يېقىندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھەرلىك خەق ھۆكۈمىتى، تيەنجىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، لەنجۇ ھەربىي رايونى قاتارلىق ئورۇنلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ئارقا – ئارقىدىن ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى ھەم 70 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.
ھال سوراش تېلېگراممىلىرىدا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن قوللانغان كۈچلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللايمىز. شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق رەزىل قىلمىش ئەلرايىغا ياقمايدۇ، ئىشقا ئاشمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايمىز. مەركەز يولغا قويغان غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش شىنجاڭغا مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. مەركەز، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئۆزئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بەرپا قىلالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.