ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 8 – نويابىر شىنجاڭدىن جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 15 ۋەكىل بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېيىپلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، بۇ قېتىمقى مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 5 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ فۇنكسىيىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى مېيىپلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلتايغا پۈتۈن زېھنى بىلەن قاتنىشىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ خىسلىتى، شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەردە يۈكسەلگەنلىكىدەك ياخشى ۋەزىيىتىنى پائال نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ياڭ گاڭ، فۇ چياڭ، شاۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.