ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۇەن 10 – نويابىر چۈشتىن كېيىن خېنەن كۆمۈرچىلىك سانائىتى گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى چېن شۆفېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خېنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئاقسۇ، ئىلى، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، ئورۇن، ئالتە ناھىيىدە 11 تۈر تۇرغۇزۇپ، جەمئىي 1 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. يېقىندا يەتتە تۈرنى پۈتكۈزۈپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى 6 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزمەكچى.
ۋاڭ لېچۈەن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خېنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقتى ئۇزاق بولمىسىمۇ، تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېلېكتر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تىرىشىپ ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىپ، خېنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ.
چېن شۆفېڭ مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىز بەش – ئون يىلدا شىنجاڭدا يەنە بىر خېنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنى بەرپا قىلماقچى، ئۇ چاغدا گۇرۇھىمىزنىڭ شىنجاڭغا سالغان ئومۇمىي مەبلىغى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.