ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 7 – نويابىر كەچتە قومۇلدا گەنسۇ ئۆلكىسى جيايۈگۈەن شەھىرىنىڭ ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
جيايۈگۈەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ما گۇاڭمىڭ باشلىقلىقىدىكى ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بۇ قېتىم قومۇل، تۇرپان ۋىلايىتىگە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش، كېڭىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن كەلگەن.
ۋاڭ لېچۈەن ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەرنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە زىيارەتتە بولدى. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى جاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. شىنجاڭنىڭ بايلىقى، بولۇپمۇ قومۇل ۋىلايىتىنىڭ كۆمۈر بايلىقى ناھايىتى مول، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئەمەلىي كۈچى بار چوڭ كارخانا –– چوڭ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، شەرققە ئېچىۋېتىلگەن ئېنېرگىيە، بايلىق چوڭ كارىدورىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتنى بىرلىكتە تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭ قاتارلىقلار، جيۇچۈەن پۇلات – تۆمۈر(گۇرۇھى) شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى يۈ خەييەنلەر كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.