ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە قۇمۇل ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ۋە چوڭ كارخانا ۋە چوڭ گۇرۇھ ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى خاسلىققا قويۇپ، ئەۋزەللىكنى جارىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىكى كان – كارخانا، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى، يېزا، كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرى، كوچا – مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئۇل مۇئەسسەسە، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، شەھەر، بازارلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ۋاڭ لېچۈەن بارغانلىكى يېرىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ھەر مىللەت ئاممىدىن ھال سورىدى. بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ كۈيسۇ بازىرى 2002 – يىلى ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى قۇرۇپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يۆتكىگەندىن بۇيان، ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئىش ئىزدەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، قايتا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، بازاردىكى 5500 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىچىدە 3000 دىن كۆپرەك كىشىنى يىلبويى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللىدى، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەنبەگە ئايلاندى. ‹‹كۈيسۇ ئەمگەك مۇلازىمىتى›› شىنجاڭ بويىچە داڭلىق ماركىغا ئايلىنىپ، بىر كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، بىر ئائىلىنى بېيىتىش، بىر تۈركۈم كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، بىر كەنتنى روناق تاپقۇزۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇ بازارغا ئاپتونوم رايون ‹‹ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتىكى ئىلغار يېزا – بازار›› دېگەن نام بەردى. 2003 – يىلى 1 – ئايدا ۋاڭ لېچۈەن كۈيسۇ بازىرىغا بېرىپ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنىدى. 6 – نويابىر چۈشتىن كېيىن ۋاڭ لېچۈەن كۈيسۇ بازىرىغا يەنە بىر قېتىم بېرىپ بازارلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمەت پونكىتىنى تەكشۈردى، ۋاڭ لېچۈەن بۇ پونكىتتىكىلەرنىڭ دېھقان – چارۋىچىلارنى تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئەمگەك كۈچلىرىنى تىزىملاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: كۈيسۇ بازىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەم ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ فۇنكسىيىلىك تارماقلىرىنىڭ دېھقان – چارۋىچىلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك مۇلازىمەت خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
7 – نويابىر چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ لېچۈەن ئاراتۈرۈك ناھىيىسىنىڭ ئاداق يېزىسىغا بېرىپ رەتلىك ھەم كۆركەم سېلىنغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى كۆردى. ۋاڭ لېچۈەن 73 ياشلىق كەنت ئاھالىسى سايىق تۇرسۇننىڭ يېڭى سالغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيىگە كىرىپ، شىرداق سېلىنغان كاڭدا ئولتۇرۇپ، ساھىبخان بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. سايىق تۇرسۇن ۋاڭ لېچۈەنگە خۇشال ھالدا ناھىيىلىك، يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن 5000 يۈەندىن كۆپرەك چىقىم قىلىپلا 70 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى، ھەمرىيى ئىككىسى بۇنداق بولارىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ساپ كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ھۆكۈمەت يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش ‹‹ئۈچ پېشقەدەم››لەرگە ھەر يىلى ياردەم پۇلى بېرىدىكەن، بۇ يىل 8 – ئايدىن باشلاپ بىر يىلدا بىرىلىدىغان ياردەم پۇل 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، سايىق تۇرسۇن: ‹‹پۇلۇم بار، ئۆيۈم پۇختا ھەم ئازادە، ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېسابلايمەن›› دېدى ھاياجانلانغان ھالدا. ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى. ئاپتونوم رايون يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، يېزىلاردىكى ‹‹ئۈچ پېشقەدەم›› لەرنىڭ ياردەم پۇل ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
7 – نويابىر چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ لېچۈەن قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ بايلىقى مول، رايون ئەۋزەللىكى روشەن؛ كۆپ يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئاساسى ۋە شەرتىنى ھازىرلىدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە مەۋقەنى ئەمەلىيەت ۋە خاسلىققا قويۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ۋە چوڭ كارخانا ۋە چوڭ گۇرۇھ ئىستىراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، قۇرۇلما تەڭشەش قەدىمى، يېڭىچە سانائەتلىشىش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. ئايرودروم، تۆمۈريول، تاشيول، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، بولۇپمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشچان يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، تېزگىنلىگىلى بولىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ھەم ياخشى ئىشلەپ، بالدۇرراق ئىش باشلاشقا تىرىشىش كېرەك. ئەۋزەللىكى روشەن كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى رېئال ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە تېزدىن ئايلاندۇرۇپ، ۋىلايەت ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قۇمۇلغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇمۇلنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تەكشۈرۈش جەريانىدا ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق رەھبەرلەر يەنە ‹‹خۇاجىن›› مىسچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مىس كان ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆمۈر خىمىيە قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى، ۋاڭ لېچۈەن بۇ قۇرۇلۇشنىڭ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت، تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن – بايلىقى نازارىتى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى، باۋگاڭ پولات – تۈمۈر گۇرۇھى ‹‹1 – ئاۋغۇست›› پولات – تۈمۈر شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.