ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 10 – نويابىر كەچتە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شياۋيى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىدا ناھايىتى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇ شياۋيى مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى بۇنىڭدىن كېيىن سىياسەت، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا تېخىمۇ مايىللىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.