دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، شياڭگاڭنىڭ داڭلىق سودا كارخانىسى بولغان ‹‹مېيمېي›› تۈرلۈك ماللىرى دۇكىنى ئۈرۈمچىدە تىجارەت باشلىدى. بۇ، ‹‹مېيمېي››جۇڭگودا ئاچقان 6 – تارماق دۇكان، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە ماكانلاشقان جۇڭگو – چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى 234 – سودا كارخانىسى. ‹‹مېيمېي››نىڭ ماكانلىشىشى ئۈرۈمچىنىڭ سودا ئوبوروت كەسپىگە يەنىمۇ ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى، سودا – ئوبوروت كەسپى پۈتۈنلەي دۆلەت ئىلكىدە بولۇپ، نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش، قورساق تويغۇزۇش، مېھمانخانىدا قونۇش، ھەتتا چاچ ياسىتىش، مۇنچىغا چۈشۈشمۇ تەس ئىدى. ئەينى چاغدا ‹‹دوستلۇق›› سودا سارىيى بىلەن ‹‹تەڭرىتاغ›› تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى ئۈرۈمچىدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى داڭلىق پارچە سېتىش كارخانىسى بولسىمۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ يىللىق پارچە سېتىش سوممىسى نەچچە 100 مىڭ يۈەندىن ئاشمايتتى. 1998 – يىلى ئىككى كارخانىنىڭ مۈلكى قايتا تەشكىللىنىپ، شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى بولۇپ قۇرۇلدى، ھازىر بۇ شىركەت تەرەققىي قىلىپ ئۇنىۋېرسال، كۆپ مەنبەلەشكەن، رايون ھالقىغان، گۇرۇھلاشقان، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتكە ئايلىنىپ، جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك سودا كارخانىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، يىللىق پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتتى، يىللىق پايدا – باج سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە، كونا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپلا قالماي، يەنە ئاۋامنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە ھازىرلاندى. ئۈرۈمچى سودا شەھەرچىسىدە توپ – پارچە سېتىش تىجارىتى قىلىدىغان لى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلىدە دۆلەت ئىلكىدىكى بىر دۇكاندا مال ساتقۇچى بولۇپ، كېيىن كارخانىنىڭ تۈزۈمى ئۆزگەرگەندە، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سودىغا كىرىشىپتۇ، ھازىر ئۈچ دۇكىنى بار ئىكەن، يىللىق تىجارەت سوممىسى نەچچە مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. ئۇ ھازىرقى ئۇتۇقلىرى ئۈستىدە توختالغاندا مىننەتدارلىق بىلەن: بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا، مۇھىمى ئىسلاھاتنىڭ، ئېچىۋېتىلگەن يېڭى دەۋرنىڭ شاپائىتى، دېدى. ھازىر ئۈرۈمچىدە لى خانىمغا ئوخشاش توپ – پارچە سېتىش تىجارىتى قىلىدىغان يەككە سودا – سانائەتچى 100 مىڭغا يېتىدۇ.
يەككە سودا – سانائەتچىلەر قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكمۇ يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تېز راۋاجلىنىپ، ئىگىلىك سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشتى. ھازىر ئۈرۈمچىدىكى توپ – پارچە سېتىش ۋە يېمەك – ئىچمەك كارخانىلىرى ئىچىدە، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى. بولۇپمۇ ‹‹10 – بەش يىل››دىن بۇيان، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ئىجتىمائىي تاۋارلارنى پارچە سېتىش سوممىسى يىلىغا %20 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، 2007 – يىلى 28 مىليارد 998 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شەھەر بويىچە ئىجتىمائىي تاۋارلار پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %87.24ىنى ئىگىلىدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى، بىر جەھەتتىن تاۋار قىس، يەنە بىر جەھەتتىن، ئاۋامنىڭ يانچۇقى قۇرۇق، سېتىۋېلىش كۈچى ئاجىز ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئاۋامنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنىمۇ ئۆستۈردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1978 – يىلى شەھەر بويىچە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئاران 453 مىليون يۈەن بولۇپ، 2007 – يىلى 33 مىليارد 230 مىليون يۈەنگە يەتتى، ھازىر تۆت يېرىم كۈندىكى سېتىلىش سوممىسىلا 1978 – يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق سېتىلىش سوممىسىغا باراۋەر بولدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سودا تۈزۈلمىسىنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرىگىمۇ ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، رىقابەتلىشىپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر، ئۈرۈمچىدە توپ – پارچە سېتىش تور نۇقتىسى 65 مىڭغا، كۆلىمى 5000 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان توپ – پارچە سېتىش نۇقتىسى 32 گە، چوڭ ئۇنىۋېرسال سودا سارىيى 20 گە، چوڭ تاللا بازىرى توققۇزغا يەتتى، پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئىچىدە يىللىق سېتىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سودا ساراي 13 كە، شەھەر بويىچە تاۋار سودا سوممىسى100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سودا بازىرى 25كە، 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغىنى يەتتىگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە دوستلۇق يولى، يۇقىرىقى قوۋۇق، تۆۋەنكى قوۋۇق، تۆمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق سەككىز چوڭ سودا چەمبىرىكى، دۆڭكۆۋرۈك، شىنجاڭ مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىق 12 خاس سودا كوچىسى شەكىللەندى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭسەن يولى مەملىكەت بويىچە داڭلىق ئون سودا كوچىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. خەلقئارا بازار، گۇاڭخۇي ‹‹مېيجۈ›› ئەشيا ئوبوروتى بازىسى، ‹‹خۇالىڭ›› بازىرى، سودا شەھەرچىسى قاتارلىق كۆلىمى چوڭ، مەخسۇسلاشقان، سىرتقا يۈزلەنگەن چوڭ بازارلار بەرپا قىلىندى. ‹‹10 – بەش يىل››دىن بۇيان، سودا ئوبوروتىنى ئاساس قىلغان 3 – كەسىپنىڭ شەھەر بويىچە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى باشتىن – ئاخىر %60تىن يۇقىرى سەۋىيىنى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلىدى.
ئۈرۈمچى ئىچكى قىسىمنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە سىرتقا ئىشىكىنى كەڭ ئېچىۋەتتى. ‹‹كەررىفور››، ‹‹كېنتاكى››، ‹‹پىززاخۇت››، ‹‹پاركسون››، ‹‹مېيمېي››، ‹‹گومېي›› ۋە ‹‹سۇنىڭ›› قاتارلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى داڭلىق 60 نەچچە كارخانا ۋە زەنجىرسىمان دۇكان ئۈرۈمچىدە ماكانلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ سودا ئوبوروت كەسپىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە يۈكسەلدۈردى.
بۈگۈنكى كۈندە، يەرمەنكە ئىگىلىكى ئۈرۈمچىنىڭ سودا كەسپىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى، يىپەك يولى خەلقئارا كىيىم – كېچەك بايرىمى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى يەرمەنكىسى، ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى قاتارلىقلار دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭ ۋە ئۈرۈمچىنىڭ ئېچىۋېتىشكى مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلاندى.
ھازىر، ئۈرۈمچى بەش قىتئەدىكى 63 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ياخشى سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، سودا ئوبوروت ساھەسىنىڭ ئېچىۋېتىلىش كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتى شەكىللەندى. دۇنيا بويىچە دېڭىز – ئوكيانغا ئەڭ يىراق شەھەر بولغان ئۈرۈمچى ‹‹ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتكى خەلقئارالىق سودا مەركىزى››گە ئايلىنىش نىشانىنى بويلاپ ئالغا باسماقتا.