ئىشى.

يولداش دىڭ فېڭ مەسئول بۇلىدۇ. 200 ئائىلىلىك كادىر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى( ئىش ئورنىدىن قالغانلار، يېزا ئۈچ پېشقەدەملەر ۋە مالىيەدىن ئۇزۇن مۇددەت ۋاقىتلىق ئىشچىلىققا تەكلىپ قىلىنغانلار) يىنخۇا ئولتۇراق رايۇنىغا كۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار.  (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: جىيۇ جوۋ گوروھى شېركىتى)

11. شەھەر تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ئولتۇراق ئۆي كاپالەت قۇرۇلۇشى

يولداش گې جىيەن،  بەي پىڭ، جىن شىن مەسئول بۇلىدۇ.  يېزا-بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى ھەرىكەتلەرندۈرۈپ، تۈر قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، بىر قىسىم تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى)

12. يېزا-كەنت تاشيول قۇرۇلۇشى

يولداش گې جىيەن، يى پىڭچۈەن مەسئول بۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈر قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، 50 كىلومىتىر يېزا تاشيولىنى تاماملاش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قاتناش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، ھەر قايسى يېزا-بازارلار)

13. تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرىكىدىن قارچۇغا يېزىسىغىچە بولغان تاشيولنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى

يولداش گې جىيەن، يى پىڭچۈەن مەسئول بۇلىدۇ. تارىم دەرياسى چوڭ كۆۋرىكىدىن قارچوغا يېزىلىق ھۆكۈمەتكىچە(كونا رايۇن) بولغان 23 كىلومىتىر يولنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يىل ئىچىدە قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قاتناش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، قارچوغا يېزىسى)

14. كۆنچى ئوتتۇرا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى

يولداش گې جىيەن، يى پىڭچۈەن مەسئول بولىدۇ. كۆنچى ئوتتۇرا يولى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، يىل ئىچىدە قۇرۇلۇشىنى پۈتكۈزۈش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قاتناش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى)

15.مەدەنىيەت يولىنى شەرىققە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى

يولداش گې جىيەن، شۈ بو مەسئول بۇلىدۇ. يىل بېشىدا قۇرۇلۇشنى باشلاپ، 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى)

16. شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلبىغى 3-مەزگىللىك قۇرۇلۇشى

يولداش دىڭ فېڭ، يى پىڭچۈەن، جىن شىن مەسئول بۇلىدۇ. شىڭ پىڭ غول ئۆستىڭى مەنزىرە بەلبىغى 1-2-مەزگىللىك قۇرۇلۇشىنى لوپنۇر ناھىيىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلۇشى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېسىل قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى)

17. شەھەر ئاساسىي مۇئەسسەسەسىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى

 يولداش گېجىيەن، بەي پىڭ، شۈ بو مەسئول بۇلىدۇ. شەھەر بۇلغىما چىقىرىش تۇربا يۇلى، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىشنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، ناھىيىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش،بۇلغىما سۇ چىقىرىش، ئىسىقلىق ئىنىرگىيە شېركىتى)

18. شەھەر-بازارلارنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى

يولداش خۇاڭ يافېي، گې جىيەن، بەي پىڭ، جىن شىن مەسئول بۇلىدۇ. شەھەرنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، يورۇقلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، 11-ئولتۇراق رايۇنى، 4-ئولتۇراق رايۇنى، ئازاتلىق يولى، كۆنچى يولى، مەدەنىيەت يولى قاتارلىق ناھىيىمىزدىكى ئاساسلىق يول بۆلەكلىرى ۋە ئاممىۋى يېشىللىقلارنى يېشىللاشتۇرۇشنى نۇقتىلىق قىلىپ ياخشى ئىشلەش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىشخانىسى)

19. ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ كورسانىتلار ياتىقى قۇرۇلۇشى

يولداش دىڭ فېڭ مەسئول بۇلىدۇ. يىل بېشىدا قۇرۇلۇش باشلاپ، يىل ئاخىرى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ، لوپنۇر مېھمانخانىسى)

20. ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ ئىشخانىسى ۋە ئارخىپ ئامبىرى قۇرۇلۇشى

يولداش ساۋ شىڭتىيەن، جاڭ گۈەنجۈن مەسئول بۇلىدۇ. يىل بېشىدا قۇرۇلۇش باشلپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، ناھىيىلىك پارتىيە مەكتەپ، ناھىيىلىك ئارخىپ ئىدارىسى)

21. سىفېرىلىق تېلۋىزۇر قۇرۇلۇشى

يولداش خۇاڭ يافېي، مەخمۇت ساۋۇر مەسئول بۇلىدۇ.

بۆلەك رايۇنلاردا بىردەك يۆتكەش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ، سىفىرىلىق سېگىنالغا تەقلىدىي سېگىنالنىڭ ئورنىنى ئالغۇزۇپ، يىل ئاخىرى ناھىيىمىزدىكى %50 تەقلىدىي سېگىنال ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەرنىڭ سېفىرىلىق تېلۋىزۇر نۇمۇرلىرى كۆرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش. (ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار: ناھىيىلىك رادىئو-تېلۋىزىيە ئىدارىسى، ناھىيىلىك تەرەققىيات پىلان كومىتېتى)

مەسئول رەھبەرلەر ۋە ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەردە ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
 
     
     
 

Copyright © 2008 - 2010 yuli.gov.cn Inc. All Rights Reserved

.لوپنۇر ناھىيلىك ئېلىكتۇرۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرمەركىزى ئىشلىدى ۋە ئاسرايدۇ

建议使用:1024*768以上分辨率 16位以上颜色 IE5.0以上版本浏览器